مۇھەببەت ۋە قىساس
ئاپتورى:مارى كرېل
باھاسى:16.40
1998-يىل 12-ئاي 1-نەشرى
1998-يىل 12-ئاي 1-نەشرى
تىراژى:1-5000
Isbn:7228049101
كىرىش سۆز
مەن كىتابخانلارغا بۇ كىتابىمدىكى ۋەقەلرنى يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس ۋەقەلەر دەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن شۇڭا ، ئازراق ئىزاھ بېرىپ ئۆتەي:
كىتابتىكى بەزى ئاساسىي ۋەقەلەر 1884-يىلى نېئاپولدا خولېرا كېسىلى تارقىلىپ كەتكەندە يۈز بەرگەن ئەمەلىي ئىشلار ئاساسىدا يېزىلغان . شۇ چاغدىكى كۈندىلىك گېزىتلەردىن بىز ئاياللارنىڭ ئەرلىرىگە قىلغان ۋاپاسىزلىقلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىپ ، جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە ئەرلەرنىڭ نام – شۆھرەتلىرىنىڭ بۇلغىنىپ كەتكەنلىكىنى ئاسانلا كۆرۈۋالىمىز . ئەمما ، ئۇ چاغلاردا ھاقارەتكە ئۇچرىغان ئەرلەرنىڭ خوتۇنلىرىدىن ئۆچ ئېلىشلىرى بەكمۇ ئەۋج ئېلىپ كەتمىگەن – خوتۇنلىرىنى ئۆز ئالدىغا جازالىغانلىرى كۆپ ئەمەس . ئەنگىلىيىدەك دۆلەتلەردە ، ئەرلەرنىڭ ئۇنداق قىلىشلىرى ئاياللارنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىنمۇ نومۇسلۇق ئىش دەپ قارىلىدىكەن ، شۇڭا ئۇنداق ئەرلەر ئۆمۈرۋايەت ئازاب ئىچىدە ئۆتىدىكەن . ئەمما ، ئىتالىيىدە باشقىچە ، بۇ يەردە قانۇن تۇلىمۇ ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ تۈزۈلگەن ، ئۇنىڭدىن باشقا زاسېداتىللار ھۆكۈم چىقىرىشتا تولىمۇ ئىنجىق . ئەرلەرنىڭ غۇرۇرى ۋە نام – ئابرۇيى ھاقارەتكە ئۇچرىسا ھېچكىم ھەيران بولۇپ كەتمەيدۇ . شۇڭا – مەيلى توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن – بىر ئادەم غەلىتە ، قورقۇنچلۇق ئىشلارنى قىلىۋەتسىمۇ ، باشقا ئادەملەرنىڭ كارى بولمايدۇ . ئاشكارىلىنىپ قالغاندا ھەيران قېلىپ ، ئىشەنمىگەندەك قۇلاق سېلىپ ئاڭلىشىدۇ . يازغۇچى ياكى دراماتورگنىڭ كاللىسىدا توقۇپ چىققان ئىشىق – مۇھەببەت ۋەقەلىرى رېئال ھاياتتىكى ئىشىق – مۇھەببەت ۋەقەلىرىگە يەنىلا يىتمەيدۇ . شۇڭا رېئال تۇرمۇشنى خاتا ھالدا مەنىسىز دەپ قاراش توغرا ئەمەس . ئەمەلىيەتتە رېئال تۇرمۇش تراگېدىيە بىلەن توشقان بولۇپ ، ئۇمۇ سوفونكلېس ياكى شېكېسپېرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى تراگېدىيىلەرگە ئوخشاشلا ئۇلۇغ ۋە يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالىدۇ . دۇنيادا پاكىتتىنمۇ ئارتۇق نەرسە بولماس – بەزىدە ئۇ ھەم شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق