گورىيو بوۋاي

گورىيو بوۋاي

ئاپتورى:بالزاك

باھاسى:32.50

2009-يىلى 8-ئاي 1-نەشرى

2009-يىلى 8-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-3000

isbn:9787228127962

                                                                       قىسقىچە مەزمۇنى

    «گورىيو بوۋاي» فىرانسىيىنىڭ 19-ئەسىردىكى تەنقىدىي رېئالىستىك يازغۇچىسى بالزاك (1799-1850) نىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى ، 1834-يىلى نەشر قىلىنغان . بۇ رومان بالزاكنىڭ «ئىنسان كومېدىيىسى» ناملىق بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ بىرى .

    فرانسىيىدە پادىشاھلىق ھاكىمىيىتىنىڭ تىرىلىش دەۋرى ئەمەلىيەتتە بۇرژۇئازىيە ئاقسۆڭەكلەر سىنىپىنىڭ ئورنىغا تەدرىجىي دەسسەپ ، دۆلەتنىڭ ھۆكۈمران سىنىپىغا ئايلىنىۋاتقان دەۋر ئىدى . بۇ دەۋردە بۇرژۇئازىيىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ ، پۇل كۈندىن – كۈنگە ئۆزىنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ ، ئاخىردا جەمئىيەت ئۈستىدىن خوجايىنلىق قىلىدىغان كۈچكە ئايلاندى . «گورىيو بوۋاي» رومانىدا 1818-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1820-يىلىنىڭ بېشىغىچە بولغان ۋاقىت دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى قىلىنغان ، ۋوكې خېنىمنىڭ مېھمانخانىسى ۋە بوسېئان ۋىكونت ئاغىچا خېنىمنىڭ سالونى سەھنە قىلىنىپ ، ئۈگرە سودىگىرى گورىيو بوۋاينىڭ يۇقىرى جەمئىيەتكە كىرگەن ئىككى قىزى تەرىپىدىن تاشلىنىپ قالغانلىقى ۋە ئاخىردا يوقسۇزلۇقتىن خېنىمنىڭ مېھمانخانىسىنىڭ بالىخانىسىدا ئۆلگەن پاجىئەسى ئارقىلىق ، سۇنغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ، يۇقىرىغا ياماشقۇچى يىگىت راستىنياكنىڭ ئىچكى جايدىن پارىژغا نەۋرە ھەدىسى بوسېئان خېنىمنى پاناھ تارتىپ كېلىپ ، يۇقىرىغا يامىشىش جەريانىدا كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرى ۋە سەزگۈرەشتىلىرى ئارقىلىق پادىشاھلىق تۈزۈمىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى ئەينەن سۈرەتلەنگەن . بالزاك بۇ رومانىدا تۇرمۇشنىڭ ئوخشىمىغان ھەرقايسى تەرەپلىرىدىن بەدىئىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان . ئاپتور ئاقسۆڭەكلەر سىنىپىنىڭ مۇقەررەر يوسۇنىدا ھالاك بولۇش تەقدىرىنى ، پۇلنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ھۆكۈمرانلىق رولىنى چوڭقۇر ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن تەسۋىرلەپ ، شۇ دەۋرنىڭ قىياپىتىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرگەن .

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

سېرىق ئەتىرگۈل سېرىق ئەتىرگۈل
نۇزۇگۇم نۇزۇگۇم
تۈرۈكچە سۆزلىشىش تۈرۈكچە سۆزلىشىش
ئاخىرقى كۈنلەر ئاخىرقى كۈنلەر
17- 18-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن جۇڭغارلارنىڭ مۇناسىۋىتى 17- 18-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن جۇڭغارلارنىڭ مۇناسىۋىتى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.