ئۇيغۇرلاردا ساقلانغان يادىكارلىقلار

ئاپتورى:مۇھەممەت يۈسۈپ

2008-يىلى10-ئاي 1-نەشرى

2008-يىلى10-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-2000

ISBN:9787807274568

باھاسى: 100.00

ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

مۇھەممەت يۈسۈپ 1935-يىلى 8-ئايدا كەلپىن ناھىيىسىنىڭ پاسون كەنتى تاپىناق مەھەللىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ، 1943-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە قاشئېرىق باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئاقسۇدا دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان . 1955-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا ئوقۇپ ، كەلپىن ناھىيىلىك بانكىغا تەقسىم قىلىنغان. 1958-يىلى 8-ئايدىن 1961-يىلى 5-ئايغىچە جەنۇبىي شىنجاڭ مالىيە سودا مەكتىپىنىڭ بانكا بوغالتىرلىق مەكتىپىدە بىلىم ئاشۇرغان .1961-يىلى 5-ئايدىن 1997-يىلى 8-ئايغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق بانكىسىنىڭ پىلان – كرېدىت بۆلۈمىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ھەمدە مالىيە – بوغالتىر خادىملىرىنى تەربىيىلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان . 1977-يىلى 8-ئايدىن 1980-يىلى 8- ئايغىچە قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىلىك خەلق بانكىسىدا مەمۇرىي بوغالتىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن . 1980-يىلى 8-ئايدىن 1995-يىلى 8-ئايغىچە شىنجاڭ بانكا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان . 1987-يىلى ئالىي لېكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ھەمدە ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى》جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى《 قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى.

مۇھەممەت يۈسۈپ 26 قېتىم ناھىيە ،ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خىزمەت ئىلغارى ، ئىلغار دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن . نۇرغۇن مالىيە – بوغالتىر ، بانكا خادىملىرىنى تەربىيىلەپ ، ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پۇل مۇئامىلە ۋە مالىيە – بوغالتىرلىق خىزمەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان . ئۇ خىزمەتتىن سىرتقى بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ (شىنجاڭ تارىخىي پۇللار )، (جۇڭگو ئالتۇن – كۈمۈش پۇللىرى) دېگەن كىتابلارنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان . ئۇ يازغان 60 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئىچىدىكى (خوتەننىڭ ئات سۈرەتلىك پۇللىرى) دېگەن ماقالە (شىنجاڭ گېزىتى) تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . مۇھەممەت يۈسۈپ ئاپتونوم رايونىمىزغا تونۇلغان يىغىپ ساقلاش ھەۋەسكارى بولۇپ ، 1996-يىلى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقىغا قارىماي ، بۇ ساھەدە داۋاملىق ئىزدەنمەكتە . ئۇ )ۋەتەن – جەننەت( ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشرگە تەييارلىدى .

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, تارىخ -مەدەنىيەت | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

كۆڭۈل سۇلتانى كۆڭۈل سۇلتانى
كىملىكىمنى سورىما كىملىكىمنى سورىما
قىزلار كىتابى قىزلار كىتابى
شىرىن بۇلاق شىرىن بۇلاق
بۈيۈك تىلچى مەھمۇد قەشقەرى بۈيۈك تىلچى مەھمۇد قەشقەرى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.