تۈبۈتلەر ۋە تاڭغۇتلار
تۈبۈتلەر ۋە تاڭغۇتلار
مىلادىيە 8-ئەسىردە ،تۈبۈتلەرمۇ گەنسۇغا قاراپ كېڭەيگەن ھەم دۇنخۇڭنى ئىشغال قىلغان . تۈبۈتلەرگە ئائىت ساقىلىنىپ قالغان ئەڭ بۇرۇنقى سىزما رەسىملەر مۇشۇ مەزگىلدە ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇپ ، كىشىلەر دۇنخۇاڭدىن ۋە باشقا رايونلاردىن كۆپلىگەن تۈبۈتچە ھۆججەتلەرنى تاپقان . تۈبۈت ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ ، بەزى ھۆججەتلەر يەنىلا تۈبۈت يېزىقىدا پۈتۈلگەن . تۇرپاندا ساقىلىنپ قالغان تۈبۈتچە ھۆججەتلەر ئاساسلىقى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ، ئەكسىچە دۇنخۇاڭ ۋە قاراشەھەر )黑城)دىن تېپىلغانلىرى بولسا ، ئاساسلىقى بۇددا دىنىغا ئائىت ھۆججەتلەر ، ئۇنىڭدىن قالسا ھەرخىل دىندىن خالىي ماتېرىياللارمۇ بار.(كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ:كىتاپ يۇرتى)
تاڭغۇتلار ياكى غەربىي شيالىقلار ، تۈبۈتلەر بىلەن تۇغقاندارچىلىقى بار بىر مىللەت بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئانا ماكانى كۆكنۇر (چىڭخەي كۆلى) رايونى ، يەنى تىبەت ئېگىزلىكىنىڭ شەرقى شىمال قىسىمى. مىلادىيە 10-ئەسىردە غەربىي شىيالىقلار بىر خانلىق قۇرغان ، زېمىنى گەنسۇنىڭ غەربىي قىسىمى ، جۈملىدىن دۇنخۇاڭ رايونىنىمۇ ئكز ئىچىگە ئالاتتى . ئۇلار بۇ رايوننى ئىشغال قىلىشتىن بۇرۇن، ئاشۇ قىممەتلىك ،كۆپ خىل تىلدا يېزىلغان قۇليازمىلارنى دۇنخۇاڭدىكى بىر كىچىك ئۆڭكۈر(ھازىرقى 17-غار) گە قويۇپ ئېتىۋەتكەن . بۇ قوليازمىلار مۇشۇ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىغا كەلگەندە ، كىشىلەر تەرىپىدىن تېپىۋىلىنغان . غەربىي شىيالىقلار بىرخىل ئەھمىيەتلىك ، لېكىن ناھايىتى ئاز تەتقىق قىلىنغان بۇددا دىنى ھۆججەتلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىشلەتكىنى خەنزۇ يېزىقىدىن ئۆزگەرتىلگەن ئۆزلىرىنىڭ تىل – يېزىقى ئىدى ، (كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ:كىتاپ يۇرتى) شۇنىڭدەك بەزى سىزما رەسىملەرمۇ غەربىي شيا دەۋرىدە بارلىققا كەلگەنىدى .ئۇلارنىڭ دۆلىتى 1227-يىلى مۇڭغۇللارنىڭ تەرىپىدىن گۇمران قىلىنغان.(كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ:كىتاپ يۇرتى)
كېيىنكى قېتىمدا مۇڭغۇللار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنىدۇ …
مەزكۇر تېما 2003-يىلى شىنىجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «قەدىمكى يىپەك يولى مەدەنىيىتى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى ..
مەزكۇر كىتابنى سېتىۋېلىش ئادرىسى:http://item.taobao.com/item.htm?id=9186881321
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ياخشىكەن ، تېخىمۇ كۆپ تارىخى رومانلارنىڭ چىقىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . چىڭگىزخانغا ھەقىقەتەن قايىلمەن . ۇنىڭدەك بىر داھىي قاچان چىقاركىن تاڭ
داۋاملىق تىرىشىمىز ،،بىزنى قولىغىنىڭلارغا رەھمەت