بالدۇرقىغا ئوخشىماس
بالدۇرقىغا ئوخشىماس
ئىمىن تۇرسۇن
باھاسى:8.00
2005-يىل 11-ئاي 1-نەشرى
2005-يىل 11-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-2000
‘Isbn:7537152853
قەدىردان ئوقۇرمەنگە
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
قولىڭىزدىكى بۇ گۈلدەستىگە ئالدىنقى ئەسىرىمىزنىڭ 90-ئۆدىدە ۋە يېڭى ئەسىر كىرگەندە يېزىلغان بىر بۆلۈك شېئىرلىرىم جەملەنگەن . دەرۋەقە ، شېئىرىيەت مىزانىغا سېلىنسا ،جىڭغا ئولتۇرمايدىغانلىرى تولا . ئەمما ، شېئىر – ھېس – تۇيغۇلاردىن تۇغۇلغان تەپەككۇر مېۋىلىرىدۇر . ئۇنىڭغا ھېسسىي خاسلىق سىڭگەن . شۇڭا بۇ يازمىلىرىمنى ئۆزۈمچە شېئىر ھېسابلاپ ئوقۇرمەنلەرگە قايتا سۇنغۇم كەلدى . ئوقۇشنى لايىق كۆرگەنلەر ئوقۇپ بېقىپ ، بىرەر چۈشەنچە ھاسىل قىلالىسا ، مەن بىلەن ئورتاق ھېسسىياتقا ئىگە بوپتۇ ، دەپ سۈيىنىمەن .
ھەر زاماننىڭ ئەدەبىياتىغا قويۇلغان ئۆلچەملىرى بولىدىغانلىقى ئوقۇرمەنلەرگە ئايان . زامان ئەھلى ، بولۇپمۇ قەلەمكەشلەر بىلىپ تۇرۇپ ئەنە شۇ ئۆلچەمدىن چەتنەپ كېتەلمەيدۇ . زاماننىڭ رېئاللىقى ئەينەن تەسەۋۋۇر ئەينىكىدە كۆرسىتىلسە ، ئۇ ناتۇرالىستىك تەسۋىر بولىدۇ ؛ ئىقبال – ئىستەك خاھىشى بىلەن يۈكسەلدۈرۈلسە ، ئۇ رومانتىكىلىق سۈرەت بولىدۇ . ھەر قانداق شائىرنىڭ قەلىمى بۇ ئىككى جەھەتتىن خالىي يۇلالمايدۇ . ئەمما ، شۇ نەرسە مۇھىمكى ، ئەدىب ئۆز خەلقىنى ئۆزگىگە تونۇتۇش ئۈچۈن يازىدۇ ؛ خەلقىنى ئۆزگىگە تونۇتۇش ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن ، ئۆزى ئوبدان تونۇمىقى شەرت . بەزىلىرىمىز خەلقىمىزنى شەكلەن تونۇيمىز ، قەلبەن تونۇپ يېتەلمەيمىز – دە ، يۈزەكى ھادىسىلەرنى ماھىيەتلىك پاكىت قىلىپ قويىمىز . مەيلى ھادىسىلەرنى ساتىرا ئوقىغا تۇتۇپ جازالايلى ، ياكى مۇبالىغە لۇغىتى بىلەن ماختايلى ، بۇنىڭ بىرى ، ئاچچىق سۆز بىلەن كايىش ؛ يەنە بىرى ، تاتلىق گەپ بىلەن بەزلەش . ئىككىلىسىدىن مەقسەت – ھادىسىلەرنىڭ تۈگۈنىنى تېپىش ۋە ئۇنى يېيىشكە ئىنتىلىشتىن ، بۇنىڭ بىلەن ئىقبالنى كۆزلەش ۋە سۆزلەشتىن ئىبارەت.
شېئىرىيىتىمىزدە ھازىر ئىلگىرىلەش ۋە يۈكسىلىش بار . شېئىرىيەت سېپى ، بالدۇر چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ چۈشۈش قانۇنىيىتى بۇيىچە ، ئىقتىدارلىق ، ھوسۇللۇق ياش شائىرلار بىلەن ئۇلغىيىۋاتىدۇ . بىر مىللەتتە شائىر قانچە كۆپ بولسا ، ئۇ مىللەت شۇنچە ھېسسىياتچان ، تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئۈمىدۋار ، تىل – پاساھەت سورۇنىدا سەنئەتكار بولىدۇ .
دەرۋەقە خاماننى تەمسىل قىلساق ، خامانغا توشۇلغىنى «ئەنجۈ» ئىكەن ، چەش ھالىتىگە كەلگۈچىگە ، ئۇ پاخالدىن خالاس بولمايدۇ . شۇڭا پاخالدىن قېچىپ ، چەشتىن ۋاز كېچەلمەيمىز . بەرىبىر يانجىلىپ – سورۇلۇپ ، «ئۈنچە» لىرى ئايرىلىپ چىقىدۇ . خەلقىمىزنىڭ كۈتىدىغىنى ئەنە شۇنداق «ئۈنچە» . كۆپلىگەن شائىرلىرىمىز شۇنىڭ ئۈچۈن يۈرەك قانلىرىنى سەرپ قىلىۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ ئەجرى بىكارغا كەتمەي ، ئەقلى زاكاۋىتى ، مۇھەببىتى قۇدرىتىدىن خەلقىمىز كۈتكەن «ئۈنچە» دۆۋىلىنىۋېرىدۇ . ھەقىقىي ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ «خامىنى» ھاسىل بولىدۇ . بۇ – ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بارلىقى ۋە بايلىقىنىڭ بىر سىمۋولى . مەنمۇ شۇ خامانغا بىرەر باغ «ئەنجۈ» قوشتۇم . پاخىلىدىن ئايرىلسا ، بىر قانچە دانە «ئۈنچە» چىقىپ قالار ، دېگەن ئۈمىدتە ۋە بەختىيارلىق تۇيغۇسىدا بولۇرمەن .
تەشەككۈرلىرىم بىلەن :
ئىمىن تۇرسۇن
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق