يېۋگېنې گراندې
يېۋگېنې گراندې
ئاپتورى:ئونورى دې بالزاك
باھاسى:25.00
2009-يىلى 8-ئاي 2-نەشرى
2009-يىل 8-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
Isbn:9787228127238
مۇھەررىردىن
ئونورى دې بالزاك (1850-1799) فرانسىيىنىڭ19-ئەسىردىكى ئۇلۇغ تەنقىدىي رېئالىزم يازغۇچىسى . ئۇنىڭ «جۇئانستلار» ، «گوبىسىك» ، «سېھىرلىك داڭدار ئەسەر» ، «كاپىتان شاپېر» ، «پايتەخت چېركاۋىدىكى پوپ» ، «فىراگوس» ، «ساغرا تېرە» ، «يېزا دوختۇرى» ، «شەرتسىز ئىزدىنىش» ، «گورىيو بوۋاي»، «جىمجىت جىلغىدىكى گۈلسامساق»، «دەھرىنىڭ ئىبادەت قىلىشى» ، «قېرى قىز» ، «چاتاقچى خوتۇن» ، «خام خىيالنىڭ بەرپات بولۇشى» ، «بايۋەچچىنىڭ گۈللىنىشى ۋە چۈشكۈنلىشىشى» ، «چەت ئەلدىكى شېئىر پېشۋاسى» ، «دېھقان» ، قاتارلىق ئەسەرلىرى بار . فرانسىيە جەمئىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتەك بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلانغان «ئىنسان كومېدىيىسى» ئۇنىڭ يۇقىرىقىدەك 90 پارچە ئەسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
«يېۋگېنې گراندې» (1833) بالزاكنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلىرىنىڭ بىرى . بۇ ئەسەر نىڭ گەۋدىلىك مۇۋەپپەقىيىتىنى مەككار ، ئاچ كۆز ، بېخىل ، بىردىنلا بېيىپ كەتكەن بۇرژۇئازىنىڭ ئوبرازنى ياراتقانلىقىدا .
گراندې- بالزاك ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك سۈرەتلەپ بەرگەن بېخىللار ئوبرازىنىڭ بىرى بولۇپ ، فرانسىيە ئەدەبىيات تارىخىدىكى داڭلىق تىپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئاپتور بىر قاتار ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى بېرىش ئارقىلىق گىراندېنىڭ بېخىللىقىنى گەۋدىلەندۈرگەن : گراندې ھەر ۋاقىتلىق تاماق ، ھەر كۈنى ياقىدىغان شاملارنىمۇ ئۆز قۇلى بىلەن تارقىتىدۇ . ئازراقمۇ ئارتۇق بەرمەيدۇ ، ھەتتا خوتۇنىغا پارچە راسخوت ئۈچۈن پۇل بېرىشكىمۇ ئۇنىماي ، خېرىدارلارنىڭ ھېسابىنىڭ سىرتىدا تاپشۇرغان پۇللىرىنى خوتۇنىغا بېرىدۇ ، كېيىنرەك بارلىق ئائىلە چىقىملىرىنى خوتۇنىنىڭ ئۈستىگە ئارتىدۇ ، خوتۇنى كېسەل بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندا ، ھەممىدىن ئاۋۋال ئۇنىڭ كاللىسىدا ئەگەر دوختۇر تەكلىپ قىلىنسا پۇلنىڭ پېچىتى بۇزۇلۇپ كېتەرمىكىن ، دېگەن پىكىر پەيدا بولىدۇ . گراندېنىڭ بېخىللىقى ئۇنىڭ ئەتىدىن – كەچكىچە پۇللا دەيدىغان ئاچ كۆزلۈكى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن . گراندېنىڭ نەزىرىدە پۇل ھەممىدىن ئەلا تۇرىدۇ . ئۇ دائىم كېچىلىرى مەخپىي بۆلىمىسىنى تاقىۋېلىپ ، ھەددى – ھېسابسىز ئالتۇنلىرىغا قاراپ ھۇزۇر قىلىدۇ . ئۇ ئۆز بايلىقلىرىنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ خوتۇنى ئۆلگەندىن كېيىن ، قىزىغا يالۋۇرۇپ ، قىزىنى ئانىسىنىڭ مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلماسلىققا كۆندۈرىدۇ . ئۇ پالەچ بولۇپ ماڭالماي قالغان چاغلىرىدا ، باشقىلار ئۇنى قول ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ توشۇيدۇ . ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئۇ قىزىغا : «ئىشلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاخىرەتكە بېرىپ ھېسابات بېرىپ تۇر» دەيدۇ . ئاپتور يەنە ئۇنىڭ مەككار – ھارامزادىلىكنى كۆرسەتكەن . ئۇ سودا قىلغاندا ساختىپەزلىك قىلىشقا ماھىر بولۇپ ، كۆپىنچە گاس – گاچا قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ ، بەزىدە بۇ قىياپىتىنى قىلچە ئۆزگەرتمەيدۇ ، لېكىن نېمە قىلىشنى كۆڭلىگە ئاللىقاچان پۈكۈپ قۇيىدۇ. گراندې بىر ئىش قىلغاندا ، كېيىن چاتاق چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، قىلچە ئىز قالدۇرمايدۇ ، قانداقلا بىر ئىش ئۈستىدە گەپ قىلسا ، ئېنىق جاۋاب بەرمەيدۇ .
روماندا شۇ چاغدىكى جەمئىيەتتە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يىرگىنچلىك ئاقچا مۇناسىۋەتلىرى گراندېنىڭ قىزى يېۋگېنېنىڭ توي ئىشىنى چۆرىدىگەن ھالدا پاش قىلىنغان . يەرلىك بايلاردىن بولغان كريوشۇ ئائىلىسى بىلەن گراسىن ئائىلىسى بايلىققا ۋارىسلىق قىلغۇچى قىزنى تالىشىپ ، ئۆز ئارا پۇت تېپىشىدۇ ؛ يېۋگېنې پۇللىرىنى شارلغا بېرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئوتتۇرىدا جېدەل چىقىپ ، ئاتا – بالىلىق مۇناسىۋەت بۇزىلىدۇ ؛ مال دۇنيا ئىگە بۇلىۋالغان شارال گراندې ئائىلىسىنىڭ پەسلىكىنى ئويلاپ نىكاھ توختامىنى ئۆكتەملىك بىلەن يىرتىپ تاشلايدۇ ؛ بونفون ئەپەندى ئۆزى يالغۇزلا يۇتۇۋالماقچى بولۇپ ، بايلىقلارنى ئۆز ئارا تەقدىم قىلىش توختامى تۈزمەكچى بولغان بولسىمۇ ، لېكىن ئاخىرىدا ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالماي قولىنى چىشلەپ قالىدۇ . بۇ تەسۋىرلەر پۇلنىڭ جىنايىتىنى ئىنتايىن كۈچلۈك ، ئۈزۈل – ئېچىپ تاشلانغان .
بالزاك بەدىئىي سەنئەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە يازغۇچى .
مۇھىتنى نەپىس ، مۇپەسسەل ، جانلىق ، ئەينەن تەسۋىرلەش بالزاك رومانچىلىق سەنئىتىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى . ئۇ مۇھىتىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق دەۋرنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلىشقا ماھىر ئىدى . بالزاك «بۇ ئۇششاق دېتاللارنى تەسۋىرلەشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ ، خۇددى تاشقا ئايلانغان ھايۋانات قالدۇقلىرى تىرىك ئورگانىزملار تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن» دەپ ھېسابلىغان . بۇ خىل كۆز قاراش جەمئىيەت مۇھىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ۋە شۇنىڭغا ئەگەشكەن ھالدا ، ئۆرۈپ – ئادەتلەردە كېلىپ چىققان ئۆزگىرىشلەرنى ۋە شۇنىڭغا ئەگەشكەن ھالدا ، ئۆرۈپ – ئادەتلەردە كېلىپ چىققان ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىشكە ، تەتقىق قىلىشقا ، شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دەۋر پۇرىقىغا ناھايىتى باي . ئۇ يەنە مۇھىت تەسۋىرى بىلەن پېرسوناژلار ئوبرازىنى يارىتىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن .
بالزاك تىپ يارىتىشتا ، ئۆزىنىڭ كۆزىتىشىنىڭ ئىنتايىن ئىنچىكە ، ئۆتكۈر ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئىپادىلىگەن . ئۇ بىر دەۋردىكى ئاساسلىق پېرسوناژلارنى تولۇق تەسۋىرلەپ ، تىپلار ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان .
ئۇ مەركەزلەشتۈرۈپ ئومۇملاشتۇرۇشقا ، تاشقى قىياپەتنى توغرا كۆزىتىپ ، ئىچكى ماھىيەتنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ، پېرسوناژلارنىڭ تىلىنى خاراكتېرلەشتۈرۈشكە ماھىر . پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرى پېرسوناژلارنىڭ ئوخشاش بولىغان باسقۇچتىكى ئىدىيىۋى ئۆزگىرىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلگەن .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق