رەزىل يۈرەك
ئاپتورى:ئېھسان ئابدۇقۇددۇس
1994-يىل8-ئاي1-نەشرى
2010-يىل9-ئاي2-بېسىلىشى
تىراژى. 2901-5900
ISBN – 97872281134984
باھاسى،40.00
قىسقىچە مەزمۇنى
ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇش بولغان مىسىرنىڭ بۈگۈنكى زامان مەشھۇر يازغۇچىسى ئېھسان ئابدۇقۇددۇسنىڭ رەزىل يۈرەك ناملىق بۇ ئەسىرىدە 1922-يىلىدىن 1952-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مىسىرنىڭ تارىخىي تەرەققىيات دەۋرى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان.
يۈرىكى رەزىللىك بىلەن تولغان ھۈسەيىن ساجىر پاشا ۋەتەن ، خەللىققە ئاسىيلىق قىلىپ ، ۋىجدانىنى سېتىپ ، پۇلنىڭ كۈچى بىلەن نۇرغۇن ئەسكىلىكلەرنى قىلىدۇ . لېكىن ، ئۇ ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلالامدۇ؟ ياق ، مۇنداق ئادەملەر پۇلنىڭ كۈچى بىلەن ئەتراپىدىكى ئادەملەر ئۈستىدىن غالىپ كېلەلىسىمۇ ، كۆرۈنۈشتە ئۇلارنى ئۆزىگە ھۆرمەت قىلىدىغان قىلۋالالىسىمۇ ، لېكىن ئۇلار خەلقنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتى ۋە چىن مۇھەببىتىگە مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدۇ. ئەسەر ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق مانا مۇشۇ مەسىلىنى قايىل قىلارلىق ھالدا يورۇتۇپ بېرىدۇ ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ، نەپسانىيەتچىلىك بىلەن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش رېئاللىقىنى گەۋدىلىك ئەكس ئەتتۈرىدۇ . تارىخ ھامان ياخشىلىق بىلەن رەزىللىك ئۈستىدىن ئادىل ھۈكۈم چىقىرىدۇ. رەزىللىكى چېكىدىن ئاشقان ھۈسەيىن ساجىر پاشا ئاخىر تارىخ ۋە خەلقنىڭ سوتىغا تارتىلىدۇ . ئەسەرنىڭ تۇرمۇش پۇرىقى زوق ، ۋەقەلىكى ئەگرى – توقاي ، تىلى گۈزەل ، يېشىمى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق