قەلئە

قەلئە

ئاپتورى:فرانز كافكا

باھاسى:45.00

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

2012-يىل1-ئاي1-بېسىلىشى

تىراژى:3000

isbn:9787228149629

سېتىۋېلىش ئادرىسى:http://item.taobao.com/item.htm?id=18506664776

فرانز كافكا (1883-1924)ئاۋستىرىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى بولۇپ ،ھازىرقى زامان غەرب ئەدەبىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن .ئۇ جامىس جويىس ،مارسېل پرۇست بىلەن بىر قاتاردا غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى دەپ قارىلىدۇ.

ئۇ قىسقىغىنا ھاياتىدا ئۈچ پارچا رومان ۋە نۇرغۇن پوۋېست،ھېكايە ،ئەدەبىي خاتىرە ،خەت – چەك ،كۈندىلىك خاتىرىلەرنى يازغان .ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «شەكىل ئۆزگەرتىش خاتىرىسى»،«ھۆكۈم»، «سۈرگۈندە»،«يېزا دۇختۇرى» ،«ئاچلىق سەنئەتكارى»قاتارلىق ھېكايە ، پوۋېستلار توپلىمى ،«سوراق»،«ئامېرىكا»«قەلئە» قاتارلىق رومانلىرى بار .«قىلئە» كافكانىڭ سەھىپىسى ئەڭ چوڭ ئەسىرى بولۇپ ،كافكانىڭ سەھىپىسى ئەڭ چوڭ ئەسىرى بولۇپ ،كافكانىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى ئەڭ ياخشى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ھەم كىشىلەر تەرىپىدىن كافكانىڭ مۇھىم ئەسىرى دەپ ئېتراپ قىلىنغان .

بۇ روماندا باش پېرسوناژ K نىڭ قەلئەگە كىرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ھېكايە قىلىنىدۇ،نۇرغۇن غەلىتە ۋە بىمەنە ئىشلار تەسۋېرلىنىدۇ.قەلئە ھېچقاچان يەر ئۆلچىگۈچى تەكلىپ قىلمايدۇ لېكىن  K نىڭ يەر ئۆلچۈگۈچى سالاھىيىتىنى ئېتراپ قىلىدۇ .قەلئەگە قاراشلىق كەنت ئۇنچىۋالا چوڭ بولمىسىمۇ ،لېكىن بۇ كەنتنى بىر توپ ئەمەلدار باشقۇرىدۇ .ئەمەلدارلارنىڭ سانى ئۆزلىرى باشقۇرىدىغان كەنت پۇقرالىرىدىن كۆپ.ئەمەلدارلارنىڭ كۈنى ئەتىدىن – كەچكىچە ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ.ئىشخانىدىكى تېڭىق – تېڭىق ھۆججەتلەر تورۇسقا تاقاشقۇچە دۆۋىلىۋېتىلگەچكە ھېلىدىن – ھېلىغا يەرگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ تۇرىدۇ.ئادەتتىكى ئەرزلەر ،ئەرزىمەس تەلەپ – ئىلتىماسلار ئۈچۈن بىيۇروكراتلىق ئىنتايىن ئەۋج ئالغان بۇ غايەت زور ئاپپارات ئايلاپ – يىللاپ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. K تۈرلۈك ئاماللار بىلەن قەلئەگە كىرمەكچى بولىدۇ.قەلئە ئۇنىڭ كۆزىدىن بىر قەدەممۇ نېرى بولمايدۇ،لېكىن شۇنچە تىرىشقىنىغا لايىق قەلئەگە بىر قەدەممۇ يېقىنلىشالمايدۇ.

K  قەلئەگە كىرىش ئۈچۈن كىرام ئىسىملىك بىر ئەمەلدار بىلەن كۆرۈشمىسە بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ ۋە كىرام بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمايدۇ،لېكىن ھەر قانچە قىلىپمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ .ئاخىرىدا قەلئەگە كىرىشتىن ئۈمىد ئۈزىدۇ .رومان تولۇق ئاياقلاشمىغان بولۇپ ،كافكانىڭ يېقىن دوستى ماكس برودنىڭ مەزكۇر روماننىڭ نەشرگە يازغان ئىلاۋىسىگە قارىغاندا كافكا روماننى مۇنداق ئاياغلاشتۇرماقچى بولغان: K قەلئەگە كىرىش ئۈچۈن قىلمىغان ئامالى قالماي ،زىيادە چارچاش تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىدۇ . K سەكراتتا ياتقاندا قەلئەدىن K نىڭ كەنتتە تۇرۇپ قالسا ۋۇ شۇ يەردە خىزمەت قىلسا بولىدىغانلىقى ،لېكىن قەلئەگە كىرسە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كېلىدۇ.

ئىملا خاتالىقى بولسا ئىنكاس ئارقىلىق بىزنى خەۋەرلەندۈرۈشىڭىزنى سورايمىز .——–بىلەرجان

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

تاڭ سۇلالىسى بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرسىدىكى ئورۇش تاڭ سۇلالىسى بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرسىدىكى ئورۇش
شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
توزىماس گۈل توزىماس گۈل
ئەمىر تېمۈركوراگان ھەققىدە قىسسە
رامزانلىق ئېتىبار پائالىيىتى ئاياغلاشتى! رامزانلىق ئېتىبار پائالىيىتى ئاياغلاشتى!

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.