![hezirti aishe hezirti aishe](wp-content/uploads/hezirti-aishe-208x300.jpg)
ئاپتورى:سەييىد سۇلايمان نەدۋىي(ھىندىستان)
تەرجىمە قىلغۇچى:توختى ھاجى تىللا
باھاسى:12.00
2008-يىلى 6-ئاي 1-نەشرى
2011-يىلى 3-ئاي 6-بېسىلىشى
تىراژى:40001-45000
ISBN:9787105092468
سەييىد سۇلايمان نەدۋىي
ھىندىستانلىق ئۇلۇغ ئىسلام ئالىمى ، ئەدىب ۋە تارىخشۇناس مەۋلانە مۇھەممەد شىبلى نۇئمانىي (1857-1914) نىڭ «سائادەت ئەسىرى» ئەسىرلىردىن : «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى» ، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكى ۋە كىشىلىكى» ، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەنىۋى ھاياتى ۋە مۆجىزىلىرى» ، «ھەزرىتى ئائىشە» ، «ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى» ، «ھەزرىتى ئۆمەر» ، «ھەزرىتى ئوسمان» ،«ھەزرىتى ئەلى» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنى تاماملاشقا ئۆمرى يار بەرمىگەنىدى . ئىمام شىبلى ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئەسەرنى تاماملاشنى ئەڭ قەدىرلىك شاگىرتى سەييىد سۇلايمان نەدۋىيگە ۋەسىيەت قىلغانىدى . شىبلى ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ياردەمدە بولغان نەدۋىي شىبلىنىڭ تەلىپى ۋە بەزى تەييارلىقلىرى ئاساسىدا ، مەزكۇر ئەسەرنى يۈرۈشلشك ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە نەشر قىلدۇرۇپ شىبلىنىڭ بۇ ھەقتىكى ۋەسىيىتىنى ئورۇندىغان . مەزكۇر كىتابلار ئىستانبۇلدا تۈرك تىلىدا نەشر قىلىندى . قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ئىستانبۇل «تىماس» نەشرىياتىدا 2004-يىلى 4-ئايدا نەشر قىلىنغان 2-باسمىسىدىن تەرجىمە قىلىندى .
كوپ رەھمەت سىزگە