ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە: ھونولۇلۇ خىياللىرى

ozluk girwekliride

ISBN:9787563124640

ئاپتور: زۇلپىقار بارات ئۆزباش

شىنجاڭ ئۈنۋېرستېتى نەشرىياتى

2011-يىلى 4-ئاي 1-نەشرى

2011-يىلى 4-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:3000

فورماتى:32

باھاسى:38.00

كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

ئەتراپىمىزدا تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا بىزدىن ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشنى، ئۆزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلىشنى، ئۆزىمىزنى چوڭقۇرلاپ قېزىشنى ۋە كىملىكىمىزنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تونۇشنى تەلەپ قىلماقتا. ئەمما بۇ جەريان قانداق ئىشقا ئاشىدۇ؟ بىز خرىسلار ۋە تېپىشماقلار ئالدىدا نېمە قىلالىشىمىز مۇمكىن؟ يوشۇرۇن كۈچىمىزنى قانداق قازىمىز؟ بۇلار ئېيتىلىشقا ئاسان بولغىنى بىلەن، ئادەمنى گاڭگىرىتىدىغان، ۋەزنى ئېغىر سوئاللاردۇر. قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ئەنە شۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش مەقسىتىدە جاپالىق سىناقلارنى ئۆز ھاياتىدا تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەن بىر ئىزدىنىشچان ياشنىڭ چەت ئەل ۋە يۇرتىمىزدىكى ئۆزىنى ئىزدەش سەپىرىدە ھېس قىلغان، ئويلىغان خاتىرىلىرىنىڭ دەسلەپكى قىسمىدۇر. كىتابنىڭ قۇرلىرىدىن يېڭى ئۇچۇر، يېڭى پىكىر خۇرۇچلىرى ۋە تىنىم تاپماس بىر روھنىڭ ئىزنالىرى بايقىلىپ تۇرىدۇ. كىتابنى ۋاراقلىغىنىڭىزدا، ئىنسان كۈچىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنى قېزىش، ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنىڭ ئادەمنى نۇرانە مەنزىللەرگە باشلايدىغان روھىي مۇساپە ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ھېس قىلىسىز. ئاپتور ئاشۇ بىر قاتار ھېس- تۇيغۇلىرىنى، پىكىرلىرىنى سىزگە يېقىن بىر جايدا شىۋىرلاپ ئېيتىپ بېرىۋاتقاندەك، يىراقلاردا تۇرۇپ ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن غايىبانە پىچىرلىشىۋاتقاندەك بىر تەرىزدە، يەڭگىل ئۇسلۇبتا قەلەمگە ئالىدۇ.

 

ئاپتور كىتابىدا ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق تالانتىنى نامايان قىلغان بولۇپ، جەمئىيەتشۇناسلىق، مائارىپشۇناسلىق، ئەخلاقشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىق، پسىخولوگىيە پەنلىرىنىڭ كېسىشمە نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ياشاش ئەندىزىمىز، مۇرەككەپ جەمئىيەت قوينىدىكى روھىي ھالىتىمىز، جەمئىيىتىمىزدىكى شەھەرلىشىش، زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى داۋامىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە يېڭىچە بىر مېتودتا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. بىز جاۋابىنى ئىزدەۋاتقان خىلمۇخىل نۇقتىلار ھەققىدىكى كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان تەلقىنلىق بايانلىرى ئارقىلىق بىزگە بىر قېتىملىق ئىدىيە يېڭىلاش، قاسراق تاشلاش، ئۆزىمىزنى تونۇش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. كىتاب نوقۇل ھالدا مەلۇم ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىنى تۇتقا قىلىپ يېزىلمىغان بولغاچقا، كەڭ ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىنىڭ ــ ئىلىم تەتقىقاتچىلىرىنىڭ، ھەرقايسى قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىشنى ئويلاۋاتقان ياكى تىل ئۆگىنىۋاتقان ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنىڭ، ئورگان خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ ئوقۇشىغا ماس كېلىدۇ. ئىشىنىمىزكى، بۇ كىتابنى ئوقۇغان كىتابخان بىر قېتىملىق ئۆزىنى يېڭىلاش ۋە تەپەككۇرنى قوزغىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ.

توپ ۋە پارچە سېتىلىدۇ.

taobao دىن سىتېۋىلىش ئادىرسى:http://item.taobao.com/item.htm?id=13500744478

سۆز قالدۇرۇڭ!! trackback !

”ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە: ھونولۇلۇ خىياللىرى“ ناملىق يازمىغا 2 ئىنكاس يېزىلدى.

  1. 哈力木热提 مۇنداق يازغان:

    我想读一下这本书。这样的买上。

  2. مۇخلىس مۇنداق يازغان:

    بۇ كىتاپنى ئوقۇماي بولماپتۇ !!!

جاۋاب يېزىڭ