تەۋەررۈك

ئاپتورى:غەيرەت ئابدۇللا

2007-يىلى 12-ئاي 1-نەشرى

2007-يىلى21-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-5000

باھاسى:88.00

ISBN:9787537157506

كىرىش سۆز

قولىڭىزدىكى بۇ روماننىڭ مۇئەللىپى – يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللا 1952-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ، 1970-يىلىغىچە ئاقسۇ شەھەرلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتەم ئوقۇغان ، 1970-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەچى يېزىسىدا قايتا تەربىيە ئالغان 1972-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىل – ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇپ ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان . ئۇ شۇنىڭدىن بۇيان ھازىرغىچە ئىزچىل «شىنجاڭ گېزىتى »ئىدارىسىدە مۇخبىر ، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كەلدى . بۇ جەرياندا ئۇ يەنە ، 1982-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاخبارات تەتقىقات ئورنى بىرلىكتە بېيجىڭدا ئاچقان شىنجاڭ ئاخبارات كادىرلىرى بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا، 1985-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇدى ۋە ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولدى.

يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللا «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشلىگەن 30 يىلىدىن ئارتۇق ئاخباراتچىلىق ھاياتىدا گېزىت تەھرىرلىكلىرىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىدا ئىشلەپ ، گېزىت خەۋەر – ماقالىلىرىنىڭ ساغلام ، پىششىق ، سۈپەتلىك ؛ گېزىت بەتلىرىنىڭ رەڭدار بولۇشىغا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ كەلگىنىدەك ، سەمەرىلىك ئاخبارات مۇخبىرى سۈپىتىدە ئاخباراتنىڭ ھەر خىل ژانىرلىرىدا نۇرغۇنلىغان نادىر ئاخبارات خەۋەر – ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ ، جامائەت ئىچىدە مۇئەييەن تەسىر قوزغاپ كەلدى. شۇڭا، ئۇ تەھرىرلىگەن ۋە ئۆزى يازغان ئاخبارات خەۋەر – ماقالىلىرى ھەم ئاخباراتچىلىققا دائىر ئىلمىي ماقالىلىرىدىن 20 نەچچىسى ئاپتونوم رايونلۇق ۋە مەملىكەت دەرىجىلىك ھەر خىل ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . 1996-يىلى ئۇ ئالىي مۇخبىر ئۇنۋانىغا ئىگە بولدى ، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايون بۇيىچە «ئون مۇنەۋۋەر ئاخبارات خادىمى» نىڭ بىرى، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم (1- دەرىجىلىك) بولۇپ باھالاندى ۋە جۇڭگو ئاخباراتچىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى شان – شەرىپى «فەن چاڭجياڭ ئاخبارات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ، ئۇ يەنە جۇڭگو ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى مۇدىرىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇپ سايلاندى.

يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا «تارىم » ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆردۈم تامچىدىن » ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ ئاز بولمىغان لىرىك شېئىرلىرى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىندى ۋە بۇ شېئىرلىرىدىن تاللاپ تۈزۈلگەن «گۈل زېمىن» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىندى. مۇشۇ مەزگىللەردە ئوتتەك قىزغىن ئىشتىياق بىلەن ئەل ئارىسىدا جاپالىق مۇخبىرلىق قىلىۋاتقان غەيرەت ئابدۇللا خەلق تۇرمۇشىدىن ئۆز ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە داۋاملىق مول ئوزۇق ئالدى ۋە تەدرىجىي شېئىر ئىجادىيىتىدىن ئەسەرلەر ئىجادىيىتىگە كۆچۈپ ، بىر نەچچە يىل ئىچىدە «پەگاھدىن تۆرىگە» ، «ئەقىدە» ، «تەخمىنەن مۇدىر» ، «شۇنداقمۇ ئاتا بار» ، «بەرھەق مەسلىھەت» قاتارلىق 20 گە يېقىن ھېكايە ، نەسر ، ئوچېرك، ئەدەبىي خاتىرىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدى .ئۇنىڭ مۇشۇ ئەسەرلىرىدىن تاللاپ تۈزۈلگەن «تىيانشان بويلاپ» ناملىق ھېكايە ، نەسرلەر توپلىمى ئۇنىڭ ئەينى چاغلاردىكى ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن تونۇشلۇقتۇر . دەرۋەقە ، خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشى يازغۇچىنى تاۋلايدىغان ۋە ئۇنىڭغا مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلىپ تۇرىدىغان خورىماس بۇلاق . ئەنە شۇ بۇلاقتىن سۇ ئىچىپ چاڭقىغىنىنى ئۈزلۈكسىز ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ كېلىۋاتقان يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللا بۇرۇنقى ئىجادىيەتلىرىنى ئۇل تېشى قىلغان ئاساستا يىرىك ژانىرى ئىجادىيىتىگە كىرىشىپ ، ئارقا – ئارقىدىن راۋاب پېشۋاسى تاشۋايغا بېغىشلانغان بىئوگراف قىسسە «تاش ئابىدە» ۋە «ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنلىرى» ناملىق رومانلارنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى . مۇشۇ مەزگىللەردە يەنە غەيرەت ئابدۇللا قۇشۇمچە ئەدەبىي تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ جۇڭگو ۋە چەت ئەل داڭلىق يازغۇچى ، شائىرلىرىنىڭ بىر قىسىم نادىر ھېكايە ، نەسر ، شېئىرلىرىنى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدى، ۋە ئۇ تەرجىمە قىلغان «ياڭ كەيخۇي ناخشىسى» ، «زەڭگەر كۆز» ، تارىخىي ئوقۇشلۇق «بەش مىڭ يىلنىڭ مابەينىدە» ،«تېرىپلىق قىز» ،«بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى» قاتارلىق كىتابلار ئارقا – ئارقىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى . ناھايەت ، جاپالىق ئەجىر – مېھنەت ئۇنى جەمئىيەتتە مۇئەييەن تەسىر ۋە ئورۇنغا ئىگە قىلدى . شۇڭا ، ئۇ ئۇزاق مەزگىللەردىن بۇيان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ كەلمەكتە.

قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ئۇيغۇر مۇقامچىلىقىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا بېغىشلانغان بۇ رومان يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللانىڭ يېقىنقى ئۈچ يىللىق جاپالىق ئىلمىي ئىزدىنىشىنىڭ مەسىلىدۇر . ئىشىنىمىزكى ، بۇ روماننى ئوقۇغان ئادەم ھەر بىر ئوقۇرمەن مۇقامچىلىق تارىخىمىزدىن بىر قەدەر تەپسىلىي ساۋاتقا ، مۇقامچى پېشۋالىرىمىز ھاياتىدىن يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش بىلەن بىللە ، تارىخىي چىنلىق يارقىن بەدىئىي ئۇسلۇبتا يورۇتۇپ بېرىلگەن بۇ تاڭسۇق ئەسەردىن ئۆزگىچە بەدىئىي ۋە ئېستېتىك زوق ئالغۇسى.

– نەشرىياتتىن

 

تۈرى :ئەدەبىي ئەسەرلەر, ئۇيغۇرچە كىتابلار | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى
مەن كەچكەن كېچىكلەر! مەن كەچكەن كېچىكلەر!
ئەقىللىق قىز ئەقىللىق قىز
شەجەرەئى تۈرك شەجەرەئى تۈرك

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.