دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كرۇزو

دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كرۇزو

ئاپتورى:دانېل دېفو

باھاسى:35.00

2008-يىلى 6-ئاي 2-نەشرى

2008-يىلى 6-ئاي 2-بېسىلىشى

تىراژى:1-5000

isbn:9787228117093

                                                                                       مۇھەررىردىن

    دانېل دېفو (1660-يىلى 1731) ئەنگىلىيىنىڭ 18-ئەسىردىكى مەشھۇر يازغۇچىسى . ئۇ كىچىك سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ، ياش ۋاقىتلىرىدا تىجارەتچىلىك قىلغان ، خىش زاۋۇتىمۇ قۇرغان ، سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ بەزى كىتابلارنىمۇ يازغان ۋە ھۆكۈمەتكە قارىشى كۆز قاراشلىرىنى ئېلان قىلغانلىق تۈپەيلى تۈرمىلەردىمۇ ياتقان ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاخبارات ساھەسىدە خىزمەت قىلىپ «ئوبزور گېزىتى»نى باشقۇرغان؛ 1719-يىلى ، يەنى 59 ياشقا كىرگەن يىلى يىلى «دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كرۇزو» نى يازغان . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى باشلىنىپ ، «پاراخوت باشلىقى سېنگرتون» ، «مور فراندىس»، «مايور جاك» ،«روككارنا» ، «لوندوندىكى يۇقۇملۇق كېسەل» ، «بىر رىتسارنىڭ ئەسلىمىلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان . ئۇنىڭ يەنە «برىتانىيە ئارىلى ئەتراپىدا ساياھەت» ، «سودىگەرلەر قوللانمىسى» ، «.ئەنگىلىيىنىڭ سودا پىلانى» قاتارلىق سىياسىي ، ئىقتىسادىي ئەسەرلىرىمۇ بار.

    «دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كرۇزو» دېفۇننىڭ ئىدىيىۋىلىكى ۋە بەدىئىيلىكى ئەڭ ياخشى ئەسىرى بولۇپ ، بۇنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق :روماننىڭ باش قەھرىمانى روبىنزون تىنچ ھاياتتىن بىزار بولۇپ چەت ئەلگە بارماقچى بولىدۇ . ئاتىسىنىڭ نەسىھەت قىلىپ توسۇشلىرى ، كېمىنىڭ غەرق بولۇش ساۋاتلىرى ئۇنى نىيىتىدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ . ئۇ ئۈچ قېتىم ئۇزۇن سەپەر قىلىپ مەۋرلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلغاندىن كېيىن برازىلىيىدە يەر زېمىن سېتىۋالىدۇ . ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇشۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ بېيىشقا باشلايدۇ ، لېكىن ئۇ غۇجىدارنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلاپلا يەنە سەپەرگە چىقىپ دېڭىزدا ھادىسىگە ئۇچرايدۇ – دە ، دولقۇنلار ئۇنى ئارالغا چىقىرىپ تاشلايدۇ . بۇ ئارالدا ئادەم تۇرماق ئىنسۇجىنمۇ يوق ئىدى. ئۇ كېمىنىڭ موما ياغىچىدىن سال ياساپ كېمىدە قېلىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى قىرغاققا توشۇپ كېلىدۇ – دە ، تاغنىڭ يېنىدا بىر كەپە قۇرۇپ ئولتۇرىدۇ . ئۇ ئوۋلىغان نەرسىلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىپ ، بۇلاق سۈيى ئىچىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ . دەسلەپكى قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەندىن كېيىن ھارغانلىقى بىلەن ھېسابلاشماي ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىكىنى كېڭەيتىدۇ . ئۇ ئاشلىق تېرىپ ، ئۇن تارتىپ ، نان پىشۇرىدۇ ، كېيىن ساپال قاچىلارنى ياسايدۇ ، باغ بىنا قىلىپ يايلاق ئاچىدۇ ھەم ئىككى ئېغىز ئۆي سالىدۇ . ئۇ مۇشۇنداق تۇرمۇشنى يىگىرمە تۆت يىل كەچۈرۈش جەريانىدا توختىماستىن كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ ، ھەر كۈنىدىكى تۇرمۇشنى خاتىرىلەپ بارىدۇ . 24-يىلىغا كەلگەندە ئارالدا مۇنداق كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بېرىدۇ : قوشنا ئارالدىكى ئادەمخور ياۋايى ئادەملەر قۇللارنى بۇلاپ كېلىپ ئارالدا يېمەكچى بولىدۇ . روبىنزون ئۇلارغا ئوق چىقىرىپ بىر قىسمىنى ئۆلتۈرىدۇ ، بىر قىسمى قورقۇپ قېچىپ كېتىدۇ . ئۇ ئۆزى قۇتۇلدۇرۇۋالغان بىر قۇلغا «جۇمە» دەپ ئىسىم قۇيۇپ ، ئۇنى ئۆزنىڭ خىزمەتكارى قىلىۋالىدۇ . بىر كۈنى رونبىنزون بىر ئەنگىلىيە قىرغاققا توختىغاندا ، ماتروسلار ئىسيان كۆتۈرۈپ كېمە كاپىتانى قاتارلىق ئۈچ ئادەمنى قىرغاققا تاشلىۋەتكەنلىكىنى بايقايدۇ . روبىنزون بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ كېمىسىنى قايتۇرۇۋېلىشىغا ياردەملىشىدۇ ، بەزى ماتروسلار جىنايىتىدىن قورقۇپ ئەنگىلىيىگە قايتىشنى خالىماي ئارالدا قالىدۇ . روبىنزون بىلەن جۇمە ماتروسلار بىلەن بۇ كېمىگە ئولتۇرۇپ ئەنگىلىيىگە قايتىدۇ . ئۇ كېيىن ئارالنى قايتا كۆرگىلى كېلىدۇ ، بۇ چاغدا ئۇ ئارال زېمىننىڭ خوجايىنى ، تولۇق ھوقۇقلۇق ھۆكۈمرانى ھەم قانۇنچىسى بولۇپ قالغانىدى .

    دېفۇ بۇ روماندا ، ئەمگەكنى كۈيلەيدۇ ، ئادەمنىڭ تەبىئەتكە قارشى كۈرىشىنى مەدھىيىلەيدۇ. بۇ جەھەتتە بۇ ئەسەر بۈگۈنگىچە ئىجابىي ئەھمىيىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ مەشھۇر رومان نەشردىن چىقىشى بىلەنلا كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن . 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە بۇنىڭ ئۆز نۇسخىسى ، تەرجىمىسى ۋە ئۆزگەرتكەن نۇسخىلىرى 700قېتىمغا يېقىن نەشر قىلىنغان . 20-، 21-، ئەسىرلەرگە كەلگەندە بۇ سان تېخىمۇ كۆپەيدى ، ئەلۋەتتە.

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

زور ئىنقىلاب قاينىمىدا زور ئىنقىلاب قاينىمىدا
ئۇيغۇر تارىخى1،2-قىسىم ئۇيغۇر تارىخى1،2-قىسىم
كۆزۈڭنى ئاچ ئۆزىڭنى تاپ ئەركەكلەر  كۆزۈڭنى ئاچ ئۆزىڭنى تاپ ئەركەكلەر
ئاۋازلىق ئوقيا ئاۋازلىق ئوقيا
بەخىتسىز سەئىدىيە بەخىتسىز سەئىدىيە

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

    • جاھىت
    • 2015-يىلى 03-ئاينىڭ 1-كۈنى 01:49:38

    ئالاي دىگەن ئىدىم ئرلىش ئۇسۇلى ………..؟2398476588

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.