بىر بەخىتسىزنىڭ كەچۈرمىشى
بىر بەخىتسىزنىڭ كەچۈرمىشى
ئاپتورى:گارسىيە ماركوز
تەرجىمە قىلغۇچى :چۈي بەيچىڭ . ئابدۇللا ئابلىز
2000-يىلى 7-ئاي 1-نەشرى
2000-يىلى 7-ئاي 1-بېسىلىشى
باھاسى:10.00
ISBN:7105040459
ئاپتورنىڭ تەرجىمىھالى
گارسىيە ماركوز 1927-يىلى لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ خىيالىي رېئالىزمچى يازغۇچىسى . ئۇنىڭ توقۇلما بىلەن چىنلىق ، خىيال بىلەن رېئاللىق بىرلەشتۈرۈلگەن ئۆزگىچە ئۇسلۇبى دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنى بىردەك قايىل قىلغان . بىز ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە ئەدەبىي خاتىرىسى – «بىر بەخىتسىزنىڭ كەچۈرمىشلىرى» نى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.
بۇ ئەسەر ئەڭ بۇرۇن 1995-يىلى كولومبىيىنىڭ «كۆزەتكۈچىلەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ، 1970-يىلى كىتاب بولۇپ بېسىلغان . پېرۇلۇق ئاتاقلىق يازغۇچىسى بارگاس لېسا بۇ كىتابنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي ماختىغان . ئەسەردە دېڭىزدا ھادىسىگە ئۇچراپ ئامان قالغان بىر ئادەمنىڭ ئوزۇقلۇقمۇ ، تاتلىق سۇمۇ بولمىغان ئەھۋالدا ئون كۈنچە ئېقىپ يۈرۈپ خەتەردىن قۇتۇلغان ھەقىقىي كەچۈرمىشى بىرىنچى شەخس تىلىدا بايان قىلىنغان . ئەسەر ھەقىقىي ۋەقە بايان قىلىنىپلا قالماي ، يەنە يازغۇچىنىڭ كۈچلۈك بەدىئىي ماھارىتىمۇ نامايان قىلىنغان . ئاپتور مۇشۇنداق ژانىردىكى ئەسەرلەرنى يېزىش ئۇسۇلىغا پىششىق بولغاچقا ، ئەسەردە ھەم ئوبيېكتىپ چىنلىقنى ئەكس ئەتتۈرگەن ، ھەم خام ماتېرىياللارنى دەل جايىدا قۇراشتۇرۇپ ، دراماتىك كۆرۈنۈشلەر بىلەن پسىخىك تەسۋىرنى بىر – بىرىگە كىرىشتۈرگەن ھەمدە تەشۋىشلىك ۋە يۇمۇرىستىك ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بىپايان دېڭىزدا ئۆتكەن ئون كۈنلۈك ھاياتىنى تولىمۇ تەسىرلىك ۋە جانلىق تەسۋىرلىگەن ، شۇڭا ، بۇ ئەسەر 35 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھەر قايسى ئەل ئوقۇرمەنلىرىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشى ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، ئەسەردە ئادەمنىڭ تەبىئەت ، تەقدىر ۋە ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى بىلەن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى تەسۋىرلىنىپلا قالماي ، ماتروسنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان سۈنئىي ئىجتىمائىي ئامىل – ئارمىيە ئىچىدىكى چېرىكلىكمۇ پاش قىلىنغان . بۇ ئەسەر «دېڭىز ھادىسىسى ۋەقەسى» دىكى ئېغىر بومبىغا ئايلىنىپ ، جەمئىيەتتە زور غۇلغىلا قوزغىغان ، شۇ سەۋەبتىن يازغۇچىمۇ ، ئەسەردىكى باش قەھرىمانمۇ پېشكەللىككە ئۇچرىغان . زاۋاللىققا ئارىلىشىدىغان بۇنداق جاسارەت ۋە پاراسەت گارسىيە ماركوزنىڭ ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بىرمۇنچە ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىدۇر .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق