قۇتادغۇبىلىك ۋە قانۇن

قۇتادغۇبىلىك ۋە قانۇن

ئاپتورى:يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى

ئەسلى باھاسى:6.00(سېتىلىش باھاسى:50.00)

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

1993-يىل 2-ئاي1-نەشرى 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-2500

Isbn:7228023889

قىسقىچە مەزمۇنى

بۇ كىتابتا XI ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق مەشھۇرئەسىرى ۋە ئۇنىڭدىن قانۇن مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ، بۇ كىتاب «مۇقەددىمە» ، يەتتە باب ۋە «خاتىمە» دىن تەركىب تاپقان ، بىرىنچى بابتا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك» قانۇنچىلىق جەھەتتىن تونۇشتۇرۇلىدۇ . ئىككىنچى بابتا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى «تۆرۈ»(قانۇن) ۋە ئۇنىڭ دەۋر خاراكتېرلىك مەزمۇنىلىرى شەرھلىنىدۇ . ئۈچۈنچى بابتا ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام جامائەت قانۇنى تەلىماتنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» كە كۆرسىتكەن تەسىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ .بەشىنچى ، ئالتىنچى بابتا «قۇتادغۇبىلىك» تە قەيت قىلىنغان قاراخانىلارنىڭ ئەلنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلغان دەۋرلىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قانۇن ئىدىيىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى تەتقىق قىلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ قانۇنشۇناسلىق تارىخىدا تۇتقان ئورنىغا باھا بېرىلىدۇ ، ئەڭ ئاخىرقى بابتا «قۇتادغۇبىلىك» تە بۈگۈن ئۈچۈن ئەينەك قىلىشقا تېگىشلىك ئالتە مەسلە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ .

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدە ناھايىتى نۇرغۇنلىغان مول ۋەنادىر مۇۋەپپەققىيەتلەر مۇجەسسەملەنگەن . سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى يېڭى تارىخىي دەۋردە ،ئۇنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدىكى مۇۋاپىق تەرەپلەرگە ۋارىسلىق قىلىش – يولداش جياڭ زېمىننىڭ «مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ جەۋھىرىنى ئېلىپ ، شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلاپ ۋە ئۇنى دەۋر ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇپ ، كونىسىنى چىقىرىپ تاشلاپ يېڭىسىنى يارىتىپ ، ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك . بىز يەنە ئىنسانىيەت ياراتقان بارلىق ئېسىل مەدەنيەت نەتىجىلىرىنى پائال قوبۇل قىلىپ ، ئۇنى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتكە سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك» دېگەن يوليورۇقنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرىدۇر.

بۇ كىتابتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ۋە قانۇن مەرىپەت تارىخىنىڭ ئۆتمۈشى دىئالېكتىك ماتېرىيالىزىم ۋە تارىخىي كىتابتا جەمئىيەتكە نۇرغۇن يېڭى كۆز قاراشلارنى تەقدىم قىلغان ۋە قىممەتلىك تەكلىپلەرنى بەرگەن . بۇ كۆز قاراشلار يالغۇز ئەدلىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى بولۇپلا قالماستىن ، ھەر ساھە ، ھەر كەسپتىكىلەرنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈنمۇ ئىجابىي رول ئوينايدۇ .

يىغىنچاقلىغاندا ، بۇ ئەسەرنى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ زامانىمىزدىكى ۋە دىيارىمىزدىكى شەرھى دېيشكە بولىدۇ. تۈركىيە ئالىمى رەشىت رەھمىتى ئارات «قۇتادغۇبىلك» نى تەتقىق قىلىشنىڭ خاسىيىتى ھەققىدە توختىلىپ : «بۇ كىتابنى ئوقۇغان ھە بۇ بېيىتلەرنى (باشقىلارغا) بىلدۈرگەن (كىشى بۇ) كىتابتىنمۇ ئەزىزراقتۇر» دېگەنىدى. ئىشىنىمىزكى ئىلىم دۇنياسىدا بۇ كىتابقا مۇۋاپىق باھا بېرىلىدۇ .

مەزكۇر تېما كىتاب يۇرتى بىلەن كىتاپ يۇرتىغا تەۋە باشقا مۇنبەر ۋە تور بەتلەرگە چاپلىماقچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, تارىخ -مەدەنىيەت | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان
ئازغان كۆڭۈل ئازغان كۆڭۈل
يىمىرىلىش يىمىرىلىش
تىيانشان باغرىدا تىيانشان باغرىدا
كۈز يامغۇرى  كۈز يامغۇرى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

    • تۇرغۇنجان
    • 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 11:48:10

    كىتابنىڭ باھاسى 50يۈەن ئىكەن،مەن سېتىۋالاي دېگەن،50يۈەن پوچتا ھەىققىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالامدۇ؟

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.