كىيىۋالغىنىڭىز توي كۆڭلىكىمۇ ،ئىچ كۆڭلەكمۇ؟

كىيىۋالغىنىڭىز توي كۆڭلىكىمۇ ،ئىچ كۆڭلەكمۇ؟

« زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى »ناملىق كىتابتىن پارچە

بىر يىلنىڭ ئالدىدايېقىنىمىزنىڭ ئوغلىنىڭ توي مەرىكىسىگە بېرىپ قالدىم . تويى بولغان قىز ئادەمنىڭ ئىچىنى سېقىپ ، رېستۇرانغا ناھايىتى كېچىكىپ كەلدى . بىر ئۆستەلدە ئولتۇرغان مېھمانلار بويۇنلىرىمىزنى سوزۇشۇپ قىز بىلەن يېگىتكە قاراشتۇق . يىگىت كۈل رەڭ كاستۇم – بۇرۇلكا ، قىز ئاق رەڭلىك توي كۆڭلىكى كەيگەن بولۇپ ، كۆڭلىكىنىڭ بىر مۈرىسىدە ئىنچىكە يىپ ، يەنە بىر مۈرىسىدە ھېچنېمە يوق ، يۈزىنى يېپىۋالغان ياغلىقىمىمۇ ناھايىتى نېپىز بولغاچقا ، نازۇك يەرلىرى روشەن كۆرۈنۈپ تۇراتتى . مەن خۇددى باشقىلارنىڭ ئىپپەتلىك يېرىنى كۆرۈپ قالغاندەك ، ئوڭايسىز سېزىمدە لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم . مەن ئولتۇرغان ئۈستەلدىكى مېھمانلار ھەممىسى قىز چىقىرىش ، ئوغۇل ئۆيلەش ئالدىدىكى ئانىلار ئىدى . ئۇلارمۇ كەيپى ئوچقان ھالدا ئولتۇرۇپ قېلىشتى .

– توۋا ، قىزلىرىمىزدا شەرەم – ھايا دېگەن نەرسە قالمىدىمۇ نېمە ؟ تويى بولىدىغان قىز شۇنداقمۇ يالىڭاچلىنىۋالامدۇ؟

– ئاۋۇ خوتۇن ئالغان يىگىتچۇ ؟ ھەقىچان كىيىم تاللىغاندا يېنىدا تۇرۇپ پۇل تاپشۇرغاندۇ ؟ شۇ چاغدا :«خاس مەنلا كۆرۈشكە بولىدىغان يەرلىرىڭنى باشقىلارغا كۆرسەتمە» دېگگن بولسا ، ئاشۇ كۆڭلەكنى كىيىشكە پېتىنالامتى ؟

– ئۆتكەندە يولدىشىممۇ بىر تويغا قاتنىشىپ قالغانىكەن ، ئۆيگە كېلىپ قىزىمغا :«ئەگەر تويىڭىزدا ئاتا – ئانامنى رازى قىلاي دېسىڭىز،ئۆزىمىزنىڭ ئەتلەس رەختىدىن يەڭلىك توي كۆڭلىكى تىكتۈرۈپ بېرىمەن ، چىرايلىق چىمەن دوپپا بىلەن ئەتلەس كۆينەكنى كېيىپ ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزىدەك توي قىلىسىز . ئەگەر سىزمۇ سەتلىشىپ باشقىلار ئىجارىگە ئېلىپ نەچچە قېتىم كىيىلگەن كونا كىيىم كەيسىڭىز ، تويىڭىزنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ بېرىمەن ، ئەمما تويىڭىزغا قاتناشمايمەن» دېگەنىدى ، قىزىممۇ :«دادا ، مەن سىزنىڭ دېگىنىڭىز بويىچە ئىش قىلىمەن» دېدى .

– مېنىڭمۇ شۇنداق ئارزۇيۇم بار ، _دېدى ھېلىقى ھەدىمىزنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئاپپايمۇ ئۇنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ ، – خۇدايىم بۇيرىسا مەن قىزىمنىڭ تويىدا چوقۇم ئايرىم توي كۆڭلىكى تىكتۈرۈپ كىيدۈرىمەن، توي دېگەن ئۆمرىدە بىر بولىدىغان تۇرسا ، باشقىلارنىڭ بەدىنى تەگكەن كونا كىيىمنى كىيىشنىڭ ئۆزىمۇ خاتا بىر ئىشتە.

– ياۋروپالىقلار توي قىلىدىغان چاغدا توي كۆڭلىكىنى يېڭىدىن تىكتۈرۈپ كىيىپ ، تويدىن كېيىن خاتىرە سۈپىتىدە ساقلايدىكەن . بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ كىيگەن كۆڭلەكنى بىر مۇنچە پۇلغا ئارىيەت ئېلىپ ، توي كۈنى كېيىشكە قانداقمۇ كۆڭلى كۈتۈرىدىغاندۇ ؟

– بىز توي قىلغان چاغلاردا بېشىمىزنى بىر كۈن گىجىم رومالغا يۆگەپ ئولتۇرۇپ بېشىمىزنى ئېگىز كۆتۈرەلمەي بويۇنلىرىمىز ئاغرىشىپ كېتەتتى ، ھازىرقى قىزلىرىمىز يۈزلىرىنى ئېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، مانا مۇشۇنداق مۈرىسىز يەڭسىز كۆڭلەكلەرنى كىيىپ ، كۆزلىرىنى ماي سالغان چايدەك پارقىرىتىپ ئولتۇرسا ….

– ۋاي ئاداش ، يەنە شۇ چاغلارنى ئويلىسام ھاياجانلىنىمەن ، تويى بولىدىغان قىز ئۆزىنى بەك يۇشۇرغاچقىمىكىن ئۇ قىزنى باشقىلارمۇ كۆرۈشكە بەك قىزىقاتتى . تويىمىز بولۇپ بىرەر ئايغىچە تالا – تۈزگە يالغۇز چىقىشتىن خىجىل بولۇشاتتۇق . ھازىرقى قىزلارنىڭ توي قىلىش ، يېڭى كېلىن بولۇشلىرىنىڭ ئانچە مەززىسى قالمىغاندەكلا ، ئۆزىنىڭ تويىدا ئۆزى ئويناپ ….

يېگىت بېشى يىگىتنىڭ ئانىسى قىزنىڭ يۈزىنى ئېچىپ ۋېچىركا باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى . ئانا گۈلدۈرەس ئالقىش ھەم ھاياجانلىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئوتقاشتەك چىرايلىق قىزىل شارپىنى ئېلىپ كېلىنىنىڭ يېنىغا ماڭدى ، قىز بىلەن يېگىت ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئانىنىڭ ئالدىغا چىقتى . ئانا كېلىنىنىڭ يۈزىگە ئارتىۋالغان تور ياغلىقىنى ئېلىۋېتىپ ، قىزىل شارپىنى قىزنىڭ بوينىغا ئارتىپ ، كېلىن بىلەن ئوغلىنىڭ پېشانىسىگە سۆيدى ھەمدە بىر تال ئالتۇن ئۈزۈكنى ئېلىپ بارمىقىغا سېلىپ قويدى . قىز قولدىشى ئانىنىڭ بوينىغا بىر كۆڭلەكلىك شىپىك دۇخاۋا ئارتىپ قويدى . شۇنىڭ بىلەن قىز –يىگىتنىڭ ئەتراپىغا ئورۇشۋالغانلارنىڭ ھەممىسى ئوسۇلغا چۈشۈپ كېتىشتى ، شۇ تاپتا ئانا قۇلىنى ئۇسسۇلغا كۈتۈرگىنى بىلەن كۆزلىرى يىغلاۋاتقاندەك قىلاتتى …ئاھ ئانا ! بەلكىم ئۇ ئوغۇل ئۆيلەپ كېلىنلىك بولغىنى ئۈچۈن ھاياجانلىنىپ ، خۇشاللىق ياشلىرىنى تۆكۈۋاتقاندۇ ، شۇنداقتىمۇ بۇ كۈندىكى بالىلارغا ئانا بولماق ئاسان ئەمەستە .. شۇنداق ھاياجانلىق تۇيغۇدا كۆزلىرىمگە يىغا ياماشتى ، يېنىمدىكى ئانىلارمۇ ئاللىقاچان كۆزلىرىدىكى ياشلىرىنى سۈرتۈشكە باشلىغانىدى .

