سەئىدخان
سەئىدخان
سۇلتان سەئىدخان تەخمىنەن مىلادى 1484 – يىللىرى دۇنياغا كەلگدى . سۇلتان سەئىدخان كىچىكىدىن باشلاپ شۇ دەۋردىكى نامدار ئالىم – ئەدىپلەرنىڭ تەربىيىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسكىرىي مەشىق ۋە چامباشىچىلىق ماھارىتىگىمۇ يۈكسەك ھەۋەس قويۇپ ، بېرىلىپ ئۈگەنگەن ، نەتىجىدە ئۆز دەۋرىنىڭ مەشھۇر قىلىچۋازى ۋە مەرگىنى بولۇپ يېتىلگەن .
سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرلىرى بىر خىل ئەنسىز مۇھىت ئىچىدە ئۆتكەن . ياش سەئىدخانمۇ فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ تەخت تالىشىش ئۈچۈن قوزغىغان سۈيقەستلىك جەڭگى _ جىدەللىرى ئىچىدە ھايات كەچۈرگەن ، بۇ ھال ئۇنىڭغا ئىجابىي جەھەتتىن كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ، شۇڭا ئۇ مىلادى 1514 – يىلى 30 يېشىدا يەركەندە خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ ، يەركەن خانلىقىنى قۇرغاندىن كېيىن جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئوبېكتىپ تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر قاتار ئىلغار قانۇن – تۈزۈملەرنى يولغا قويۇپ ، يەركەن خانلىغىنى سىياسىي ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇستەھكەملىگەن ۋە گۈللەندۈرگەن ، ئىلىم – مەرىپەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا بەلگىلىك ھەسسە قوشقان . سۇلتان سەئىدخان ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىلىم خۇمارى ، پەن مەدەنىيەتنى سۆيىدىغان ، ئەدەبىيات – سەنئەتنى سۆيىدىغان ياخشى كىشى ئىدى . خاتىرىلەرگە قارىغاندا ، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ شىئېرلارنى ياخشى يازىدىكەن .
”سۇلتان سەئىدخان ھىممەتلىك . سېخى ، شىجائەتلىك ۋە خۇش تەبىئەت ، ئادىل مۇسۇلمان ، شائىر پادىشاھ ئىدى . پارىس ۋە تۈركى شىئېرلارنى ئىجاد قىلىپ ياراتتى “ (<تارىخى رەشىدى> دىن ) .
مەلۇمكى ، سەئىدخاننىڭ پارس تىلىنى پۇختا بىلگەنلىكىگە قارىغاندا ، ئۇنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى بىلىملىك كىشىلەردىن بولغانلىقى ھەمدە كۆپلىگەن شىئېرلارنى مىراس قىلىپ قالدۇرۇپ كەتكەنلىكى ناھايىتىمۇ ئېنىق . ئەمما ئۇنىڭ “ تارىخى رەشىدى“ دە مەھمۇد جوراس تەرىپىدىن خاتىرلەنگەن ئىككى پارچە غەزىلىدىن باشقا ئەسەرلىرى تا ھازىرغا قەدەر تېپىلمىدى . شائىرنىڭ بۇ ئىككى غەزىلى مانا مۇنداق يېزىلغان :
قايسى گۈلشەننىڭ يۈزۈڭدەك بىر گۈلى رەناسى بار ؟
قايسى گۈلنىڭ بىر مېنىڭدەك بۇلبۇلى شەيداسى بار ؟
ھۆر بىرلە جەننە تۇلمە ئۇانى كۆڭلۈم نەيلەسۇن ،
يارنىڭ كويىدا يۈزمىڭ جەننە تۇلمە ئۇۋاسى بار .
لەئىلىدىن خەتنى بېرۇر ھەر دەم تىرىكلىككە نىشان ،
خۇش نىشانەدۇركى ئىككى قاشىدىن توغراسى بار .
بىر چۈچۈك سۆز بىرلە ئۆلگەن جىسمىمە بەردىڭ ھايات ،
ئەئلى جان بەخشىڭدە گويىكىم مەسىھ ئەنفاسى بار .
يۈزى ئوزرە كاكول ۋە زۇلفىن پەرىشان كۆرگەلى ،
ئى سەئىدى ئاشۇفتە كۆڭلۈمنىڭ ئەجەپ سەۋداسى بار .
قايسى گۈلشەننىڭ يۈزىڭدەك رەنا گۈلى بار ؟
قايسى گۈلنىڭ ماڭا ئوخشاش شەيدا بۇلبۇلى بار ؟
يارنىڭ كويىدا يۈزمىڭلاپ جەننەتۇلمەئۋا تۇرغان يەردە ،
جەننەت ۋە ھۆرنى نېمە قىلاي .
لەۋلىرى ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈشتىن بەلگە بېرىدۇ ،
سىزىپ قويغاندەك ئىككى قېشى توغرىسىغا تۇرغان چىرايلىق نىشاندۇر .
تاتلىق بىر سۆز بىلەن ئۆلۈك تېنىمگە جان بەردىڭ ،
لەۋلىرىڭنىڭ جان بېغىشلىشىدا ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ نەپسى بار .
يۈزىنى كوكۇلا چاچلىرى يېيىلىپ چۈشۈپ تۇرغان ھالدا كۆرۈش ئۈچغن ،
ئەي سەئىدى ، پەرىشان كۆڭلۈم ئەجەپ بىر سەۋداغا قالدى .
شائىرنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان يۇقۇرقى بىرىنچى غەزىلىدە ئىپادىلەنگەن رېئال ھاياتنى قىزغىن سۆيۈشتەك ئاجايىپ قىزغىنلىق ۋە مۇھەببەتتىن ، يېقىملىق ھەم ئويناق شائىرانە ھېسسىياتتىن ئۇنىڭ بىر خىل ئىلغار قارىشى ، شېئىرىي تەپەككۈر ۋە بەدىئىي ماھارەت جەھەتتىكى نازۇك ، پاساھەتلىك ئۇسلۇبى روشەن بىلىنىدۇ
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق