بەخىتسىز سەئىدىيە

ئاپتورى:ئەخەت تۇردى

باھاسى:29.00

2009-يىلى 3-ئاي 1-نەشرى

2010-يىلى 3-ئاي 2-بېسىلىشى

تىراژى:4001-7000

Isbn:9787537165013

سۆز بېشى

يىراق ئۆتمۈشنىتىكى ئەجدادلار ئىزىنى ئىزدەپ يۈرۈپ ، بۇ سەۋدايى يولغا كىرىپ قالدىم . نۇرغۇنلىغان ئەگىم – دوقاللار بىلەن سىرلىق قىستاڭلاردىن ھاسىل بولغان بۇ يول ئاخىرى مېنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ 17-ئەسىردىكى ھەسرەت – نادامەتلىك دەۋرىگە باشلاپ كەلدى .

سەلتەنەت مەھكۇملۇق بىلەن ، مەرىپەت نادانلىق بىلەن ، يورۇقلۇق جاھالەت بىلەن ئالماشقان بۇ دەۋر ھەقىقەتەنمۇ خەلقىمىز ھاياتىدىكى بىر پاجىئە ئىدى .

ۋەھالەنكى ، خەلقىمىزنىڭ ئۆتمۈشى ، مەيلى ئۇ قانچىلىك پاجىئەلىك ۋە دەھشەتلىك بولسۇن بىز ئۈچۈن بەرىبىر ئەزىز ھەم مۇقەددەس بولۇپ قېلىۋېرىدۇ . چۈنكى ، بۇ ئۆتمۈش يالغۇز پاجىئەلىك ۋە دەھشەتلىك بولسۇن بىز ئۈچۈن بەرىبىر ئەزىز ھەم مۇقەددەس بولۇپ قېلىۋېرىدۇ . چۈنكى ، بۇ ئۆتمۈش يالغۇز پاجىئە ۋە قارا كۈنلەردىنلا ئىبارەت ئەمەس ، بەلكى يەنە قاراڭغۇ زۇلمەتنى ئۆز شولىسى بىلەن يورۇتماقچى بولغان نۇرغۇن مەشئەلچى ، چىراغچىلارنىڭ تارىخ قاتلاملىرىغا سىڭىپ كەتكەن بۈيۈك ئىختىرالىرى ، كۈرەشلىرى ۋە تارىخ نۇرى بىلەن چاقنىغان يورۇق كۈنلىرىدىنمۇ ئىبارەتتۇر!

ئىشەنچ بىلەن يولغا چىقتىم ، يولۇمنى ئەنە شۇلار يورۇتتى ، كۆز ئالدىمدا ئەنە شۇ ئۆلمەس سېيمالار گەۋدىلىنىپ ، ماڭا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ تۇردى .

 

تۈرى :ئۇنۋېرسال | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

سەرسان روھ سەرسان روھ