ھايات
ھايات
ئاپتورى:لۇياۋ
باھاسى:0.59
1986-يىل 5-ئاي 1-نەشرى
1987-يىل 1-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:4000
Isbn:100982058
قىسقىچە مەزمۇنى
بۇ – زامانىمىزدىكى ياشلارنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن رومان . تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىسى گاۋجيالىن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، يېزىغا قايتىپ خەلق مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولىدۇ . ئۇ ، بۇ كەسىپتىن ئايرىلىپ قېلىپ ، روھى چۈشكەن ھالەتتە يۈرگەن ۋاقتىدا ، چىرايلىق ۋە ساپ نىيەتلىك بىر يېزا قىزى ئۇنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ . كېيىن ، گاۋ جيالىن تاسادىپىي كەلگەن بۇ پۇرسەتتىن شەھەرگە كىرىپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ قالىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ كىشىنى ھەيران قالارلىق تالانتىنى كۆرسىتىپ ھەممىگە ياراپ كېتىدۇ . شۇ ۋاقىتتا ، شەھەردە خىزمەت قىلىۋاتقان چىرايلىق بىر قىز ساۋاقدىشىمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت باغلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن ۋەقە ئۇلغىيىپ ، زىددىيەت كەسكىنلىشىدۇ . مەلۇم سەۋەب تۈپەيلى ئۇ يەنە يېزىغا قايتۇرۇلىدۇ . شەھەردىكى ھېلىقى قىز ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ . يېزىدىكى ھېلىقى قىز نائىلاج باشقا بىرى بىلەن توي قىلىدۇ … روماندا بۇ ئەگرى – توقاي ، مۇرەككەپ ۋەقەلىك دەۋر قىلىنىپ شەھەر بىلەن يېزا ، جەمئىيەت بىلەن ئائىلە ، پۇشايمان بىلەن رەنجىش ، مۇھەببەت بىلەن نەپرەت بىر – بىرىگە گىرەلىشىپ بارىدۇ – دە ، زامانىمىزدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئەينەك كارتىنىسى نامايان بولىدۇ . ھەر خىل ئادەملەر كىشىنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىدۇ . روماننىڭ قۇرۇلمىسى پۇختا ، مەزمۇنى چوڭقۇر بولۇپ ، باش قەھرىماننىڭ ھايات يولىغا باسقان تۇنجى قەدىمى كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق