5- كورپۇسنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئىنقىلابىي مۇساپىسى

5-korpusninh bisip utken inqilabi

ئاپتورى:ساۋدانوۋ زاھىر

1989-يىلى 4-ئاي 1-نەشرى

1989-يىلى 5-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى: 1-11500

باھاسى:2.80

ISBN:7228008529

كىرىش سۆز

يولداش ساۋدانوۋ زاھىر يازغان «5- كورپۇسنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئىنقىلابىي مۇساپىسى» دېگەن كىتابنى ناھايىتى كىتابنى خۇشاللىق ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم . جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5-كورپۇسنىڭ تەكتى شىنجاڭنىڭ ئىلى ، تارباغاتاي ، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايىتىدە 1944-يىلى پارتلىغان ئىنقىلاب مەزگىللىرىدە قۇرۇلغان مىللىي ئارمىيە بولۇپ ، بۇ قىسىمدىكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى شىنجاڭدىكى ھەر قايسى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئىدى . يولداش ماۋزېدۇڭ :«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى – جۇڭگو خەلق دېموكراتىك ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى» دەپ كۆرسەتكەن . بۇ ئىنقىلاب جەريانىدا ، مىللىي ئارمىيە باشتىن – ئاخىر تايانچ كۈچ بولۇپ ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارىشى بەش يىل قەيسەرلىك بىلەن ، ئەگرى – توقايلىققا تولغان كۈرەش ئېلىپ بېرىپ ، ئىلى ، تارباغاتاي ، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتنى ئازاد قىلىپ ، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدىن تەۋرىتىپ ، غەربىي قىسىمدىكى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى قوشۇنلىرىنىڭ شەرققە يۆتكىلىشىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ ، خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ مەملىكەت بويىچە غەلىبە قازىنىشىغا ماسلاشتى. 1949-يىلى ئۆكتەبىردە ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بىرىنچى دالا ئارمىيىسىنىڭ 1- بىڭتۇەنى شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغان خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ ، شىنجاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىنىشىغا تۆھپە قوشتى . ئازادلىقتىن كېيىن ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ، مىللىي ئارمىيە جۇڭگولۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5- كورپۇسى قىلىپ رەسمىي ئۆزگەرتىلىپ ، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ شتاتىغا كىرگۈزۈلدى . كېيىن 5- كورپۇسنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈش مەقسىتىدە ، 1-بىڭتۇەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق قىسىملار ۋە ئۇنىڭ 2-، 6- كورپۇسلىرىدىن بىرنەچچە تۈركۈم مۇنەۋۋەر سىياسىي رەھبىرىي كادىرلار ۋە سىياسىي خىزمەت كادىرلىرى 5- كورپۇسقا يۆتكىلىپ بېرىپ ، 5- كورپۇسنىڭ ئىچىدە پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ سىياسىي كومىسسار ، سىياسىي خىزمەت تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشىغا ياردەم بەردى ؛ ھەر دەرىجىلىك مىللىي كادىرلار سىياسىي كۇرسلىرىنى ئېچىپ ، يەرلىك مىللىي كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈردى ، ئۆستۈردى ۋە ئىلغارلارنى پارتىيىگە قوبۇل قىلدى ؛ قىسىملاردا دەرد تۆكۈش مەركىزى مەزمۇن قىلىنغان ئارمىيىنى سىياسىي جەھەتتىن تەرتىپكە سېلىش ئېلىپ بېرىلىپ ، كەڭ كوماندىر ، جەڭچىلەرنىڭ سىنىپىي ئېڭى ۋە سىياسىي ئىدىيىۋى سەۋىيىسى ئۆستۈرۈلدى . دۆلىتىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ، 5- كورپۇس خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇۋاتقان باشقا قىسىملىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ ، يەرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش ، زومىگەرلەرگە قارىشى تۇرۇش ، يەر ئىسلاھاتى ، دېموكراتىك ھاكىمىيەت قۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشتى ، باندىت تازىلاش ، توپىلاڭچىلارنى بېسىقتۇرۇش ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ، چېگرىنى ساقلاش ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ، كەڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىشنى قانات يايدۇرۇش ، شتاتىنى ئىخچاملاش – تەرتىپكە سېلىش ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىدى ، تۈركۈم – تۈركۈملىگەن قەھرىمان – نەمۇنىچىلار مەيدانغا كەلدى . پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئارمىيىنىڭ شتاتىنى تەرتىپكە سېلىش توغرىسىدىكى يوليورۇقى بويىچە ، 1945-يىلى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىدا شتات تەرتىپكە سېلىنىپ ، 5-كورپۇسنىڭ بىر قىسمى دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىگە ئايرىلدى ، كۆپ كەسىپ ئالماشتۇرۇپ يەرلىككە چىقتى ياكى ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە بېرىپ ئىشلىدى . 5- كورپۇستىن چىققان ، پارتىيە يېتىشتۈرگەن زور بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىدىن بەزىلىرى تاكى بۇ كۈنگىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرىدىن مۇھىم رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى سەپلىرىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، 5- كورپۇسنىڭ ھەر مىللەت كوماندىر م جەڭچىلىرى – شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرى ، ئۇلار جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيىسىنى ، ئۇلۇغ سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىزنى ئىنتايىن قىزغىن سۆيىدۇ ۋە مىللىي بۆلگۈچىلىككە قارىشى تۇرىدۇ . 5- كورپۇس شەرەپلىك ئىنقىلابىي تارىخقا ئىگە ، ئۇ شىنجاڭ ئازاد بولۇشتىن ئىلگىرى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارىشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش تارىخىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى شىنجاڭ ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە ، شىنجاڭغا كەلگەن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ، چېگرا رايوننى بىرلىكتە گۈللەندۈرۈش ، قوغداش تارىخىغىمۇ ئىگە .

يولداش ساۋدانوۋ زاھىر – ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان پېشقەدەم يولداش ، ئۇ مىللىي ئارمىيە سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ، 5- كورپۇسنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى بولغان بولۇپ ، 5- كورپۇسنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى ئىدى . 5- كورپۇس ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ، ئۇ ئۇزۇن مۇددەت شىنجاڭ ھەربىي رايونى ، ئۈرۈمچى ھەربىي رايونى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا رەھبىرىي ۋەزىپە ئۆتىگەن ، 1955-يىلى ئۇنىڭغا گېنراللىق مايورلۇق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلگەن . ئۇنىڭ بۇ كىتابىدا كۆپلىگەن ماتېرىياللار توپلىغان ، ئۇ ئۆزىنىڭ بەزى كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ، مىللىي ئارمىيىدىن 5- كورپۇسقىچە بولغان بۇ ئىنقىلابىي مۇساپىنى بىر قەدەر تەپسىلىي بايان قىلغان . بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى مول ، مۇكەممەل بولۇپ ، 5- كورپۇسنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ قالغۇسى . مەن بۇنىڭدىن كېيىن 5- كورپۇسنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا دائىر تېخىمۇ كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى چىن دىلىمدىن ئارزۇ قىلىمەن .

ۋاڭ ئېنماۋ

1988-يىلى 23-فېۋرال

سۆز قالدۇرۇڭ!! trackback !

”5- كورپۇسنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئىنقىلابىي مۇساپىسى“ ناملىق يازمىغا 3 ئىنكاس يېزىلدى.

  1. ھ . ھ . ئۆمەر مۇنداق يازغان:

    ئاپلا..يەنە كىيىن قاپتىمەندە….

  2. ھ . ھ . ئۆمەر مۇنداق يازغان:

    سېتىلىش باھاسى قانچە بۇ كىتاپنىڭ؟

جاۋاب يېزىڭ