ئاخىرقى دىڭىزغا يۈرۈش
ئاپتورى:ۋ.گ.يان
باھاسى:45.00
2006- يىل 4-ئاي 1-نەشرى
2011-يىل 1-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1001-4000
ISBN:9787228099399
قىسقىچە مەزمۇنى
«“ئاخىرقى دېڭىز“غا يۈرۈش » سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ستالىن ئەىبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى يازغۇچىسى ۋاسىلىي گرىگورۋېىچ يانچېۋسكىي نىڭ تارىخىي ترلوگىيىسى – «مۇڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزى» (بىرىنچى قىسىمى «چىڭگىزخان» ، ئىككىنچى قىسىمى «باتۇخان») نىڭ ئۈچىنچى قىسىمى.
بۇ روماندا XIIIئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئاخىرى 40-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا مۇڭغۇل ، تاتار قۇشۇنلىرىنىڭ چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى باتۇخاننىڭ باشچىلىقىدا ياۋروپاغا يەنە بىر قېتىم يۈرۈش قىلغانلىقى ئاساسىي ۋەقەلىك قىلىنىپ ، مۇڭغۇللارنىڭ سەركەردىلىرى ، مۇشاۋىرلىرى ، خانىشلىرى ، باغداد خەلپىلىكىنىڭ ئەلچىسى ، گېرمانىيە خاقانى ، سالنامەچىلەر ، جۇڭگو بىناكارلىرى قاتارلىق نۇرغۇن پېرسۇناژلارنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان . كىيېف قىلئەسىدىكى ئۇرۇش جىلغىلىرى ۋە تۈزلەڭلىكلەردە يۈرۈش قىلۋاتقان قوشۇنلارنىڭ ئېلىپ بارغان دەھشەتلىك ئۇرۇشلىرى ناھايىتى تەسىرلىك تەسۋىرلەنگەن . شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇڭغۇللارنىڭ ، شەرقىي ئاسىيا ، كىچىك ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشى ، ئۆرپ – ئادەتلىرى ، شامان دىنى ، ئىسلام دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ دىنىي مۇراسىم شەكىللىرى تونۇشتۇرۇلغان .
كىتابنىڭ ۋەقەلىك قىزىقارلىق ، قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە ، تەسۋېرلىرى ئىنچىكە ۋە تىلى راۋان بولۇپ ، ئوقۇرمەنلەرنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالىدۇ .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق