سۆيۈملۈكۈم بىز ھەممىمىز ئوغرى
سۆيۈملۈكۈم بىز ھەممىمىز ئوغرى
ئاپتورى: ئېھسان ئابدۇقۇددۇس
1998-يىلى 3-ئاي 1-نەشرى
1998-يىل 3-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:3000
ISBN:7228042549
باھاسى:8.00
قىسقىچە مەزمۇنى
بۇ بۈگۈنكى زامان مەشھۇر ئەرەب يازغۇچىسى ئېھسان ئابدۇقۇددۇسنىڭ كىشىنىڭ زوق – شوقىنى قوزغايدىغان ئەسىرى . 1981-يىلى ئېلان قىلىنغان .مىسىردا 50-يىللارنىڭ بېشىدا پارۇخ خانىدانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ ، 70-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «ئىقتىسادنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتى يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى كۈچەيتىش ، ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە خۇشاللىنارلىق مۇۋەپپەققىيەتلەر قولغا كەلدى . شۇنداقلا بەزى تىرىكتاپلارمۇ مەيدانغا كەلدى . ئاپتورنىڭ بۇ ئەھۋالنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ، بىر ئەمەلدارنىڭ ئوغلىنىڭ ئامىتى كېلىپ پەلەككە كۆتۈرۈلۈشىدىن نامراتلىشىپ پالاكەت باسقىنىغىچە ، قايتا باش كۆتۈرۈشىدىن يەر بىلەن يەكسان بولۇشىغىچە بولغان ئەگرى توقاي كەچۈرمىشلىرىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق كىتابخانلارغا جەمئىيەتتىكى ھەر خىل ، ھەر شەكىلدىكى ئوغرىلارنىڭ ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىپ بەرگەن . ئىنقىلاب بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ، ھۆكۈمەت نامى بىلەن پايدا ئېلىپ ، تۇيۇقسىز بېيىپ كەتكەنلەر ، سالاپەتلىك ساختىپەز جانابلار ، مەنپەئەتپەرەس كاپىتالىستلار ، چىرىكلەشكەن ، چۈشكۈنلەشكەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى قاتتىق قامچىلىغان . ئاپتورنىڭ ئۆتكۈر قەلىمى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ . بۇ ئەسەر نەشردىن چىققاندىن كېيىن كىتابخانلارنى قاتتىق تەسىرلەندۈرۈپ ، كەڭ ئىنكاس قوزغىغان .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق