قائىدە – يوسۇنلىرىمىز
قائىدە – يوسۇنلىرىمىز
ئاپتور: يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق
ISBN:9787537319973
بەت سانى : 559
نەشرى:2009-12*1
بېسىلىشى2011-3*1
باھاسى:48.00
كىتابتىن ئۈزۈندە:
كىتاب تەقدىم قىلىش ئادىتى – «ئارمىغان»
ئاپتورى:يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق
قەدىمكى ئۇيغۇر – تۈركىي تىللىق خەلقلەردە ھەر خىل سوۋغىلار بولغان ، بۇلارنىڭ ئىچىدە كىتاب سوۋغا قىلىش ئادىتى ئەڭ قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ئەنئەنىلەرنىڭ بىرى ئىدى . گەرچە «دىۋان» دا كىتاب سوۋغا قىلىشقا دائىر بىرەر ئۇچۇرغا ئىگە بولمىغان بولساقمۇ ، ئەسەرنىڭ بېشىغا يېزىلغان مۇقەددىمىسىدە مەھمۇد كاشغەرىي:«تۈركىي تىللار دىۋانى»
نى يېزىپ بولۇپ ئۆز دەۋرىدىكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ خەلپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا ئارمىغان قىلغانلىقىنى تەنتەنە بىلەن جاكارلايدۇ :«بۇ كىتابنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇقەددەس ئورنىدا ئولتۇرغان ھاشىم ئۇرۇقىدىن ۋە ئابباسىيلار سۇلالىسىدىن يولباشچى بولغان غۇجىمىز ، ئىگىمىز ، مۆمىنلەرنىڭ ئەمرى ۋە تەڭرى تەيىنلىگەن خەلىپە مۇھەممەد ئوغلى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرۇللا ھەزرەتلىرگە ئارمىغان قىلدىم ». قەدىمكى دەۋر شەرق دۇنياسىدىكى كىتاب يېزىپ شاھلارغا ، بەگلەرگە تەقدىم قىلىش ، كىتابنى بەگلەر نامىدا ئاتاش خېلى ئومۇملاشقان ئادەتكە ئايلانغان . ئۆز دەۋرىدىكى مەرىپەتلىك پادىشاھلارغا مال – دۇنياسىغا نىسبەتەن يەنىلا مەنىۋى سوۋغا – كىتابنى ئەزىز بىلەتتى . چۈنكى ، كىتاب مەڭگۈلۈك يادىكار بولۇپ قالاتتى ، نال – دۇنيانىڭ ئىزى قالمايتتى . ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب تەقدىم قىلىش ئادىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەڭ يۈكسەك پەللىگە يەتكۈزگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆمۈرلۈك توپلىغان ئىلغار بىلىم جۇغلانمىلىرىنى 18 ئايلىق مىننەتلىك ئەمگەك ئارقىلىق قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈپ ، ئۇنى «قۇتادغۇبىلىك» دەپ ئاتاپ ، ئۆز دەۋرىدىكى قاراخانىيلارنىڭ ھۆكۈمرانى ھەسەن بۇغراخانغا نورۇزلۇق «تارتۇق» قىلغانىدى . ئۇ نورۇزنامىسى مۇنداق قۇرلارنى تىزىدۇ :
99.قايۇسى توغاردىن تۇتار مىڭ ناتۇق ،
قايۇسى باتاردىن تاپۇغچى ئانۇق.
مەنىسى:بەزىلەر شەرقتىن مىڭلاپ سوۋغا «تانۇق» تۇتسا ، بەزىلەر غەربتىن خىزمىتىگە جان تىكمەكتە.
112. تالۇ نەڭ تانۇق تۇتتى مىڭ مىڭ ئەلىگ،
مۇنۇ قىل تانۇقى قۇتادغۇبىلىك.
113 . ئۇلارنىڭ تانۇقى كەلىر ھەم بارىر ،
مەنىڭ بۇ تانۇق بولدى مەڭۈ قالىر.
114.نەچچە تەرسە دۇنيا تۈكەل ئالقىنۇر،
بىتىسە قالىر سۆز ئاژۇن تەزگىنۇر.
115.كىتابقا بىتىندى بۇ خاقان ئاتى،
بۇ ئات مەڭۈ قالدى ئاي تەركەن قۇتى
مەنىسى: مىڭ – مىڭچە قۇللار نى – نى قىممەتلىك سوۋغىلارنى تۇتتى ، مېنىڭ سوۋغام «قۇتادغۇبىلىك» نى قوبۇل قىل ، ئۇلارنىڭ سوۋغىسى كېلىدۇ ھەم كېتىدۇ ، مېنىڭ بۇ سوۋغام مەڭگۈ قالىدۇ . مال – دۇنيا دېگەننى ھەر قانچە توپلىسىمۇ تۈگەيدۇ ،توقىلىدۇ ، كىتاب يېزىلسا جاھانغا نام تارىلىدۇ . كىتابىمغا خاقاننىڭ نامى پۈتۈلدى ، ئەي تەڭرى تەيىنلىگەن خاقان ، بۇ ئات مەڭگۈ قالىدۇ .
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا ، جۈملىدىن نورۇز تارىخىدا تەڭداشسىز ئۇلۇغ سوۋغىسى بىلەن مەڭگۈلۈك ئۈلگە ياراتقانىدى . بۇ ئىككى ئالىمنىڭ سوۋغىسى ئەمەلىيەتتە خەلىپىگە ، خاقانغا قىلىنغان سوۋغا بولماستىن ، ئاۋۋال ئىنسانىيەتكە قىلىنغان قىممەتلىك سوۋغا ئىدى . ئۇنىڭدىن كېيىن خەلققە ، ۋەتەنگە ، مىللىي مەدەنىيىتىگە ، ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە سۇنۇلغان سوۋغا ئىدى . بۇ ئىككى بۈيۈك ئالىمنىڭ خاسىيەتلىك سوۋغىسى بىلەن تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت جۇغلانمىسى ، تەل بايلىقى ، تەپەككۇر بايلىقى ، مىللىي كىملىكى ، ئىدېئولوگىيىسى ، ئومۇمەن مول بىلىش نەتىجىلىرى ئەۋلادلارغا سوۋغا قىلىنغانىدى . يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېيتقاندەك نى – نى ئوردا – سارايلار يۇقالىدى ، شۇنچە سەلتەنەت سۈرگەن شاھ – خاقانلار كەتتى . مانا بۇ ئەقىل – پاراسەتنىڭ مېۋىسى بولغان ئۇلۇغ ئەسەرلەر تارىختىكى دەھشەتلىك ئوڭۇشسىزلىقلاردىن غالىب كېلىپ ، جاھاننىڭ ئىلىم بېغىنى نۇرغا چۆمدۈردى .
بۇ ئىككى ئالىم باشلاپ بەرگەن كىتاب سوۋغا قىلىش ئەنئەنىسى كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قىلىپ ، نەچچە مىڭ ئېسىل كىتابلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە مەنىۋى تۈرتكە ۋە ئۈلگە بولدى «تارىخىي رەشىدى» نىڭ ئاپتورى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان كىتابىنى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى خاقانى سۇلتان ئابدۇرېشىتخاننىڭ نامىدا يېزىپ ، ئابدۇرەشىدخانغا تەقدىم قىلغانىدى . ئاپتور سەئىدخاننىڭ چوڭقۇر مېھرىبانلىقى ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلەپ يېتۈك ئىستېدات ئىگىسى قىلىپ چىققانلىقىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن ، «ئۇ مۇئامىلىلەرنى خاننىڭ ماڭا قىلغان ئېھسانلىرى ۋە مۇرۇۋەتلىرىگە مۇقابىلە قىلىمەن . مەيلى قوبۇل قىلسۇن ، رەت قىلسۇن بۇ كىتابىمنى خاننىڭ پەرزەنتىنىڭ ئىسمىغا ئاتاپ يازىمەن ، تاكى بۇ كىتاب مەندىن ئۇنىڭغا ۋە ئالەم ئەھلىگە يادىكار قالغان »دېگەن . ئەلىشىر ناۋايى ئۆزىنىڭ خېلى كۆپ ئەسىرىنى ھۆسەيىن مىرزا ساھىبقىراننىڭ نامىغا يازغان ۋە ئۇنىڭغا تەقدىم ئەتكەن . ئۇ ئۆزىنىڭ «مەجالىسۇن نافائىس» دېگەن ئەسىرىدە كىتابىنى ئەمىرلەرنىڭ نامىدا يېزىش ۋە ئۇلارغا تەقدىم قىلىشنىڭ بىر قانچە مىساللىرىنى بەرگەنىدى ، يەنى «ئابدۇراخمان جامى ئۆزىنىڭ <باھارىستان> ناملىق ئەسىرىنى ئالتۇن ساھىبقىراننىڭ نامى بېزەكلىرى بىلەن زىننەتلەپتۇ ۋە ياخشى خىسلەتلىرىنىڭ گۆھەرلىرى بىلەن تاجىدا قىلىپتۇ» ، يەنە« ئەمىر دەۋلەتشاھمۇ سۇلتان ساھىبقىران نامىغا <شائىرلار تەزكىرىسى> ناملىق كىتابنى يېزىپتۇ» دېگەن بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ .
كىتابنى ھەتتا ئۆزىنىڭ بالىسىدىن ئەزىز بىلگەن خەلقىمىز ، كىتاب يېزىشنى مەڭگۈلۈك قىسمەت دەپ قارىغان . ئۇنى ھەم ئىنسانلارغا قىلغان ئەڭ ئېسىل ، مەڭگۈلۈك سەدىقە دەپ چۈشەنگەن . بىرىگە بىر كىتابنى سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ئۈزۈلمەس ساۋابقا ئىگە بولۇش ئىستىكىدە بولغان خەلقىمىز، كىتاب سوۋغا قىلىشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان . بۈگۈنكى بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە بۇ ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇش خەلقىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، مەدەنىيەتلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشتا زور رول ئوينايدۇ –
مەنبە:يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق نىڭ <قائىدە – يوسۇنلىرىمىز> ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق