ئاۋرال شاماللىرى
ئاپتورى زوردۇن سابىر
باھاسى :50.00
2011-يىل 1-ئاي 1-نەشرى
2011-يىل 1-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
ISBN: 9787228141425
قىسقىچە مەزمۇنى
بۇ روماندا 1962-1963-يىللاردىكى تارىخىي ۋەقەلەر يېزىلغان .
«قاۋانلىق » دەپ ئاتىلىدىغان قەدىمكى قومۇشلۇق ئىلى رايونىدىكى مەلۇم گۇڭشېنىڭ يەرلىرىنى كاردىن چىقىرىدۇ . زەي كاساپىتىدىن شۇ گۇڭشېنىڭ مەلۇم شياۋسۈيى يەردىن ئايرىلىدۇ ، ئۆيلىرى ۋەيران بولىدۇ ، ئاشلىق ۋە كىرىمسىز قالىدۇ «قاۋانلىق» نىڭ ھۇجۇمىنى چەكلەپ ، يەرلەرنى شياۋدۈينى قۇتقۇزۇپ قېلىش ياكى يەرلەرنى تاشلاپ بېرىش ، دۈيلەرنى تارقىتۋېتىش – ناھىيە ، گوڭشې ، دادۈي رەھبەرلىكى ئالدىدىكى جىددىي بىر مەسلە بولۇپ قالىدۇ . روماندا مانا مۇشۇ جىددىي مەس؛ە مەركەز قىلىنىپ ، توغرا لۇشيەن ۋەكىللىرى بىلەن ئىنتايىن «سول» لۇشيەن ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا جىددىي كۈرەش قانات يايدۇرۇلىدۇ . جاپالىق كۈرەش قىلىپ ، كۆپ خىل ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش يولى بىلەن خەلقنىڭ سوتسىيالىستىك ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ «قاۋانلىق» نى ئۈزۈل – كېسىل ئۆزگەرتىشتىكە بەل باغلىغان ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ۋە گۇڭشې ئەزالىرىنىڭ يارقىن ئوبرازى بىلەن ئىنتايىن «سول» سىياسەت ئىجرا قىلىنىپ ، كوللېكتىپ ئىگلىكىنى زىيانغا ئوچرىتىدىغان ھەر خىل تۆرىچىلەر ، سۈيقەستچىلەر ، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ پايدا تاپقۇچىلار ، ئۆزۈمچىل – شەخسىيەتچىلەر ، ئىنقىلاب تونىغا ئورىنىۋالغان ئىككى يۈزلىمىچىلەرنىڭ ئوبرازى سېلىشتۇرىلىدۇ . شەخسلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسى زىددىيەت ، كۈرەشلەر داۋامىدا ئېچىلىدۇ . ئاخىرىدا توغرا لۇشيەننىڭ غەلبىسى ، كۈرەشنىڭ داۋام قىلۋاتقانلىقى تەسۋېرلىنىدۇ .
ئوبرازلارنىڭ جانلىقى ، قىزىقارلىقى ۋە كۆپ خىللىقى ، سېلىشتۇرمىلارنىڭ روشەنلىكى – بۇ روماننىڭ ئالاھىدىلىكى ، روماندا ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆرپ – ئادىتى ۋە ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئالاھىدىلىكلىرى خېلى ئۇچۇق سۈرەتلەنگەن . بۇ روماننىڭ تىلى راۋان ، جانلىق ۋە ئاممىباب بولۇپ ، شۇ يىللاردىكى يېزا ھاياتى بىلەن تونۇشۇشتا ئەھمىيىتى زور.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق