قايتا نىكاھ

ئاپتورى:رەيھانگۈل مىجىت

2008-يىل8-ئاي1-نەشرى

2009-يىل8-ئاي3-بېسىلىشى

ISBN:9787537159708

تىراژى:6501-8700

باھاسى:35.00

مۇھەررىردىن

ئاپتور رەيھانگۈل مىجىت 1958-يىلى 1-ئاينىڭ11-كۈنى توقسۇن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان . 1978-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدا ، 1981يىلىدىن 1983-يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان ؛ 1986-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كادىرلار مەكتىپىدە ئوقۇغان ؛ 1989-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتچى ، باش سوتچى ، ھەق تەلەپ 1-كوللېگىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان ؛ 2005-يىلى ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

ئاپتور قىسقىنىغا ھاياتىدا خەنزۇ تىلىدا «سوتچىنىڭ خاتىرىسى»،«قايتا نىكاھ»،«ئىپار ۋە سەيرېن دۆلىتى» ناملىق پوۋېست ۋە رومانلارنى يازغان بولۇپ ،«سوتچىنىڭ خاتىرىسى» ناملىق پوۋېستىنىڭ خەنزۇچە نەشرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغانىدى.

مەرھۇمە ئاپتور رەيھانگۈل مىجىتنىڭ «قايتا نىكاھ» ناملىق بۇ رومانى – خەلقىمىزنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشىدا ھەر دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان ، ئادەتتە ھېچكىمنىڭ دىققەت -ئېتىبارىنى قوزغاپ كەتمەيدىغان ئۇششاق دېتاللار ئاساسىدا تاۋلاپ چىقىلغان مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە تەسىرلىك ئەسەر . ئەسەردە مىللىتىمىزنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشىدا ئەكس ئېتىدىغان ئېتنىك مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق مەنتىقىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ ، ياشانغاندا جورىسىدىن ئايرىلىپ قالغان مويسپىتلارنىڭ قايتا نىكاھلانغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشى ، ئۆگەي ئاتا-ئانىلار بىلەن ئۆگەي بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مۇناسىۋەت ۋە مويسىپىتلارنىڭ ياشانغان چاغدىكى كىشىلىك ھاياتىدىن كۈتىدىغان ئارزۇ-ئىستەكلىرى بەدىئىي يوسۇندا يارقىن يورۇتۇپ بېرىلگەن .

مەزكۇر رومان ئۆزىدىكى بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن نەشرىياتىمىز تەرىپىدىن بىرلا ۋاقىتتا ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىللىرىدا تەڭلا نەشر قىلىندى . ئېنىقكى ، بۇ نەتىجىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىپتىخارى ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئايال ئاپتورلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە مۇۋەپپەقىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

ئورگىنىلنى تولۇق كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن مەرھۇمە ئاپتورنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىدىكى ياش بوغۇنلارنى، بولۇپمۇ ئەدەبىياتقا ھەۋەس قىلىدىغان ئوقۇرمەنلەرنى سۆيۈندۈرگۈدەك ئەسەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم.

ئاخىرىدا تەرجىماننىڭ ئەسەرنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىغا ئەسكەرتىپ قويغان مۇنۇ بىر جۈملىسىنى ئەسەر نەشرگە تەييارلاشقا ئىشتراك قىلغان بارلىق كەسىپداشلارنىڭ ئورتاق يۈرەك سۆزى سۈپىتىدە ئەينەن قەيت قىلىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم:

«مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىنى مەرھۇمە ئاپتور-رەيھانگۈل مىجىتنىڭ ھايات خاتىرىسىگە ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن!».

2008-يىل ئىيۇل

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى
قۇتادغۇ بىلىگ قۇتادغۇ بىلىگ
سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى
يۈسۈپ خاس ھاجىپ
ئۇيغۇر يەر ناملىرى ئېتمولوگىيىسى ئۇيغۇر يەر ناملىرى ئېتمولوگىيىسى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.