چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان
ئاپتورى:ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي
باھاسى:25.00
2004-يىلى 5-ئاي 1-نەشرى
2004-يىلى 5-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:2000
Isbn:7105061693
ئاپتور ھەققىدە
دوكتۇر ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي1950-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ، قەشقەر شەھىرى يۇمۇلاقشە كۆلبېشى مەھەللىسىدە بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1960-يىلى قەشقەر شەھىرى شامالباغ باشلانغۇچ مەكتىپىنى ، 1963-يىلى قەشقەر 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى ۋە 1699-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن . 1969-يىلى 10-ئايغىچە ، قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ، ”مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى“ غا قاتناشقان 1969- يىلى 10-ئايدىن 1972-يىلى 10-ئايغىچە ، قەشقەر قاراشلىق شامالباغ يېزىسىدا ، ”زىيالىي ياش“ سالاھىيىتى بىلەن ئەمگەكتە چېنىققان . 1972-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا كىرىپ ، ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە تەرجىمانلىق كەسپىدە ئۈچ يىل ئوقۇغان . 1975-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەچ ، مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان . ئۇ 1978-يىلى 3-ئايدىن ، 1982-يىلى 7-ئايغىچە بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب تىلى فاكۇلتېتىغا كىرىپ تۆت يىل ئەرەبچە ئۆگەنگەن . 1984-يىلى 4-ئايدىن 1985-يىلى 10-ئايغىچە ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ مۇنبەت زېمىنى بولغان ئىراق ئەرەب -جۇمھۇرىيىتىگە بېرىپ ، باغدات ، نەجەف ، كۇفە ، ۋە كەربالا قاتارلىق شەھەرلەردە ، ئەرەب تىلى بويىچە پراكتىكا قىلغان .1986-يىلى 9-ئايدىن 1988-يىلى 7-ئايغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ، پارس تىلى ئۆگەنگەن . ئۇ 1992-يىلى دوتسېنت بولغان . 1996-يىلى 10-ئايدىن 1997-يىلى 7-ئايغىچە ، مىسىر ، ئەزھەر ،ئۇنىۋېرسىتېتىدا ، ”ئۇسلۇددىن“ ئىلمى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان 1997-يىلى 10-ئايدىن 2002-يىلى 5-ئايغىچە ، تۈركىيىگە بېرىپ ، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – تارىخ ۋە جۇغراپىيە ئىنستىتۇتى بۈگۈنكى زامان تۈرك شېۋىلىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ ، ”ئەدەبىيات دوكتورى“ ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .
ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ھازىرغىچە بولغان ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا ، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ، «ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكى نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى» ، «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى» قاتارلىق دەرسلەرنىمۇ سۆزلىگەن ،«ئەڭگۈشتەر» ، «بەيتۇللانىڭ تارىخى» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرىنى ۋە «كور خېرىدار» قاتارلىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەسەرلەرنى نەشر قىلدۇرغان بولسىمۇ ، ئاساسلىق زېھىن كۈچىنى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتىغا سەرپ قىلىپ ، نىسبەتەن مول نەتىجىلەرنى قازانغان بىر بىلىم ئادىمى ھېسابلىنىدۇ . ئۇ 1986-يىلى ئۆز ئۇستازى ئاتاقلىق تىلشۇناس خەمىت تۆمۈر ئەپەندىم بىلەن ھەمشېرىك نەشر قىلدۇرغان «چاغاتاي تىلى» ناملىق كىتاب جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان ، شۇ ساھە بويىچە نەشر قىلىنغان تۇنجى خاس ئەسەر بولۇش سالاھىيىتى ۋە شۇ چاغدىكى ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك پايدىلىنىش ماتېرىيالى ۋە دەرسلىك كىتابى بولغان ئەمەلىي قىممىتى بىلەن ، 1989-يىلى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن بېرىلگەن «3-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر خاس ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . 1993-يىلى ئۇنىڭ شەخسىي ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىن ئىلمىي ماقالىلەر» نەشرىياتىمىز تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان . ئۇ نىسبەتەن مۇكەممەل چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى بىلىمى ئاساسىدا يېزىپ چىققان « «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى» ناملىق كىتاب ، 1996-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇيىچە بىرىنچى دەرىجىلىك ، بېيجىڭ شەھىرى بۇيىچە «ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . مۇشۇ ئەمگەكلەر شاراپىتىدىن ئۇ مەملىكەتلىك ”باۋياڭ مائارىپ فوندى 1995-يىللىق مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى“ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
نەشرىياتىمىز نەشر قىلىنغان «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان» ناملىق بۇ ئەسەر ئاپتورنىڭ ئاز كەم 30 يىلدىن بۇيان ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى ساھەسىدە قىلىۋاتقان جاپالىق ئەمگىكىنىڭ يېڭى پەللىسى ھېسابلىنىدۇ . ئاپتور بۇ ئەسەردە ، تىلشۇناسلىق ئىلمى نەزەرىيىسى ئاساسىدا ، گۈزەل ۋە باي چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى ئىمكان بار تەپسىلىي ۋە تولۇق بايان قىلىشقا تىرىشقان . ئەسەرنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمىدە ، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسەرلەردىن ئۆرنەك ئوقۇشلۇق قىلىپ بېرىلگەن «تارىخىي ھەمىدى» ناملىق ئەسەرنىڭ تېكىستى بولسا ، ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى مۇسا سايرامى يازغان ۋە ئۆز قۇلى بىلەن كۆچۈرگەن مۇبارەك نۇسخا بولۇش شەرىپى ، شۇنداقلا مەزكۇر كىتابنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىق مىساللىرىغا مەنبە بولغانلىق شاراپىتى بىلەن ، تەتقىقاتچىلار ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ تېگىشلىك ھۇزۇر ، ئىلمىي زوق ۋە مەنىۋى ئوزۇق ئېلىشىغا سازاۋەر بولغۇسى.
ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق