لەگلەك قوغلىغۇچى بالا

ئاپتورى:خالىد ھۈسەيىن

باھاسى:45.00

2010-يىلى 11-ئاي 1- نەشرى

2010-يىلى 11-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى: 1-3000

ISBN:9787228139354

كىرىش سۆز

خالىد ھۈسەيىن 1965-يىلى كابۇلدا تۇغۇلغان ، كېيىن دادىسى بىلەن ئامېرىكىغا قېچىپ بېرىپ سان خوسې شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان . ئۇ كالفورىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سانتىئاگو تېببىي ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ، ھازىر كالىفورنىيە ئىشتاتىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ . «لەگلەك قوغلىغۇچى بالا» ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر 2003-يىلى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارالىق بازىرى ئىتتىك رومانغا ئايلىنىپ ، قىرىق سەككىز دۆلەتتە خىلمۇخىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان . ئۇنىڭ 2007-يىلى مايدا نەشر قىلىنغان ئىككىنچى رومانى «مىڭ پارلاق قۇياش» يىگىرمە بەش دۆلەتتە خىلمۇخىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان . ئۇ بۇ ئىككى ئەسىرى بىلەن نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن ، 2006-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئاگېنتلىقى ئۇنىڭغا «دوستلۇق ئەلچىسى» دېگەن نامنى بەرگەن . ئۇ يەنە «دەۋر» ژۇرنىلى ئېلان قىلغان «2008-يىلىدىكى دۇنيا بويىچە تەسىرى ئەڭ زور يۈز كىشى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن .

«لەگلەك قوغلىغۇچى بالا» ناملىق ئەسەردە مۇنداق ۋەقەلىك بايان قىلىنغان : ئافغانىستانلىق ئون ئىككى ياشلىق ئامىر بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتكارى ھەسەن يېقىن دوستلاردىن ئىدى . بىر قېتىملىق لەگلەك ئۇچۇرۇش مۇسابىقىسىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق ۋەقەدىن كېيىن ئامېر ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىدىن ۋىجدان ئازابى تارتىپ ، ھەسەن بىلەن ئۇنىڭ دادىسى ئەلىنى ئۆيدىن كەتكۈزۈۋېتىدۇ . ئۇزاق ئۆتمەي ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلغاندا ، ئامىر دادىسى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىغا قېچىپ كېتىدۇ.

ئامىر چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ ھەر قەدەمدە ئۆزىنىڭ ھەسەنگە يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قاتتىق ئازابلىنىدۇ. ئامىر گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن ، ئايرىلغىنىغا يىگىرمە نەچچە يىل بولغان يۇرتى ئافغانىستانغا بېرىپ ، ئۆزىنىڭ بەختسىز دوستى ئۈچۈن ئاخىرقى قېتىم ياخشى ئىش قىلىپ بەرمەكچى بولىدۇ ، بىراق ئويلىمىغان يەردىن دوستى ھەسەن ئۇنىڭ ئاتا بىر ئانا باشقا ئىنىسى بولۇپ چىقىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئامىر ئۆلۈپ كەتكەن ھەسەننىڭ ئوغلىنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېتىدۇ . بىر قېتىملىق يىغىلىشتا ئامىر يەنە بىر قېتىم لەگلەك ئۇچۇرىدۇ…

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

«تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ جۇغراپىيىلك قىممىتى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ جۇغراپىيىلك قىممىتى
ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى(1-،2-قىسىم) ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى(1-،2-قىسىم)
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى
يېڭى ھايات يېڭى ھايات
海米赛现象”与维吾尔文学“ 海米赛现象”与维吾尔文学“

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

    • پەرىدە
    • 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 15:24:51

    بۇ كىتاپنىڭ خەنچە نەشىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ھاسان ۋە ئۇنىڭ ئاتا بىر ئانا باشقا قېرىندىشى ۋەدوستىنىڭ كەچمىشلىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ئۆزۇمنى ئافغانىستانغا بېرىپ قالغاندەك، ئۆز ئەركىنى يوقاتقان ،ئىچكى زىدىيەتلەرنىڭ بىھۇدە قۇربانى بولىۋاتقان ئافغانىستنلىقلارنى كۆرگەندەك بولدۇم،كىتاپنىڭ كىنوسىمۇ باركەن ئەمما كىتاپتىكىدەك تەسىرلىك ئەمەسكەن.

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.