شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر
شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر
ئاپتورى:شېرىپ خۇشتار
باھاسى:28.00
2000-يىل 9-ئاي 1-نەشرى
2000-يىل 9-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
Isbn:7228058801
ئاپتوردىن
مەن بالىلىق چاغلىرىمدىلا كونا جەمئىيەتتىكى مىلىتارىستلار قوزغىغان تۈرلۈك ئۇرۇشلارنى ۋە خىلمۇ خىل ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم . بۇ قانلىق پاجىئەلەر مېنى ئۆتمۈشنى چۈشىنىشكە قىزىقتۇردى . شۇڭا ، چارەك كەم بىر ئەسىر ياشىغان ئۆمرۈمنىڭ مەنىلىك ئۆتكەن ئاشۇ بىر قىسمى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ماتېرىيال توپلاشقا كىرىشتىم . بىراق ،ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرى توپلىغان بىھىسات ماتېرىياللىرىم زامانە گۈلخانلىرىدا كۆيۈپ كۈل بولدى ! بىراق ، مەن ھاياتنىڭ بۇ رەھىمسىزلىكى ئالدىدا ھەرگىز تىز پۈكمىدىم ! تەن بەرمىدىم !! تىرىشىپ – تىرمىشىپ يېڭىۋاشتىن ماتېرىيال توپلاشقا كىرىشتىم !!! ئېغىر تۇرمۇش ئاسارىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۆتكۈزگەن كېيىنكى 24 يىللىق ھاياتىمنىڭ بىر كۈن ، ھەتتا بىر سائەتنىمۇ بوش ئۆتكۈزمەي ، ئوقۇغان ، ئاڭلىغان ، كۆرگەن ، بىلگەنلىرىمنى تەكرار – تەكرار ئەسلەپ ، بىر – بىرلەپ خاتىرە يېزىپ ، رەتلەپ ماڭدىم . ئالتايدىن خوتەنگىچە ، قۇمۇلدىن تاشقورغانغىچە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت ئىزى قالغان ۋۇۋى ، جاڭيې ، لەنجۇ ، نەنجىن ، شاڭخەي ، بېيجىڭ ، تىيەنجىن ، خاربىنلارغىچە بېرىپ ، سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، سودا ، مەدەنىي – مائارىپ ، ئەدەبىيات – سەنئەت ، ھۈنەر – سەنئەت ، ساقلىقنى ساقلاش ، ھۈنەر – كەسىپ ، ئۆز دەۋرىگە خاس بولغان مەشھۇر شەخسلەر تەرجىمىھالى ، ئاسارە – ئەتىقە ، ۋەسىقە – تەۋلى ، ھۈنەر – كەسىپ ئەندىزى ، تارىخىي سۈرەت ، جايلاردا بارلىققا كەلگەن تۈرلۈك مەدەنىيەت ھەرىكەتلىرى ۋە ھۈكۈم سۈرگەن ئەۋھامىي خۇراپاتلىق ، خەلقىمىزنىڭ ئىستىبدات ھاكىمىيەتكە ۋە چەت ئەل مورساخىلسىگە قارىشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ، ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلار ئۈستىدە يازما – ئاغزاكى ماتېرىيال توپلىدىم . شارائىت يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا بىر قىسىم ماتېرىياللارنى ئېلان قىلدىم . قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب مانا شۇلارنىڭ سەمەرىلىرىدىن بىرىدۇر !
بىراق ، بۇ كىتاب ماتېرىيال سۈپىتىدە ئەمەس ، پەقەتلا ئۇچۇر شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقتى . مەسىلەن ، ماجۇڭيىڭ توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە 40 پارچىغا يېقىن ماقالە ئېلان قىلىندى . مەن ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندىم ياكى ئوخشاش بولغان مەسىلە ئۈستىدە ، ئابزاس بەزىدە بەت بۇيىچە ئەينەن ئالدىم . بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار كىتابتا مۇستەسنا ئەمەس ؛ يەنە بوش ئورۇننى تولدۇرۇش مەقسىتىدە ، مېنىڭدىن تولۇقراق يېزىلغان «باي سىجاڭ» ، «ھەمدەم بەگ ھاجى» قاتارلىقلارنىڭ تەرجىمىھالىنى ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىز ئارىيەت ئېلىپ بۇ كىتابقا كىرگۈزدۈم.
كىتابتا يورۇتۇلمىغان تەرەپلەر ۋە مەسىلىلەر كۆپ ، شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ سەۋەنلىكىمنى ئەپۇ قىلىش بىلەن بىللە ، داۋامىنى يېزىشىمغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن پايدىلىق بولغان تەنقىدىي پىكىرلىرىنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . مېنى مول ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتكەن بارلىق ئاقكۆڭۈل كىشىلەرگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
بەك ئېسىلكەن.
بۇ كىتابنىڭ يەنە بىر خىلى بار مۇشۇ ئاپتورنىڭ ،،ئىچىدىكى ئوخشىمايدۇ