بۈيۈك تىلچى مەھمۇد قەشقەرى
بۈيۈك تىلچى مەھمۇد قەشقەرى
م.شاكىر ئۈلكۈتاشىر (تۈركىيە)
تۈرۈكچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :تۇرسۇنئاي ساقىم
2000-يىلى 8-ئاي 1-نەشرى
2000-يىلى 8-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:3000-1
ISBN: 7228058771
كىرىش سۆز
1946-يىلى تۈرك تىل جەمئىيىتى نەشر قىلغان ئەسەرلەردىن بىرى بولغان «بۈيۈك تۈرك تىلچىسى مەھمۇد قەشقەرى» ناملىق ئەسىرىمنىڭ 2-قېتىملىق نەشرى ئۈچۈن ئارتۇقچە بىر نەرسە يېزىپ يۈرمەيمەن . بۇ كىتابنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇنى يېزىش ھەققىدىكى مەقسەت توغرىسىدا 1-قېتىملىق نەشرىنىڭ كىرىش سۆزىدە يېتەرلىك دەرىجىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدىم . شۇڭا ، بۇ يەردە بىر – ئىككى نۇقتا ئۈستىدە قىسقىچىلا توختىلىپ ئۆتىمەن .
«بۈيۈك تىلچى مەھمۇد قەشقەرى» ناملىق ئەسىرىمنىڭ بۇ 2- قېتىملىق نەشىرىگە كىچىككىنە بىر ئۆزگەرتىش ، بىر مۇنچە تۈزىتىش ، بولۇپمۇ كۆپلىگەن بىبلوگرافىيىلىك قوشۇمچىلار كىرگۈزۈلدى ۋە كىتاب بىر ھەسسە چۇڭايتىلدى . بۇ ئەھۋال ئازاراققىنە سېلىشتۇرۇلسىلا مەلۇم بۇلىدۇ . شۇنى ئالاھىدە دەپ ئۆتمەكچىمەنكى ، ئەسىرىمنىڭ «بىزدىكى نەشرلەر» دېگەن قىسىمىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن كىتاب ۋە ماقالىلەرنىڭ يەتمىش پىرسەنتىنى ئوقۇپ چىقتىم ۋە پايدىلاندىم . شۇنىڭ ئۈچۈن ، كىتابمدا «پايدىلانغان مەنبەلەر» دەپ ئايرىم بىر بۆلۈم ئاجرىتىشنى لايىق كۆرمىدىم .
يىگىرمە بەش يىلدىن كېيىن ، بۇ كىتابنىڭ كەڭ دائىرىلىك قوشۇمچە قىلىنغان ۋە قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن 2- قېتىملىق نەشىرىنى تەييارلاش ۋە نەشر قىلىشقا ياردەم قىلغان تۈرك تىل جەمئىيىتىنىڭ ھۆرمەتلىك رەئىسى ۋە مەسئۇل مۇھەررىرى قاتارلىق – قەدىرلىك ھەيئەت ئەزالىرىغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . بۇ مېنىڭ بۇرچۇم – دە …
يۇرتىمىزنىڭ زىيالىيلار تەبىقىسىگە سۇنغۇدەك جاسارەتكە ئىگە قىلغان بۇ كىتابىم ھەققىدە بىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئىلمىي تەنقىدلىرىنى ناھايىتى زور ىۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن . بۇنداق تەنقىدىي پىكىرلەر مېنىڭدىن كېيىنكى يېڭى ئەۋلادلار ئىچىدىن چىقىدىغان تەتقىقاتچى زىيالىيلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغۇسى . چۈنكى ، مەن بېسىپ ئۆتۈۋاتقان ئۇزۇن ھايات مۇساپىسى نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ، ئاچچىق – تاتلىق خاتىرىلەرنىڭ ئارقىدا قالدۇرۇپ ، كۈندىن – كۈنگە كۆرىنەرلىك سۈرئەتتە قىسقارماقتا .
بۇ يەردە ئاخىرقى سۆزۈم ئورنىدا شۇنىمۇ قوشۇمچە قىلىپ ئۆتۈشنى بۇرچۇم ، دەپ ئويلايمەن : ئەسىرىمنىڭ بۇ نەشرىنى تەييارلاشتا بەزى مەنبەلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن «چاقىرىق» ژۇرنىلىنىڭ ئىگىسى ، ھۆرمەتلىك خەلق شائىرى پەيزى ھالىجى ، قەدرلىك بىبلوگرافىيە ئالىمى سامى . ن . ئۆزەردىم ، ئىستانبول تاللاپ توپلاش ئورنىنىڭ مۇدىرى تۈركەر ئاجار ئوغلى ، پىداگوك ، تىلشۇناس بەشىر گۆغۇشقا ۋە بىرىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىلى رەھمەتلىك تەۋپىق تەمىر ئوغلى ھەققىدە تولۇقلىغۇچى مەلۇماتلارنى تېپىپ بەرگەن ھۆرمەتلىك دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پەرىت مەلەنگە چىن يۈرەكتىن تەشەككۈر ئېيتىمەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، «بىر بىبلوگرافىيە ھەققىدە » دېگەن تېمىدا «تۈركىي تىللار دىۋانى» غا ئائىت ماقالە ئېلان قىلغان سائىم ساجا ئوغلىنىڭ بۇ ماقالىسى بىلەن ئىلىم – پەنگە قوشقان قىممەتلىك تۆھپىسىنى رەھمەت ئېيتىپ تىلغا ئالىمەن .
تەرجىمە قىلغۇچى تۇرسۇنئاي ساقىم مەزكۇر ئەسەرنىڭ تۈرۈكچە 2 – نەشرىگە ئاساسەن تەرجىمىە قىلغان.
1971-يىلى 2-ئاپرېل ، ئەنقەرە
م. شاكىر ئۈلۈكتاشىر
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق