كۈيۈمسىز دادا

كۈيۈمسىز دادا

قۇلاق سال ، ئوغلۇم: ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىڭدا ساڭا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلاي . ئۆزۈڭ كارىۋاتتا ياتىسەن ، يۇمران قوللىرىڭ قوۋۇزۇڭنىڭ ئاستىدا تۇرۇپتۇ .قوڭۇر بۈدۈر چاچلىرىڭ تەرلىگەن پىشانەڭگە چاپلىشىپ كېتىپتۇ، مەن مەن ئەمدىلا پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ھۇجىراڭغا كىردىم ،بىر نەچچە مىنۇت ئىلگىرى كىتابخانىدا گېزىت كۆرۈۋاتقىنىمدا ،بىر خىل پۇشايمان ئوتى يۈرىكىمنى ئۆرتىدى ، دېمىم سىقىلىشقا باشلىدى . شۇ تاپتا قاتتىق ئۆكۈنۈش تۇيغۇسى بىلەن كارۋىتىڭنىڭ يېنىدا تۇرۇپتىمەن .

خىيالىمدىن نۇرغۇن ئىشلار كەچتى ، ئوغلۇم، مەن ساڭا بەك قوپاللىق قىپتىمەن . كىيىملىرىڭنى كىيىپ مەكتەپكە ماڭىدىغان چاغدا ، يۈزۈڭنى پاكىزە يۇماي لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپلا قۇيۇپسەن دەپ كايىپتىمەن . ئايىغىڭنى تۈزۈكرەكى ئېرتمىغىنىڭدا ئاچچىقلىنىپتىمەن . نەرسە – كېرەكلىرىڭنى پولغا چېچىۋەتسەڭ ۋارقىراپتىمەن .

تاماق يېگەندە ئۈستەلگە چېچىۋېتىپسەن ، ئاشنى چاينىماي يالماپ يۇتىدىكەنسەن ، بېغىشىڭنى ئۈستەلگە قويۇۋاپسەن ، بولكىغا سېرىقماينى بەك كۆپ سۈرتىۋاپسەن دەپ سەندىن ئەيىب ئىزدەپتىمەن ، سىرتتا ئويناۋاتقىنىڭدا پويىز ئىستانسىغا كېتىۋاتسام قولۇڭنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ :«دادا، خوش»دەپ توۋلىساڭ قاپىقىمنى تۈرۈپ تۇرۇپ «گەۋدەڭنى كۆتۈرۈپ گەپ قىل » دەپ ۋارقىراپتىمەن .

كەچتە يەنە:كېلىۋاتسام يولدا تىزلىنىپ ئويناۋىتىپسەن ، پايپىقىڭنىڭ نەچچە يېرى تېشىلىپ كېتىپتۇ دەپ ساڭا كايىشقا باشلاپتىمەن. دوسلىرىڭنىڭ ئالدىدىن سېنى ھەيدەپ ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلگىنىم ساڭا بەك ئار كەلدى . بۇ پايپاقنى پۇلغا ئالغان -ئۆزۈڭ پۇل خەجلەپ ئالغان بولساڭمۇ ئۇنچە قىلىۋەتمەستىڭ دەپتىمەن . قارا، ئوغلۇم، داداڭ بولغان ئادەم قاراپ تۇرۇپ ئاشۇنداق گەپنى قىلامدۇ!

يادىڭدىمۇ ؟ باياتىن كىتابخانىدا گېزىت كۆرۈۋاتسام پۇتۇڭنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كىرىپ كەلدىڭ ، كۆزۈڭدىن قورۇنۇۋاتقىنىڭ چىقىپ تۇراتتى. مەن گېزىتنىڭ يوچۇقىدىن سېنى كۆرۈپ ، مېنى ئارام تاپتۇرمىغىنىڭدىن ئىچىم پۇشتى . سەن بوسۇغىدا ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىڭ . مەن «نېمە دەيسەن » دەپ غەزەپ بىلەن ۋاقىرىدىم .

سەن ئۈندىمەستىن ئۇدۇل يۈگۈرۈپ كېلىپ بوينۇمغا ئېسىلىپ سۆيۈپ قويدۇڭ ۋە مېنى خۇدا بىلىپ يۈرىكىڭنى قاندۇردۇڭ، مېنىڭ ئېتىبارسىز قارىشىم قەلبىڭدىكى ماڭا بولغان سۆيگۈنى ئاجىزلىتالمىدى ،ئوماق قوللىرىڭ بىلەن مېنى چىڭ قۇچاقلىدىڭ . ئارقىدىن مەندىن ئايرىلىپ، چاققان قەدەملىرىڭ بىلەن يېنىك دەسسەپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ كەتتىڭ .

ئوغلۇم، سەن يېنىمدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ، قولۇمدىكى گېزىت سىيرىلىپ يەرگە چۈشۈپ كەتتى ، بىر خىل تەشۋىشلىك كەيپىياتى دىلىمدا ھۆكۈم سۈرۈپ مېنى قاتتىق ئازابلىدى . ئويلىسام ئاداۋەت ماڭا زىيانكەشلىك قىلىپتۇ . مىنىڭ ساڭا بۇلغان ۋاپادارلىقىم يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىش ۋە تەنبىھ بېرىش بىلەن كۇپايىلىنىپتۇ. مەن سېنى ياخشى كۆرمەيمەن ئەمەس، بەلكى سېنىڭدىن ئارتۇقچە ئۈمىد كۈتۈپتىمەن ، سېنى ئۆز دېمەتلىكىم ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەپتىمەن .

سېنىڭ خاراكتېرىڭدە چىنلىق ، پاكلىق، گۈزەللىك ئۇرغۇپ تۇرىدۇ . سېنىڭ كىچىكىنى يۈرىكىڭ تاغ تىزمىلىرىنى يورۇتقان تاڭ نۇرىغا ئوخشايدۇ-سىنىڭ يۈگۈرۈپ كىرىپ مېنى سۆيۈپ قويۇپ، ئارقىدىن كەچلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن دېگىنىڭنىڭ ئۆزىلا بۇ نۇقتىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى . بۈگۈن ئاخشام مەن ئۈچۈن سېنىڭ بۇ قىلىقىڭ ئالدىدا باشقا ئىشلار ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ . ئوغلۇم ، مەن ھازىر قاراڭغۇلۇقنى يېرىپ ئۆتۈپ كارىۋىتىڭنىڭ يېنىغا كېلىپ تۇرۇۋاتىمەن ، تىزلانغان چېغىمدا قەلبىمنى خىجىللىق تۇيغۇسى قاپلىۋالدى .

مېنىڭ جىنايىتىمنى يۇيۇش ئۈچۈن قىلغان بۇ گەپلىرىمنىڭ رولى ئانچە بولۇپ كەتمەيدۇ ؛ بۇ گەپلىرىمنى سەن ئويغاق چاغدا دېسەممۇ سېنىڭ بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىڭ ماڭا مەلۇملۇق.ئەمما مەن ئەتىدىن باشلاپ راۋۇرۇس دادا بولىمەن . مەن سېنىڭ يېقىن دوستۇڭ بولىمەن ، سەن ئازابلانغاندا مەنمۇ ئازابلىنىمەن ، سەن خۇشال بۇلىغاندا مەنمۇ خۇشال بولىمەن . كۆڭلۈمگە ياقمايدىغان قىلىقلارنى قىلساڭمۇ ساڭا ھەرگىز چىچىلمايمەن بىرەر مۇراسىمدا تۇرۇۋاتقاندەك توختىماستىن ئۆز-ئۆزۈمگە تەنتەنىلىك ھالدا :«ئۇ تېخى بىر بالا -تېخى بىر كېچىك ئوغۇل بالا»دەپ تۇرىمەن .

ئويلىسام .ئىلگىرى ساڭا چوڭ ئادەملەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپتىمەن . ئەمما ، ئوغلۇم، ھازىر چارچىغىنىڭدىن كارىۋاتتا تۈگۈلۈپ ئۇخلاۋاتقىنىڭدا كۆزۈمگە بوۋاققا ئوخشاش كۆرۈنۈۋاتىسەن . سەن تېخى تۈنۈگۈنلا بېشىڭنى ئاپاڭنىڭ كۆكرىكىگە قويۇپ ، ئۇنىڭ قۇچىقىدا بەخىرامان ئۇخلايتتىڭ . مەن ئىلگىرى سەندىن بەك كۆپ ، بەك كۆپ نەرسە تەلەپ قىلىپتىمەن.

بىز باشقىلارنى ئەيىبلىمەستىن ، چۈشۈرۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك . باشقىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىكىشىمىز كېرەك . بۇنداق قىلىش تەنقىد قىلغاندىن كۆپ پايدىلىق ، كۆپ ئەھمىيەتلىك ؛ بۇنداق بۇنداق ھېسداشلىققا ، سەۋر – تاقەتكە ۋە مېھرىبانلىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ .

«پۈتۈنلەي چۈشىنىش – پۈتۈنلەي ئەپۇ قىلغانلىقتۇر.»

خۇددى جىنس دوكتور ئېيتقاندەك «بۇرادەر، زامان ئاخىرى بولۇشتىن ئىلگىرى ئاللا بەندىلىرىنى سوراق قىلمايدۇ.»

بىرىنچى قائىدە:

«باشقىلارنى تەنقىد قىلماسلىق ، ئەيلىمەسلىك ، باشقىلاردىن ئاغرىنماسلىق كېرەك».

دالىي كارنىڭ كىتابىنىڭ «ئىنسان تەبئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار»ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى

تۈرى :تەرمىلەر | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

يەنە بىر قىسىم كىتاپلار! يەنە بىر قىسىم كىتاپلار!
«باھادىرنامە» رومانىنى ئوقۇشتىن تەسىرات  «باھادىرنامە» رومانىنى ئوقۇشتىن تەسىرات
شىنجاڭنىڭ تەبئىي جۇغراپىيەسى شىنجاڭنىڭ تەبئىي جۇغراپىيەسى
ئىسمائىل ھاجى ئىسمائىل ھاجى
كۆزۈڭنى ئاچ ئۆزىڭنى تاپ ئەركەكلەر  كۆزۈڭنى ئاچ ئۆزىڭنى تاپ ئەركەكلەر

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. راس،،راس بۇ ئىنتايىن ياخشى بىر نەسىھەت،،ئوقۇپ بولۇپ ئۆزەمنىڭمۇ دائىم ئوغلۇمغا كايىپ ۋاقىراپ سالىدىغانلىقىم كۆز ئالدىمغا كېلىپ پۇشايمان قىلىپ كەتتىم..بەزىدە ھەقىقەتەن شۇ گۈدەكلەرنى ئۆزىمىزگە قويغان ئۆلچەمگە سېلىۋېلىپ ئەيىپلەپ بىغۇبار كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويىدىكەنمىز…

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.