مۇھاكىمە بايان

كۇڭزى

تەرجىمە قىلغۇچى:مۇھەممەسالىھ مەترۇزى

باھاسى:44.00

2011-يىل 9-ئاي 1-نەشرى

2011-يىل 9-ئاي 1- بېسىلىشى

تىراژى:3000

ISBN: 9787105115051

نەشرىياتتىن

مەزكۇر ئەسەرنىڭ تەرجىمانى مۇھەممەدسالىھ مەتروزى 1968-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى خوتەن ۋىلايىتىىنىڭ چىرا ناھىيەسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .1986-يىل 9-ئايدا مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – ئەدەبىياتى 2-فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان . 1991-يىل 7-ئايدا ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا خىزمەتكە چۈشكەن . ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ ، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە تەرجخمان ، مۇخبىر ۋە تەھرىر بولغان . 1992-يىل 5-ئايدىن 1995-يىل 5-ئايغىچە كېرىيە ناھىيەسىنىڭ مۇغاللا بازىرىدا بازار باشلىقى ياردەمچىسى ۋەزىپىسى بىلەن چېنىققان . 1995-يىل 1-ئايدىن 2008-يىلى 10-ئايغىچە «شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى ، مەسئۇل مۇھەررىرى ، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن . 2008-يىل 10-ئايدىن 2010-يىل 10-ئايغىچە ئىلى قازاق ئاوتۇنوم ئوبلاستىنىڭ نىلقا ناھىيەسى نىلقا بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىدە مۇئاۋىن بازار باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن . ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ .

ئۇنىڭ نەشرىياتىمىز تەرىپىدىن بىر يۈرۈش مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئاخباراتلىرى كىرگۈزۈلگەن «مۇھەببەت ، مۇھەببەت ، مۇھەببەت …» ۋە «مەن بۇ شەھەردە مۇھەببەت ئۈچۈنلا ياشاپ قالدىم» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى ، كىتابخانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولغان «شەھلا كۆز» رومانى ، «يۈدەننىڭ <مۇھاكىمە ۋە بايان>تەسىراتلىرى» ناملىق تەرجىمە كىتابى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «سېھىرلىك شەھەردىكى خاتېرىلەر» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى نەشر قىلىنغان . يەنە بىر قىسىم ھېكايە ۋە شېئىرلىرى نەشرىياتىمىز نەشر قىلغان خەنزۇچە «سالغا تېشى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «قەشقەردىكى يەر شارى» ۋە «يۈرەكسىز سۆيگۈ» ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلغان «بۇرۇت ماجراسى» قاتارلىق ئەدەبىي توپلاملارغا تاللاپ كىرگۈزۈلگگن . شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېڭى دەۋر ئىماملار قوللانمىسى» ناملىق كىتابنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىكىگە قاتناشقان . «ئوغلانغا تۇتۇلغان گۈلدەستە» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ «تىل – ئەدەبىيات» دەرسلىكىنىڭ 4-قىسىمىغا كىرگۈزۈلگەن . تەكلىپكە بىنائەن ، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەتلىك رادىيو – كىنو – تېلىۋزىيە باش ئىدا رىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ۋە رادىئو – كىنو – تېلىۋزىيە ئىدارىسى بىرلىكتە پىلانلىغان جۇڭگو ئۇيغۇر 12 مۇقامنى DVD , VCD قىلىپ ئىشلەش خىزمىتىگە قاتنىشىپ ، ئۇيغۇر 12 مۇقامنىڭ توققۇزىنچىسى – «بايات» مۇقامىنىڭ فىلىم سېنارىيەسىنى يازغان ۋە بۇ فىلىمنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى ھەم رېژىسورى بولغان . بىر قىسىم ئەدەبىي ئەسەرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ، نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردا تونۇشتۇرۇلغان .

ئۇ كىتابخانلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ۋە ئالقىشقا ئېرىشكەن «كۈلۈمسىرەش» ، «كۈتۈۋاتىمەن يېلىنجاپ تۇرغان بىر پارچە ئوتنى» ، «ئۇنتۇمايمەن قىزىل ياغلىق قىزچاق» ، «ئالما چېچىكى توزىمايدۇ» ، «ئەلۋىدا، سىرلىق دوقمۇش» ، «تېلىفون، بەش تەشتەك گۈل ۋە بىر جۈپ ئەر- خوتۇن» ، «ھۇجرىدىكى رومانتىكا» ، «ياشاپ باقە ، بەرنا» ، «بۇ شەھەردە ئاخىرقى باھار » ، «كۆل بۇيىدىكى چوغ» ، «ئادەملەرگە قاراپ باق، دۇنيا» قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ھېكايە پوۋېست ۋە شېئىرلارنى يازغاندىن باشقا ، يەنە ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە بەدئىي ئۇسلۇبى ۋە يۇقىرى يېزىقچىلىق ماھارىتى بىلەن ئەدەبىي ئاخبارات ، شېئىرىيەت ، ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ، ئەدەبىي خاتىرە ، كىنو ۋە تېلىۋزىيە سېنارىيەسى ھەمدە ئاخبارات ماقالىلىرى يېزىقچىلىقى بىلەنمۇ ئىزچىل شۇغۇللىنىپ ، كۆپ قاتلاملىق بىر قاتار مول سەمەرىلىك نەتىجىلىرى بىلەن ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ ، 2-نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات – سەنئەت مۇكاپاتى» غا ، 16-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ۋە 2-نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئەدەبىي ئاخبارات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «كەسپ ۋە ئەخلاقتا تەڭ يېتىشكەن سەنئەتكار» بولۇپ تەقدىرلەنگەن .

ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونلۇق يازغۇۋىلار جەمئىيىتى ئەدەبىي تەرجىمانلار شۆبە جەمئىيىتىنىڭ ھە ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئەدەبىي ئاخبارات تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى .

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, تارىخ -مەدەنىيەت | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

ئاتا - ئانىلار ئەخلاقى ئاتا – ئانىلار ئەخلاقى
ھەزرىتى ئائىشە  ھەزرىتى ئائىشە
ئىزدىنىش  (1-،2-قىسىم) ئىزدىنىش (1-،2-قىسىم)
ئۇيغۇرلاردا نەسەبنامە  ئۇيغۇرلاردا نەسەبنامە
تۆت خەلىپە تۆت خەلىپە

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.