ھايات جىلۋىسى
ئالىمجان ئىسرائىل
باھاسى:26.00
2009-يىل 8-ئاي 1-نەشرى
2008-يىل 1-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-4000
Isbn:9787537174466
مۇقەددىمە
فابرىكىدىكىلەر تەقەززا بولغان كۈن ئاخىر كەلدى.
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن فابرىكىدىكى پۈتۈن – ئىشچى خىزمەتچىلەر قاتناشقان چوڭ يىغىندا زاۋۇتنىڭ تەقدىرى ئېنىق بولدى . نازارەتتىن كەلگەن باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ ، ئەللىك يىللىق تارىخقا ئىگە فابرىكىنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسىنى ئالاھىدە ماختاپ ، ئاخىرىدا فابرىكىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولغانلىقىنى ، ئىشلىگەن مەھسۇلاتلىرى ھازىرقى بازار ئىگىلىكىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كەلمەي قالغانلىقى ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى ، فابرىكىنىڭ ئورنىنى ئىچكىرىدىن كەلگەن ئۆي – زېمىن قۇرۇلۇش شىركىتى سېتىۋاپتۇ . ئۇلار بۇ يەرگە ئولتۇراق تاۋار ئۆي سالىدىغان بوپتۇ .
يىغىن مەيدانىنى غۇلغۇلا قاپلىدى . ئىشچىلار بىر نەچچىدىن غۇژمەك بولۇشۇپ ، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدە باش قاتۇرۇشقا چۈشتى :
– ئەمدى نېمە ئىش قىلارمىز ئاداش
– سېنىڭغۇ ئاشپەزلىك ھۈنىرىڭ بار ، ئاشخانا ئاچارسەن ؟ مەن قانداق قىلارمەن ؟
– داداڭ ساتىراش بولغاندىن كېيىن شۇ ھۈنەرنى قىلمامسەن ؟
– ئۇ ھۈنەرنىمۇ ھازىر قىزلار قىلىدىغان بولۇپ كەتتى ، ھازىر ساتىراشخانىدىن يولا نېمە يوق…
– مەن تېخى بۇ يىل پېنسىيىگە چىقىپ ، ئوغلۇمنى ئورنۇمغا تىقارمەن دەپتىكەنمەن ، بۇمۇ سۇغا چىلاشتى…
– قايسى ئوغلۇڭنى؟
– بەشىنچى بالامنىچۇ ، مايلامچىلىق قىلىۋاتقان ئوغلۇمنى …
– بالىنىمۇ ھارماي تېپىپتىكەنسەن – دە
فابرىكىدا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كادىرى غۇلامنىڭ يېنىغا خوجىلىق بۆلۈمىدە زاپخوزلۇق قىلىدىغان قوشنىسى ئەلى كەلدى:
– دۇمبىقىمىزمۇ يېرىلدى مانا ، – دېدى ئۇ بېشىنى چايقاپ ، – ئەمدى جاننى قانداق باقىمىز ئاداش؟
– سېنىڭ ئامالىڭ جىققۇ ؟ – دېدى غۇلام .
– سەنغۇ غەم قىلمايسەن ، رۇقىيەنىڭ مائاشى يۇقىرى … بىزدىكىلەرنىڭ كۈنى تەس بولدى دېگىنە ، پېنسىيىگە چىقساقمۇ بېرىدىغىنى چاغلىق ئىكەن ، ئۇنىڭغىمۇ نەق پۇل بەرمەي بېسىلىپ قالغان رەختلەرنى قولتۇقلىتىپ قۇيىدۇ دېگىنە ، ئۇنى ساتىمەن دەپ نەدە سۆرەپ يۈرىمەن ، ھېلىمۇ نەچچە ۋاقىتتىن خوتۇنغا بولۇپ بەردى . ئۇلارنى توي – تۆكۈن ، نەزىر – چىراغقا تاۋاق قىلىپ ئاپىرىپ بىر يەرگە ئاپاردى .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق