يىگىت دىگەن شۇنداق بولسا

ئاپتورى: ئېھسان ئابدۇقۇددۇس (مىسىر)

شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى

1998-يىلى12-ئاي 1-نەشىرى

2010-يىلى 8-ئاي 4-بېسىلىشى

باھاسى: 30 يۈەن

تىراژى: 12810-8811

ISBN: 9787228008971

«يىگىت دېگەن شۇنداق بولسا» ناملىق روماندىن تەسىراتىم

بۇ مەزمۇنلار «نازىلە» بىلوگىدىن كۆچۈرىلدى

    http://nazila.blogbus.com/logs/33358348.html

قەھرىمان ئۆزى پەيدا بولمايدۇ.

ئۇنى خەلق يارىتىدۇ.

— ئېھسان

1. رومان ۋەقەلىكىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرلىشى

مىسىرنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى ئەسلەيدىغان بولساق، «23-ئىيۇل» ئىنقىلابىدىن بۇرۇن مىسىر خەلىقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارىشى ۋەتەنپەرۋەرلىك كۆرىشىنىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇلار ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن شۇ چاغدىكى ئەنگىلىيە جاھانگىرلىكى ۋە ئۇلارنىڭ غالچىسى بولغان ئەكسىيەتچىل ۋەتەن ساتقۇچ ھۆكۈمەتكە قارشى تەۋرەنمەي كۆرەش قىلغان. بۇ ئەسەردە ئەنە شۇ چاغدىكى ۋەقەلىك ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. ئەسەردە ۋەتەنپەرۋەر قەھرىمان ئىبراھىمنىڭ ئوبرازى خېلى نەتىجىلىك ھالدا سۈرەتلەنگەن. ئۇ جاھانگىرلار ۋە ئۇلارنىڭ غالچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، ئېزىشى ئاستىدا غەزەپكە كېلىپ، باشتا ئۆز ئالدىغا ياكى بىر نەچچىلا ئادەم بىلەن ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ. رېئاللىقنىڭ تەربىيىسى بىلەن ئۇ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ ۋە ئاممىنى تەشكىللەپ ئىنقىلاپ قوزغىغاندىلا جاھانگىرلار ۋە ئەكسىيەتچىل پادىشاھلىقنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغىلى بولدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. روماندا ئىبراھىمنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانى ئەقىلگە مۇۋاپپىق تەسۋىرلەنگەن، ئۇنىڭ ناۋال بىلەن بولغان مۇھەببىتى ناھايىتى ئالىيجاناپ. ھەممدىن قىممەتلىك يېرى شۇكى، ئاپتۇر مىسىردىكى ئادەتتىكى بىر ئائىلە-مۇھىيد ۋە ئاتا-ئانىسى، ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ ئېھتىياتچان، سىياسىي بىلەن چاتىقى بولمايدىغان ھالەتتىن ئۆزگىرىپ ئىنقىلاب قاينىمىغا كىرگەنلىكىنى يازىدۇ. بۇ ئائىلىنىڭ ئوبرازى (كېيىن ئۆزگەرگەن پىرسۇناژ ئابدۇل ھەمىدىمۇ بار) ناھايىتى نەتىجىلىك، ئىشەنچىلىك، تەسىرلىك قىلىپ سۈرەتلەنگەن. ئەسەرنىڭ دەۋىرچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق، ھېكايە ۋەقەلىكى قىزىقارلىق، بىر-بىرىگە چىڭ باغلانغان، ئادەمنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ.

«يىگىت دېگەن شۇنداق بولسا» نامىلىق رومان 1957-يىلى تۇنجى قېتىم «لوز يۈسۈپ» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان. بۈگۈنگىچە بۇ كىتاب ئەرەپ ئەللىرىدە قايتا نەشىر قىلىش قېتىم سانىنىڭ ۋە تىراژىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن داڭلىق.

(روماننىڭ كىرىش سۆز قىسىمىدىكى بۇ ئەسەرنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى جۇڭ جىكۈننىڭ ئەسەر ھەققىدىكى بايانىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى).

2.ئاپتۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

ئېھسان ئابدۇقۇددۇس 1919-يىلى 1-يانىۋاردا تۇغۇلغان بولۇپ 1942-يىلى قاھىرە ئۇنۋېرسىتىنىڭ قانۇن ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرۈپ ئادوكات ۋە مۇخبىر بولغان. ئۇ ھازىر «ئەلئىھرام گېزىتى»نىڭ مەخسۇس ئەسەر يازغۇچىسى ۋە مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

ئېھسان ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە مىسىر خەلقىنىڭ ئەنگىلىيىگە قارشى، ۋەتەن ساتقۇچلارغا قارشى داغدۇغىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك كۆرەشلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان، مۇخبىر بولغاندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلغان. شۇ چاغدىكى «ئەركىن ئوفىتسىرلار تەشكىلاتى» بىلەن زىچ ئالاقىدە بولغان، گېزىت-ژورناللاردا چىرىك پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى سۆكۈپ، جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى پاش قىلىپ ماقالىلەرنى يازغان. شۇ چاغدا يۇقىرى قاتلامدىكى ھوقۇق تۇتقانلارنىڭ نەپسانىيەتچىلىكى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن مەخپىي قۇرال سودىسى قىلغانلىقى سەۋەبىدىن 1946-يىلىدىكى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مىسىر مەغلۇپ بولغان. ئېھسان نۇرغۇن پاكىتلار ئارقىلىق بۇ رەزىل سودىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئېچىپ تاشلاپ جەمئىيەتتە چوڭ غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. شۇڭا، 1952-يىلىدىكى «23-ئىيۇل ئىنقىلابى» دىن بۇرۇن بۇ سىياسىي مەسىلە بىلەن ئۈچ قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە بىر نەچچە قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كەتكىلى تاس قالغان.

ئېھسان كۆپ مەھسۇلاتلىق يازغۇچى، ئالتە يۈزدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. ئوتتۇز نەچچە پارچە رومان ۋە ھېكايىلەر توپلىمى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسىرى «يىگىت دېگەن شۇنداق بولسا»(1957) دىن باشقا، «مەن ئەركىن ئادەم»(1954)، «بۇ يولدىن ماڭغىلى بولمايدۇ»(1955)، «جىنايەتلىق قەلىب»(1958)، «پاتماس قۇياش»(1960)، «ھەممىنىڭ كارى چاغلىق»(1963) قاتارلىق رومان،پوۋسىتلىرى بار.يېقىندا يازغان ئەسەرلىرىدىن «فاتىمە مەغلۇبىيەتنىڭ نامى»(1975)، «ئوق يانچۇقتا»(1975)، «ئىس-تۈتەك تارقىلىپ كەتمەستە»(1977)، «مېنى بۇ يەرگە تاشلاپ قويماڭلار»(1979)، «سۆيۈملۈكۈم،بىز ھەممىمىز ئوغرى»(1982) قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ياكى رادىئو دراممىسى قىلىپ ئىشلەنگەن. نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئىنگىلىز، فرانسۇز، رۇس، نېمىس، ئىتالىيان تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

سۆيۈملۈكۈم بىز ھەممىمىز ئوغرى سۆيۈملۈكۈم بىز ھەممىمىز ئوغرى
رەزىل يۈرەك  رەزىل يۈرەك

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.