كەلگۈسىنىڭ شائىرى
كەلگۈسىنىڭ شائىرى
ئاپتورى:مۇھەممەت شاھنىياز
باھاسى:20.00
2007-يىل 7-ئاي 1-نەشرى
2007-يىل 7-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:2000
Isbn:9787105084067
مۇقەددىمە
1906-يىلى6- ئاينىڭ 15-كۈنى تاڭ سەھەر .
ئىدىقۇت تېغى كەينىدىن كۈلۈپ چىققان قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرىدا كۆككە بوي سوزغان تۇرپان مۇنارى يىراقتىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى . تۇرپان يېڭىشەھەرنىڭ شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان بازىرىدا ئەتىگەن بولغاچقىمۇ ئادەم كۆرۈمەيتى . شەھەرنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدىن كوچا بويلپ غەربكە قاراپ ئىككى چاقىرىمدەك ماڭغاندا ، ئاندىن كېچىكرەك بىر مەيدانغا چىققىلى بۇلاتتى . مەيداننىڭ جەنۇبىي تۇرپاندىكى داڭلىق قازىخانا مەسچىتىگە تۇتۇشاتتى . شىمالىي تەرەپتە پاكار – پاكار كىچىك دۇكانلار غېرىبسىنىپ قالغان مۇساپىردەك چۇقچىيىپ تۇراتتى . مەيداننىڭ غەربىدە راھىبسىز قالغان شىڭ سۇڭمىياۋ بۇتخانىسى توپا – چاڭغا غەرق بولۇپ مىسكىن كۆرۈنەتتى . بۇ بۇتخانىنىڭ شىمالىي تەرىپى شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان سودىگەر كۇچىسى بىلەن تۇتۇشاتتى . سودىگەر كوچىسىغا كىرىپ غەربكە قاراب بىر چاقىرەمدەك يول يۈرگەندە كوچىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان سودىگەر مەسچىتىنىڭ ئالدىغا چىققىلى بۇلاتتى .
بۈگۈن ئەتىگەندە سودىگەر مەسچىتنىڭ ئالدىدا نامازدىن يانغان بىر توپ ئادەم چوڭ سودىگەر مىجىت ھاجىنىڭ ئورىۋالغىنى ئىدى . مىجىت ھاجى بۇ يىل ئەتيازدا روسىيەگە سودىغا كېتىپ تېخى تۈنۈگۈنلا نۇرغۇن مال ئېلىپ قايتىپ كەلگەن ئىدى . كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بېشىغا يوغان سەللە ئورىغان ، كۆزلىرى چوڭ ، قاڭشارلىق ، ئىككى مەڭزى گىردىدەك قىزىل پارقىراپ تۇرىدىغان ، ئەپچىل ياسىنىۋالغان ، قاپقارا ساقال – بۇرۇتىدىن 45 ياشلردا ئىكەنلىكىنى جەزم قىلىشقا بولىدىغان مىجىت ھاجى ھەممە كىشىنى ئۆز ئاغزىغا قارىتىۋالغانىدى .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق