ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى(1-،2-قىسىم)

ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى(1-،2-قىسىم)

باھاسى:40.00(ئومۇمىي باھاسى)

ئاپتورى:ۋاڭ جىلەي

2000-يىلى 11-ئاي 2-نەشرى

2000-يىلى 11-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:2201-5200

ISBN:7228022637

                                                                                               كىرىش سۆز

    مەن 1958-يىلى شىنجاڭغا كېلىپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەت تارىخىنى تەكشۈرۈش – تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقانىدىم . 1959-يىلى ،بېيجىڭ داشۆ مېنى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىغا رەسمىي تەقسىم قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر 20 نەچچە يىل ئۆتتى . بۇ 20 نەچچە يىل داۋامىدا مەن ئاساسلىقى شىنجاڭ تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇنلانغاندىن باشقا ، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخى دۇنيا ئوتتۇرا ئەسر تارىخىنىڭ مەزمۇنى ئەڭ مول بولغان بىر تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ .

    دۇنيا ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى كونا تاش قۇرال دەۋرىگچە سۈرۈش مۇمكىن . ئامۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىن تېپىلغان مەشھور تېشىك تاش قەدىمكى ئادىمىنىڭ يىل دەۋرى مەملىكىتىمىزنىڭ دىڭسۈن ئادەملىرى ياشىغان دەۋرگە توغرا كېلىدۇ . يەنە باشقا جايلاردىن تېپىلغان بەزى كونا تاش قوراللارنىڭ دەۋرى تېخىمۇ ئىلگىرى بولۇشى مۇمكىن . ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بۆشۈكى دېيىشكە بولمىسىمۇ ، لېكىن ھېچبولمىغاندا ئرىئانلار بىلەن تۈركلەرنىڭ بۆشۈكى دەپ قاراشقا بولىدۇ . شۇڭا ، بۇ جاي دۇنيىئادىكى تۈرلۈك مەدەنىيەت مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولغان . تارىختىكى بىر قەنچە ئاساسلىق دىنلار ، مەسلەن شامان دىنى ، بۇددا دىنى ، مانى دىنى ، نېستورى مەزھىپىدىكى خىرىستىئان دىنى ۋە ئەسلام دىنى ئوتتۇرا ئاسىيا پەيدا بولمىغان بولسىمۇ . لېكىن ئەڭ دەسلەپتە مۇشۇ جايغا تارالغان ، مۇشۇ جايدا روناق تاپقان ۋە ئەۋج ئالغان . دىننىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا بەس – بەس بىلەن ئېچىلغان رەڭگارەڭ گۈللەرگە ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان . شۇڭا ، مۇنداق ئەھۋال مەيدانغا كەلگەنكى ، دېڭىز يولى ئېچىلىشتىن ئاۋۋال ، ئوتتۇرا ئاسىيا شەرق بىلەن غەربنىڭ قاتناش ۋە كارۋان يولىنىڭ ئۆتكىلى ، شۇنداقلا شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتى ئۇچراشقان رايون ۋە شۇ مەدەنىيەتنىڭ تارىلىش يولى بولغان . «يىپەك يولى» دەپ ئاتالغان يولمۇ جۇڭگو بىلەن غەربتىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينىغانلىقى ئۈچۈن ، ھازىرغا قەدەر ھەر قايسى ئەل خەلقلىرى تەرىپىدىن مەدھىيلىنىپ كەلمەكتە .

    ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى تارىختا شەرق بىلەن غەربتىكى ھەر قايسى ئەللەر بىلەن خېلى كۆپ مۇناسىۋەتتە بولغان . بولۇپمۇ ئۇ جۇڭگو بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان . ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى بىر مۇنچە مىللەتلەر جۇڭگودىن كەلگەن .  جاڭ چىيەن غەربىي يۇرتقا بارىدىغان يولنى ئاچقان ۋاقىتتىن باشلاپ ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇڭگو بىلەن بىۋاستە ئالاقە ئورناتقاندىن كېيىن ، بىر نەچچە قېتىم جۇڭگونىڭ زېمىن خەرىتىسىگە كىرگەن . «تارىخىي خاتىرىلەر » دىن كېيىنكى جۇڭگونىڭ ھەرقايسى قايسى دەۋرىدىكى تارىخ كىتابلىرىنىڭ «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» قىسىملىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەھۋالى خاتىرىلەنگەن . بۇلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخىغا دائىر ئەڭ مول ، توغرا تارىخىي ماتېرىياللار ھېسابلىنىدۇ . بۇ تارىخىي ماتېرىياللار ئارقىلىق ، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى يەنىمۇ تولۇقلاش – بىز جۇڭگو تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچىمىز ۋە قوشۇشقا تېگىشلىك تۆھپىمىز.

مەن بۇ كىتابنى كىتابخانلارنىڭ ئادەتتە كىشىلەرنگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان ئوتتۇرا   ئاسىيا تارىخىنى تېخىمۇ كۆپرەك چۈشىنۋېلىشى ئۈچۈن يېزىپ چىقتىم . كىتابنىڭ 1- قىسىمى يېزىلىپ بولغاندىن ككېيىن ، يولداش مايۇڭ كۆرۈپ چىقىپ تۈزىتىش كىرگۈزدى . يولداش شى كاڭيۈئەنمۇ قىزغىن ياردەم بەردى . بۇ كىتابنىڭ كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشنى ئۇلرنىڭ مەئەدىتى ۋە ياردىمىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ . شۇڭا ، ئۇلارغا ئالھىدە تەشەككۇر ئېيتىمەن.                                                                                                                                                                                               ئاپتور

يىل 9-ئاي ، ئۈرۈمچى-1979

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, تارىخ -مەدەنىيەت | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

ئولۇغبەگ خەزىنىسى ئولۇغبەگ خەزىنىسى
ئوتلۇق نەپەسلەر ئوتلۇق نەپەسلەر
ئاياللىققا قايتىش ئاياللىققا قايتىش
يازغۇچى بولماق تەس يازغۇچى بولماق تەس
كىتاب ئوقۇش ئادىتى كىشىلىك دۇنيانى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ!! كىتاب ئوقۇش ئادىتى كىشىلىك دۇنيانى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ!!

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.