-يائاللا ، يۈزىنى ئەمەس كۆسىنى تولۇقراق ياپقان بولسا ئۈزۈكنىڭ ئورنىغا بىلەزۈك سالامتىكىن جىنتەك …- دېدى بۇغداي ئۆڭ ئورۇققىنا كەلگەن بىر ئايال.

توي داۋاملىشىۋاتاتتى . قىز بىلەن يېگىت تانسىغا چۈشتى ، ئۇلار ئىككى – ئۈچ قەدەم ئېلىشىغىلا بىر بالا ئۇزۇن قىزىل تاۋاردا قىز بىلەن يىگىتنىڭ سۆڭگىچىدىن بىر –بىرىگە چېتىپ باغلاپ قويۇۋدى ، ئولتۇرغان قىز – يېگىتلەر چۇقان سېلىشىپ چاۋاك ئارىلاش ئالقىش ياڭراتتى . مەن يېنىمدىكىلەرگە قارىدىم ، ئۇلارنىڭ بەزىسى ھەيران بولۇشۇپ بىر – بىرىگە قارىسا ، بەزىسى خىجالەت بولغىنىدىن يەرگە قاراشتى.

– ۋاي بۇ نېمە ئالامەت ؟ مەن خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ ياكى ئاۋۇ پوتىنى نېمىگە…

– خاتا كۆرمىدىڭىز خوشنام ، ئۇلارنى مەڭگۈ ئايرىلمىسۇن دەپ چىڭ باغلاپ قويۇۋاتقان چېغى ..

– قوپۇشامدۇق ؟ يەنە ئولتۇرۇۋەرسەك ، ئۇنىڭمۇ بەك سەتچىلىكنى كۆرۈپ قالمايلى .

ئاشۇ كۈنكى تويدىن كېيىن ، توي كۆڭلىكى بىلەن ھېلىقى پوتا باغلىغان كۆرۈنۈش كۆڭۈل ئېكرانىمدا پات – پات پەيدا بولۇپ ، مېنى چوڭقۇر ئويغا سېلىپ قويۇۋاتقان ، بۇ توغرۇلۇق چوڭلاردىنمۇ نۇرغۇن نارازىلىق پاراڭلىرىنى ئاڭلىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، يەنە بىر قىزىمىزنىڭ تويىغا قاتنىشىپ قالدىم . بۇ تويدىكى قىزىمىز ئىككىلا مۈرىسى ، ھەتتا دۈمبىسى ئوچۇقلا توي كۆڭلىكى كىيگەن ھالەتتە يىگىتنىڭ يېنىدا كۆزىنى چاقنىتىپ ئولتۇراتتى . قىزغا قارىساملا ئۆزۈمنىڭ بىر يېرى ئېچىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ ، تويدىنمۇ بالدۇرلا قايتتىم .

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بىر ئوقۇتقۇچىمنىڭ قىز – ئاياللار نازاكىتى ، جەلىپكارلىقى توغرىسىدا مۇنداق بىر گەپنى قىلغانلىقى ھېلىمۇ ئېسىمدە : «ئاياللار رۇباشكىسىنىڭ جىيىكىنى كەڭ چىقىرىپ قويسا ، كۆرگەن ئادەم ئەجەب رۇباشكىسىدىن كۆڭلىكى قىسقىكەن ، ئىچىدىكى بىر نېمىسىنى ساڭگىلىتىپ قويماي ئوڭشاپ كىيىۋالسىچۇ دەيدۇ ، ئەگەر رۇباشكىسىنىڭ جىيىكىنى كىچىككىنە چىقىرىپ قويۇپ كىيسە ، كۆرگەن ئادەم رۇباشكا ئىچىدىكى گۈزەللىككە قىزىقىدۇ …» ، دېمەك قىزلىرىمىز يوشۇرۇشقا تېگىشلىك جايلىرىنى يېپىپ ، ئۆزىگە خاس نازاكىتىنى ساقلاپ قالسا ، ئۇلاردىكى جەلپكارلىق تېخىمۇ كۈچەيمەسمۇ ؟

ئىگلىشىمچە ، توي كۈنى قېينانىسى كېلىنىنىڭ يۈزىنى ئاچقاندا ،قىزىل ياغلىق بىلەن ئالتۇن ئۈزۈك سېلىپ قويىدىغانلىقىنىڭ ئەسلىي ماھىيىتى :ئاتا بوۋېلىرىمىز تويى بولغان قىزنىڭ مۇبارەك يۈزىنى بىر كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن قىزىل ياغلىق بىلەن ئالتۇن ئۈزۈك كۆرۈملۈك قىلىش ئىدى . بۈگۈنكىدەك ياۋروپاچە كونا كېيىملەرنى كېيىپ ، بەدىنىنىڭ يېرىمىنى ئېچىپ ئولتۇرغان يېڭى كېلىنلىرىمىزگىمۇ يەنىلا شۇنداق كۆرۈملۈك ئارتۇق كەتمەسمۇ ؟ ئۇلار ئاشۇ قىزل ياغلىق بىلەن ئالتۇن ئۈزۈككە لايىق جاۋاب قايتۇرغان بولسا ، بۇ ئاتا – بوۋىلىرىمىزدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆرپ – ئادىتىمىزنى ئەۋلادلىرىمىزغا ئۆز قىممىتى بىلەن تاپشۇرغان بولساق ، قانداق ياخشى بۇلاتتى –ھە؟

يېقىندا بىر ژۇرنالدا«ئاياللىرىمىزنىڭ يېرىم يالىڭاچ كوچىلارغا چىقىشى ئەرلىرىمىزنىڭ ئەركەكلىكىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقتۇر» دېگەن سۆزنى كۆرۈپ قالدىم . ئۆتكەنكى تويدىكى ئانىلار ئېيتقاندەك خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ ئەنە شۇنداق يامان ئادەتلەرنى ئۆگىنىۋېلىشىدا ئەرلەرنىڭ ، يىگىتلەرنىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار.

سۆيۈملۈك سىڭىللار ، سىلەرنىڭ تويدا كىيگىنىڭلار توي كۆڭلىكىمۇ ؟ ئىچ كۆڭلەكمۇ؟

قەدىرلىك يېگىتلەر ، تويىڭىز بولغان كۈنى سۆيۈملۈك مەھبۇبىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزگىلا تەئەللۇق بولغان خاس جايلىرىنى باشقىلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشىغا تاشلاپ بېرىپ نېمىگە ئېرىشەرسىز ؟ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، توي كۈنى مەھبۇبىڭىزنىڭ كۆڭلىكى ئىچ كۆڭلەك بولۇپ قالمىسۇن .

كىتابنى سېتىۋېلىشنى خالامسىز؟ بۇ يەردىن كىرىڭ

مەزكۇر پارچە گۈلباھار سىدىق ھەدىمىزنىڭ « زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى »ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى

« زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى »ناملىق كىتابتىن پارچە

ئاپتور ھەققىدە:

گۈلباھار سىدىق 1967-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى مايتاغدا تۇغۇلغان . 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ «مايتاغ نېفىت – خىمىيە گېزىتى» ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنغان .

ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان 13 يىلدىن بېرى مۇخبىرلىق ھەم ئەدەبىي تەھرىرلىك قىلغاندىن سىرت ، جەمئىيەتتە ئۆزى دۇچ كەلگەن نامۇۋاپىق ئىش – ھەرىكەت ، چەكتىن ئاشقان ناچار ئادەتلەرنى قامچىلايدىغان ماقالىلەرنى يېزىپ ، تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرۇپ ، بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان .

ئۇ 1990-يىلى «ماي بۇلاق» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «يۈرەك ساداسى» ناملىق ئەسىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ «يۈرەكتە قالغان ئارمان» ، «پىغانلىق ناخشا» ، «ئايەمدىكى سېغىنىش» قاتارلىق پوۋېست ، ھېكايىلىرى «تارىم»، «تەڭرىتاغ» قاتارلىق ئەدەبىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان .

ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە بۈگۈنكى دەۋر ئاياللىرىنىڭ دۇنياسىنى ، نىكاھ ، مۇھەببەت جەھەتتە دۇچ كەلگەن تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن . بۇ ئاپتورنىڭ تۇنجى توپلىمى بولۇپ ، بۇ كىتابقا گۈلباھار سىدىقنىڭ بىر قىسىم پوۋېستلىرى ، ھېكايىلىرى نەسرلىرى ۋە ئەدەبىي خاتىرىلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلدى.

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, تەرمىلەر

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.