تاغ جۇدۇنلىرى
تاغ جۇدۇنلىرى (تارىخى رومان)
ئاپتورى:جالالىدىن بەھرام
باھاسى:47.00
2011-يىلى 8-ئاي 1-نەشرى
2011-يىلى 9-ئاي 1-بېسىلىشىى
تىراژى:1-10000
ISBN:9787228142736
سېتىۋېلىش ئادرىسى:http://item.taobao.com/item.htm?id=14807991556
ئەسكەرتىش:ئەسەرنى قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ.كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ ۋە ئۇلىنىش قىىلىڭ. http://www.kitabyurti.com/
مۇندەرىجە
1. يەكەن دەرياسى بويلىرىدا
2 . يېتىم قىزنىڭ ھەسرىتى
3.نىجاتلىق يولىدا
4.دارىلئېتام
5. باش باھاردىكى سوغۇق
6.ئۇنتۇلماس دەقىقىلەر
7. باھاردا توزىغان چېچەك
8.قوشراپقا سەپەر
9.قوشقىراپتىكى تاغ جۇدۇنلىرى
10.زەھەرلىك قول
11.سۇيقەست
12.پولكوۋنىكنىڭ غەزىپى
13.جىددى ئېلىشىش
14. قوشقىراپتىكى ئوق ئاۋازى
15.قوزغىلاڭ
16.ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى
17.قەھرىتان سوغۇق
18.ھايات – ماماتلىق
خاتىمە
بىرىنچى باب
يەكەن دەرياسى بويلىرىدا
بۇنىڭدىن سەكسەن يىللار مۇقەددەم.
يەكەن سەرياسى گاھىدا ئېغىر چايقىلىپ تاشلىق ھەم لايلىق قىرغاقلىرىغا ئورۇلۇپ خىيال بىلەن ، گاھىدا غەزەپلىك نەرە تارتىپ ، گاھىدا تولىمۇ مۇڭلۇق بىر نىدا بىلەن قاياقلارغىدۇر شاۋقۇنلاپ ئاقماقتا .ئۇنىڭ بېسىپ كېلىۋاتقان يوللىرى بەكمۇ ئەگرى – توقاي ۋە ئۇزۇندىن – ئۇزۇن بولۇپ ، قاتمۇقات تاقىر تاغلار ، تىك چېقىللار ، كۆز يەتكۈسىز چوققىلار ، چوڭقۇر جىلغىلار ، ئوت گىياھقا نامراتت بەرىكەتسىز يايلاقلار ، قاراڭغۇ قاپتاللار ، ئەرش قەرىگە تۇتاشقان داۋانلار ھەر كۈنى سۈبھى بىلەن بۇ قەدەم دەرياسىغا سالام بېرىدۇ ۋە ئۇنى مانان باسقان تولىمۇ ئۇزۇن تامانلارغا ئۇزۇتۇپ قويىدۇ . يەكەن دەرياسىنىڭ ئككى تەرىپى چەكسىز ۋادىلار ۋە ئەنە شۇنداق تاغ تۇرالار بىلەن قاپلانغان . بۇ كۆز يەتكۈسىز قاتمۇقات تاغ ئېدىرلار ، چاتقال قاپلىغان يانباغىرلار ، چېقىل ، ھاڭلار ، گويا يەكەن دەرياسىنى ئامان – ئېسەن ساقلاۋاتقاندەك ، تەرەپ – تەرەپتىن ئۇنى قورشاپ تۇرىدۇ . ئەمما ، قەدىم – قەدىمدىن تارتىپ ئۆز باغرىدا قارار تاپقان كەچمىشلەر ۋە نادامەتلەرنىڭ شاھىتى بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ دەريا ھەسرەت بىلەن ئۇھ تارتىدۇ ، ئېغىر تېنىدۇ ، گويا نەپەس يېتىشمەيۋاتقاندەك كۆكسى ئۆركەش ياساپ ، دەم كۆتۈرۈلۈپ ، دەم چۈشۈرۈپ تۇرىدۇ . گويا ئۇ قاباھەتلىك چۈش ئىلىكىدىن چۆچۈپ ئويغانغان ئانىنىڭ ئۆزىلا ! راست ، ئۇ چۈشىدە ئوڭ ۋە سول ساھىللىرىدىكى يۇلغۇنلۇقلارنى ، جىغان ، ئالىقات ، ئازغان ، قوڭغۇراقتىكەن قاپلىغان دالالارنى ياپيېشىل ۋادىلارىنى ، سۆسۈن رەڭ سايىلەر تېنىپ قالغان تەسكەي ئېدىرلارنى ، بېخىللارنىڭ ئوچۇملىرىدىن قىسىلىپ چۈشكەن قەترىلەردەك تاش يېرىقلىرىدىن سىرغىپ چىقىۋاتقان بۇلاقلارنى قان ئىچىدە كۆرگەندەك بولدى.
بىرىنچى بەت ئاياقلشتى …داۋامى ئاللاھ خالىسا ھەر كۈنى بىر بەتتىن يوللىنىدۇ
ئەسكەرتىش:ئەسەرنى قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ.كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ ۋە ئۇلىنىش قىىلىڭ. www.kitabyurti.com
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق