ياشلىق خاتىرىلىرى
ئاپتورى:يۈسۈپجان سۇلايمان
باھاسى:15.00
2003-يىلى 10-ئاي 1-نەشرى
2003-يىلى 10-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
ISBN:7228082583
ئاپتورنىڭ تەرجىمىھالى
يۈسۈپجان سۇلايمان (ئەسلىي ئىسمى يۈسۈپجان زاكىر) 1968-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى قەشقەر يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ لومپا يېزىسىدا تۇغۇلغان ، ئەگۇس يېزىسىدا چوڭ بولغان باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەگۇس يېزىدا تاماملاپ ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى بىر مەزگىل ئوقۇغاندىن كېيىن توختاپ قالغان ھەمدە 1986-يىلى 10-ئايدا شەرەپ بىلەن ھەربىي سەپكە قاتناشقان . قىسىمدا تۆت يىل چېنىققاندىن كېيىن ، 1990-يىلى 9-ئايدا شىئەن قورۇقلۇق ئىنستىتۇتى ئۈرۈمچى تەلىم – تەربىيە چوڭ ئەترىتى غا قوبۇل قىلىنىپ تەرجىمانلىق كەسپىدە ئوقۇغان . كېيىن تاشقورغاندىكى مەلۇم ليەندە تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن . 1994-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ ھەربىي رايونى سىياسىي بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ كېلىپ تەھرىر بولغان .شۇنىڭدىن بۇيان ، ئۇ «خەلق ئارمىيىسى » گېزىتىدە ئەدەبىي تەھرىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
يۈسۈپجان سۇلايماننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتى جەڭچى ۋاقىتلىرىدا يەنە 1988-يىلىدىن تارتىپ باشلىغان ، «خەلق ئارمىيىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ۋەتەن سۆيگۈسى» ماۋزۇلۇق شېئىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنىڭ ئارمىيە ئىچى ۋە سىرتىدا ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 400 پارچىغا يېقىن شېئىرى ، 60 پارچىغا يېقىن ھېكايىسى ، 60 پارچىگە يېقىن نەسرى ۋە ئەدەبىي خاتىرىسى ، ئۈچ پارچە پوۋېستى ئېلان قىلىنغان . «قارلار جىمىرلايدۇ» ماۋزۇلۇق ھېكايىسى خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ، «كېچىنىڭ كۆزى» ماۋزۇلۇق ھېكايىسى «تارىم مۇكاپاتى» غا، «بۆرە» ، «پىغان» ،«يول» قاتارلىق ھېكايىسى ، «قەلب كۈيلىرى» ، «ئانام ئۈچۈن ئېيتقان ناخشىلار» قاتارلىق شېئىرلىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ گېزىت ئەدەبىيات بەتلىرىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق