يۇلتۇز ئەپسانىسى

يۇلتۇز ئەپسانىسى

ئاپتورى:ئابدۇللا ساۋۇت

باھاسى:22.80

1999-يىل 4-ئاي 1-نەشرى

1999-يىل 4-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-6000

ISBN:7537133255

                                                                           مۇقەددىمە

   – مەككىنىڭ رودۇپىيى دېسە ، قانداق نېمىكىن دەپتىكەنمەن ، ئەسلىدە سەن ئىكەنسەن – دە!

    پىدا تاق تۇرۇپ قالدى ، ئوسمان تالىپنىڭ پۇلتىيىپ چىققان كۆزلىرىدە قەھرلىك بىر ئۇچقۇن يېلىنجايتتى ، ئۇ ئوڭ پۇتىنى پۇتىنى پەلەمپەينىڭ بىرىنچى باسقۇچىغا ئېلىۋېتىپ يەنە زەردە بىلەن ۋارقىرىدى :

    – ماڭ! كەت ئاداش ! ئادەمگە يىلىمدەك چاپلىشىۋالما ! ئەتىگەندىن بېرى بىكار يۈرگىنىم يوق ، تۆۋەنگە چۈشتۈم ، يىغىن ئاچتىم ، خىزمەتلەرنى تەكشۈردۈم ، ئېتىز – ئېرىقلارنى ئارىلىدىم. دېمەك ، مەن ئىشلىدىم خىزمەت قىلدىم ، ئەمدى بولسا ھاردىم ، تالدىم ، ئاچتىم . بۈگۈن شەنبە ، شېكەر شەنبە ، ئەتىچۇ ، ئەتە ناۋاتتەك يەكشەنبە . بۇنداق كۈندە ئادەم دېگەن ئوينايدۇ ، كۈلىدۇ ، ياشايدۇ . قانداق ؟  مەنمۇ ئادەم ، ئوينايمەن ، ياشايمەن ، بىلدىڭمۇ ؟!

    ئوسمان تالىپ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى . پىدا قاققان قوزۇقتەك ئورنىدىن مىدىرلىماي تۇراتتى ، كۈزنىڭ سوغۇق ، ئىزغىن شامىلى ئۇنىڭ قويۇق ساقال – بۇرۇتىنى يەڭگىل سىيپاپ ئۆتمەكتە ئىدى . چوڭ قورۇنى ئوراپ تۇرغان قاتار تېرەكلەردىن  تۆكۈلۈۋاتقان غازاڭلار شىلدىرلاپ نەرگىدۇر ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك ، نېمىنىدۇر سىيپاپ ئۆتۈپ ، كۆكتىكى كۈل رەڭ تۇمانغا سىڭىپ غايىب بولغاندەك تۇيۇلدى . سوغۇقمۇ ، ئىسسىقمۇ تەسىر قىلمايدىغان يالاڭ ئاياغ پۇتلىرى ئادەم قارىغۇسىز دەرىجىدە قاپقارا قاسماق ، مەينەت ئىدى . …

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

پۈتمەس سەترلەر  پۈتمەس سەترلەر
يۇلتۇز ئەپسانىسى  يۇلتۇز ئەپسانىسى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.