مۇقام ئەجدادلىرى
تۇرسۇن يۇنۇس
باھاسى:100.00
1989-يىلى 3-ئاي 1-نەشرى
1989-يىل 9-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-1200
ISBN:7228009827
مۇھەررىردىن
تۇرسۇن يۇنۇس 1942-يىلى يەكەن ناھىيىسىنىڭ كونا شەھەر رايونىدا تىبابەتچى ئائىلىسىدە
دۇنياغا كەلگەن . بالىلىق دەۋرى پوسكامدا ئۆتكەن .1958-يىلى يەكەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپىنى پۈتتۈرۈپ ، بېيجىڭ مەركىزىي تىياتىر شۆيۈەنىگە ئوقۇشقا بارغان .1964-يىلى تىياتىېر شۆيۈەننى پۈتتۈرۈپ ، سابىق شىنجاڭ ناخشا – ئوسسۇل ، دارما ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان.
تۇرسۇن يۇنۇس دارما ژانىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان كۆزگە كۆرۈنگەن ئاپتورلىرىمىزدىن بىرى. ئۇ 1981-يىلىدىن بۇيان «قانلىق يىللار» ، «كۈتۈلمىگەن توي»،« ئەگرى پاچاققا دوناي توقماق» ،«مۇقام ئەجدادلىرى» ، «ئالتۇن بۆشۈك»،«كارامەت بىر كۈن» ، «قوغۇن پىشقاندا»،«ياش دوختۇر» ،«پۇل دېگەن نەرسە» ، «دۇنياۋى تىلسىمات»،«سۈرگۈن قۇللار» قاتارلىق دارما ۋە كىنو
سىنارىيىلىرىىنى يازدى . «قانلىق يىللار» درامىسى 1984-يىلى مەملىكەتلىك 1-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تى؛ىدىكى سەھنە ئەسەرلىرى ئىجادىيىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلاش يىغىنىدا كۈمۈش مېدالغا ، ئاپتۇنوم رايونىمىز بويىچە بىرىنچى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . ئۇ يازغان «پۇل دېگەن نەرسە» دېگەن فىلىم 1987-يىلى 8-ئايدا سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كىنو بايرىمىغا قاتناشتۇرۇلۇپ
ياخشى باھاغا ئېرىشتى .
ئۇ دراما ۋە كىنو سىنارىيىلىرىنى يېزىش بىلەن بىللە «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىدا «ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسى توغرىسىدا»،«مېنىڭ كىنو ۋە تىياتىرچىلىق سەنئىتى توغرىسىدىكى يېڭى قاراشلىرىم» ، «ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا» قاتارلىق ئىلمىي – نەزەرىۋىي
ماقالىلەرنىمۇ ئېلان قىلدى .
بۇ توپلامغا تۇرسۇن يۇنۇسنىڭ يېقىنقى يىللاردا يازغان درامىلىرىدىن بەش پارچە تاللاپ كىرگۈزۈلدى .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق