ئاۋرال شاماللىرى

ئاپتور: زوردۇن سابىر

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

32فورمات

نەشرى:2011-يىلى 1-ئاي 1-نەشرى

2011-يىلى 1-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:3000

ISBN:9787228141425

باھاسى:50.00

بەت سانى:582

زوردۇن سابىر يىلنامىسى

مۇھەممەد ھوشۇر

1. 1937–يىلى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ بايتوقاي يېزىسى يېڭىتام (ھازىرقى بوستان)كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.

2. 1957–يىلى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرگەن.

3. 1957–يىلى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىغا بارغان.

4. 1959–يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.

5. 1961–يىلى «ئاق ئۆرۈك»ناملىق شېئىرى «شىنجاڭ ئەدەبىيات–سەنئىتى»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.

6. 1964–يىلى غۇلجا شەھەرلىك 2–ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان.

7. 1972–يىلى تۇنجى پروزا ئەسىرى «ئارغىبەتكە ئۆتكۈچە» ناملىق ھېكايە «ئىلى گېزىتى»نىڭ 6–ماي سانىدا ئېلان قىلىنغان.

8. 1979–يىلى 5–ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ مۇھەررىر بولغان.

9. 1979–يىلى «دولان ياشلىرى»ناملىق ھېكايىسى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 1–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

10. 1979–يىلى 11–ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى چىقارغان «مەشئەل»ناملىق بىرلەشمە ھېكايىلەر توپلىمىغا يازغۇچىنىڭ ئىككى پارچە ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن.

11. 1980–يىلى 7–ئايدا يازغۇچىنىڭ «شەبنەم» ناملىق تۇنجى ھېكايىلەر توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشردىن چىقتى.

12. 1980–يىلى 8–ئايدا «ئاۋرال شاماللىرى»ناملىق تۇنجى رومانى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشردىن چىققان.

13. 1981–يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

14. 1981–يىلى بېيجىڭدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەدەبىيات سىمنارىيىسىدە ئوقۇغان.

15. 1981–يىلى «دولان ياشلىرى»مەملىكەتلىك ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

16. 1981–يىلى «قوبۇلخانىدا»ناملىق ھېكايىسى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ 30يىللىق ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

17. 1983–يىلى «ئىزدىنىش» رومانى مەملىكەتلىك 2–نۆۋەتلىك ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى باھالاشتا «مۇنەۋۋەر رومان» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

18. 1983–يىلى 8–ئايدا «ساداقەت» ناملىق تۇنجى ھېكايىلەر توپلىمى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

19. 1984–يىلى 5–ئايدا «ئارچا ياپرىقى»ناملىق تۇنجى پوۋېستلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان (بۇ بەلكىم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نەشر قىلىنغان بىر يازغۇچىنىڭ مۇستەقىل تۇنجى پوۋېستلار توپلىمى بولۇشى مۈمكىن).

20. 1985–يىلى 12–ئايدا شىنجاڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «جىگدىلەر پىچىرلايدۇ»ناملىق ھېكايە، پوۋېستلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.

21. 1987–يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئىزدىنىش»رومانىنىڭ قازاقچە نۇسخىسى نەشر قىلىنغان.

22. 1987–يىلى 10–ئايدا تەكلىپ بويىچە گېرمانىيىگە بېرىپ، ئىككى ئاي ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولغان.

23. 1988–يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولغان ۋە «ئەرەب يېرىم ئارىلىدا» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىنى يېزىپ چىققان.

24. 1988–يىلى 5–ئايدا يازغۇچىنىڭ «ئۇنتۇمايمەن گۈلسارە» ناملىق ھېكايە، پوۋېستلار توپلىمى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

25. 1989–يىلى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان.

26. 1989–يىلى 12–ئايدا «ئىزدىنىش»رومانىنىڭ 2–قىسمى نەشردىن چىققان.

27. 1990–يىلى سچۈەن مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن يازغۇچىنىڭ «زوردۇن سابىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما»ناملىق تۇنجى خەنزۇچە توپلىمى نەشردىن چىققان.

28. 1992–يىلى 3–ئايدا شىنجاڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن چەت ئەل تۇرمۇشىغا بېغىشلانغان «باش–ئاخىرى يوق خەتلەر» ناملىق ھېكايە ۋە ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.

29. 1992–يىلى «تەڭرىتاغ»ژۇرنىلى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن راي سىناش پائالىيىتىدە زوردۇن سابىر خەلق ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۈچ يازغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

30. 1993–يىلى 8–ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ««خىرە دېرىزە»ناملىق پوۋېستلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.

31. 1994–يىلى 1–ئايدا شىنجاڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئاتا»رومانى نەشردىن چىققان.

32. 1995–يىلى يەنە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان.

33. 1997–يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 8–نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان.

34. 1998–يىلى 26–ئىيۇن «ئانا يۇرت»رومانىنى يېزىپ تاماملىغان.

35. 1998–يىلى 13–ئاۋغۇست تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن.

36. 1998–يىلى 13–ئاۋغۇست «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دە يازغۇچىنىڭ «ئانا»ناملىق ئاخىرقى ھېكايىسى ئېلان قىلىنغان.

37. 1999–يىلى 10–ئايدا شىنجاڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى يازغۇچىنىڭ «قەرزدار»، «گۈلەمخان» قاتارلىق تاللانغان ھېكايە، پوۋېستلار توپلىمىنى نەشر قىلغان.

38. 1999–يىلى 12–ئايدا يازغۇچىنىڭ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بىرقانچە ھېكايىلىرىدىن تۈزۈلگەن «خەزىنە»ناملىق سېلىشتۇرما ئوقۇشلۇق نەشر قىلىنغان.

39. 2000–يىلى 11–ئايدا «ئانا يۇرت» ترىلوگىيىسى شىنجاڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

40. 2001–يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى يازغۇچىنىڭ لياڭ شۆجۇڭ تەرجىمىسىدىكى «ئۇنتۇمايمەن گۈلسارە» ناملىق خەنزۇچە تاللانما توپلىمىنى نەشر قىلغان.

41. 2001–يىلى 12–ئايدا شىنجاڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئانا يۇرت»رومانىنىڭ قازاقچە نۇسخىسى نەشر قىلىنغان.

42. 2002–يىلى زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رومانى ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىغا قويۇلغان.

43. 2002–يىلى يازغۇچى «ئانا يۇرت»رومانى ئۈچۈن «گۈلزار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.

 

مەنبە: «ئاسيا كىندىكى» گېزىتى، 2008–يىلى 1–ئاينىڭ 3–كۈنى

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

ئاۋرال شاماللىرى  ئاۋرال شاماللىرى
ئىزدىنىش  (1-،2-قىسىم) ئىزدىنىش (1-،2-قىسىم)
ئىزدىنىش (1-،2-قىسىم) ئىزدىنىش (1-،2-قىسىم)

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.