ئاق يېغىن
ئاپتورى:چىيۇڭ ياۋ(تەيۋەن)
باھاسى:15.00
1991-يىلى2-ئاي 1-نەشرى
2000-يىلى 6-ئاي 2-بېسىلىشى
تىراژى:1750-4750
ISBN:7228012941
قىسقىچە مەزمۇنى
بۇ تەيۋەننىڭ مەشھۇر ئايال يازغۇچىسى چيۇڭ ياۋنىڭ داڭلىق رومانى . بۇ ئەسەردە گومىنداڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى لۇ جېنخۇا ئائىلىسىنىڭ تەيۋەنگە بارغاندىن كېيىنكى پاجىئەلىك ۋەيرانچىلىقى تەسۋىرلىنىدۇ.
ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى غۇرۇرى كۈچلۈك ، ئىرادىلىك ھېسسىياتقا باي قىز لۇ يىپىڭنىڭ مۇرەككەپ ئائىلە مۇناسىۋىتى تۈپەيلى دادىسى لۇ جېنخۇا ۋە شۇ ئائىلىدىكىلەرگە ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالماقچى بولغانلىقى ، شۇ مەقسەتتە ئىدراكلىق ، ئالغا ئىنتىلىشچان يىگىت خې شۇخۇننى ئانا باشقا ھەدىسىدىن تارتىۋېلىش ئويۇنىنى ئوينىماقچى بولغانلىقى ، كېيىن ئىش راستقا چىقىپ ئۇ يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ مۇھەببەت باغلىغانلىقى ، ئۆچ ئىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەي ئاخىر ئەينى يىللاردا جاھان سورىغان ، قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان ، تەيۋەنگە كەلگەندىن كېيىن كېلىش مەنبەسى ناتوغرا بولغان پۇل – دۇنياغا تايىنىپ ئاسايىشلىق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان لۇ خېنخۇا ئائىلىسىنى ئۈزۈل – كېسىل ۋەيران قىلغانلىقى جانلىق ، تەسىرلىك ، قىزىقارلىق ھېكايە قىلىنىدۇ.
لۇ يىپىڭنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ئارزۇسى تولۇق ئىشقا ئاشىدۇ . ئەمما بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇ دادىسى ، قېرىنداشلىرى ۋە چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرىدىغان يىگىتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن غەلىبىسىدىن شادلىنىپ كۈلەلمەيدۇ ، ئەكسىچە چوڭقۇر پۇشايمان ، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز دەرد – ئەلەمدە قالىدۇ.
ئاپتور تەبىئەت ھادىسىسى بولغان «ئاق يېغىن » نى تېما قىلىش ئارقىلىق كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپلىكى ، ئۆز ئارا چۈشىنىشنىڭ تولىمۇ قىيىن ئىكەنلىكى ئۇستىلىق بىلەن تەسۋىرلەپ ، ئىنسان تەبىئىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىدۇ ، ئۇنى ئىجتىمائىي ھادىسىلەر بىلەن زىچ بىرلەشتۈرىدۇ.
بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندا كىتابخانىلار ۋەقەلىكنىڭ تەبىئىي باغلىنىشى ، تۇرمۇش پۇرىقىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ، پىكىرنىڭ چوڭقۇرلىغىنى ھېس قىلىدۇ.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق