توزىماس گۈل
توزىماس گۈل
ئاپتورى:ئابدۇراخمان قاھار
باھاسى:25.00
2011-يىل9-ئاي 1-نەشرى1-بېسىلىشى
تىراژى:3000
بەت سانى:267
Isbn:9787228142453
سېتىۋېلىش ئادرىسى:http://item.taobao.com/item.htm?id=14369477625
ئاپتوردىن
رىزۋانگۈل جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسىمى بولغان ئۈۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن قاتناشقان ۋە مۇشۇ شانلىق ئۇرۇشتا مەردلەرچە قۇربان بولغان ئۇيغۇر خەلقنىڭ سۆيۈملۈك ، قەھرىمان قىزى . بۇ قىزنىڭ قەھرىمانلىقى ۋە مەردلىكىنى تارىخ ئۇنۇتمايدۇ.
بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ پېشقەدەم جەڭچىسى ، شەرقىي شىنجاڭ ھەربىي رايوننىڭ سابىق مۇئاۋىن قۇمانندانى مۇزەپپەر ئابدۇللايېف ماڭا :
– ئۇكا ، رىزۋانگۈل ھەققىدە رومان يېزىپ بىر ئابىدە تىكلەپ قويسىڭىز بۇلاتتى ، – دېگەنىدى ، مەن :
– مۇزەپپەر ئاكا ، رىزۋانگۈل ئىنقىلاب باشلىنىپ تېخى ھەرەمباغ ئېلىنمايلا قۇربان بولغان ، ئۇرۇشقا قاتناشقان كۈنلىرى ئاز ، قولۇمدا ئۇ توغرۇلۇق تۈزۈكرەك ماتېرىيالمۇ يوق ، – دېدىم .
– ماتېرىيالنى مەن بېرىمەن ، ئۇزاقتىن بېرى يىغقان ماتېرىياللىرىم بار ، – دېدى مۇزەپپەر ئاكا ۋە يىغقان ماتېرىياللىرىنى ماڭا بەردى .مەن ئۇ ماتېرىياللارنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم ۋە ھەجىمى كىچىكرەك بىر رومان يېزىش قارارىغا كېلىپ مەنمۇ ماتېرىيال ئىزدىدىم . رىزۋانگۈلنىڭ ئەينى يىللارىدىكى سەپدىشى ، ساۋاقدىشى ، دوستى رىزۋان ناسىر ھەم سەپدىشى ، مەكتەپدىشى ھاكىم تۇرسۇنلار بىلەن بىر نەچچە قېتىم سۆھبەتلەشتىم ، ئاندىن غۇلجىغا بېرىپ ساۋاقدىشى ھوشۇرخان بىلەن ھەدە ۋە ھەربىي سەپتە بىللە بولغان يۈسۈپ مۇئەللىم ، ماناپ قادىر بىلەن پاراڭلاشتىم. ئۇلارنىڭ رىزۋانگۈل ھەققىدىكى بايانلىرىمۇزەپپەر ئابدۇللايېف ماڭا بەرگەن ماتېرىياللاردىكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىدى . مەسلەن رىزۋانگۈلنىڭ بالىلىق – ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا ئاتا – ئانىسىدىن سورىغان سۇئاللىرى ، بەش – ئالتە ياش ۋاقىتلىرىدىلا ئائىلىدە ساۋادىنى چىقارغانلىقى ۋە ھېسابتا تۆت ئەمەلنى ئۆزلەشتۈرۋالغانلىقى ، ئوقۇشقا كىرىپ مۇئەللىملىرىدىن قىيىن سۇئاللارنى سوراپ ، ئۇلارنى مەڭدىتۋەتكەنلىكى ، پارتىزان بولغاندىن كېيىن قوراللارغا ئۇيغۇرچە ئىسىم قويغانلىقى ۋە ئۇ ئىسىملارنىڭ ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكى ، دۈشمەن پوتىيىنىڭ تۆشۈكىگە گىرانات تاشلىغانلىقى ، ئۈمىد مەكتىپىدە كىيىملەرنى پەسلىگە قاراپ كىيگەنلىكى ، بۇ ھالنى كۆرگەنلەر موسكۋادىن كەلگەن قىزمىكىن دەپ قالغانلىقى ، ۋالىبول ئوينياشتىكى ئالاھىدىلىكى ، توپنى ئوغۇللاردىن ئاشۇرۇپ ئۇرىدىغانلىقى قاتارلىق ئىشلىرىمۇ مۇزەپپەر ئاكىدىن باشقا زامانداشلىرىنىڭمۇ ئاغزىدىن چىقتى . مەزكۇر كىتاب يېزىلىپ بولۇپ ، قايتا ئوقۇش ۋە تۈزىتىش جەريانىدا رىزۋانگۈلنىڭ مەن ئىگىلىگەن گەپ -سۆزلىرى ۋە بەزى ۋەقەلىكلەرنىڭ مۇزەپپەر ئاكىنىڭ ماڭا بەرگەن ماتېرىياللىرىدىكى بىلەن ئوخشاش چىقىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم . لېكىن ، رىزۋانگۈل بىر مەشھۇر تارىخىي شەخس بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇنىڭ گەپ – سۆزلىرىنى ئەينەن قىلىشقا توغرا كەلدى .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق