قىزىل تاغ ئىتىكىدە

نەشرىياتتىن

يازغۇچى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت تەشكىلاتچىسى قەيۇم تۇردى 1937-يىلى قەشقەر شەھىرىدە كىچىك تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ، 1946- يىلىدىن 1951- يىلىغىچە باشلانغۇچ – ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1951-يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستوتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ ،1954-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، «شىنجاڭ گېزىتى» دە مۇخبىر ۋە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن ، 1961-يىلى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ ، «يەكەن گېزىتىدە »ئىشلىگەن. قەيۇم تۇردى 1978- يىلىدىن 1981- يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن ، 1981

– يىلىدىن 1989- يىلىغىچە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە كەسپىي يازغۇچى بولغان ، 1989-يىلىدىن تارتىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىگەن ، يولداش قەيۇم تۇردى 1999-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى قارماي شەھىرىدە يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان.

قەيۇم تۇردى ئەدەبىيات ساھەسىگە 1955-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئوراز بوۋا» ناملىق ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن . ئۇ، شۇنىڭدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ «بەخت يولى » ،«زەرەپشان يولىدا »،«گۈلزارلىق ھويلىدىكى كىشىلەر» قاتارلىق ئونلىغان ھېكايىلەرنى ؛ «بۇغدا ئاتا » ، «ئىنژېنېر ئەلنىڭ ھېكايىسى»، «يول» قاتارلىق پوۋېستلارنى ؛ «قىزىلتاغ ئېتىكىدە » ، «سۈزۈك ئاسمان» قاتارلىق رومانلارنى ؛ «كۈرەشچان يىللار» (ئۈچ توم)، «جىمجىت جۇڭغارىيە» (ئىككى توم) قاتارلىق ترولوگىيىلەرنى ئېلان قىلىپ ، ئۇيغۇر پروزىچىلىقى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشقان . ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايونلۇق ۋە مەملىكەتلىك مۇكاپاتلارغا كۆپ قېتىم ئېرىشكەن ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

جىمجىت جۇڭغارىيە«1،2-قىسىم» جىمجىت جۇڭغارىيە«1،2-قىسىم»
كۈرەشچان يىللار«1،2،3» كۈرەشچان يىللار«1،2،3»

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.