«باھادىرنامە» رومانىنى ئوقۇشتىن تەسىرات

«باھادىرنامە» رومانىنى ئوقۇشتىن تەسىرات

مانا باھادىرنامەنى ئوقۇپ تۇگىتىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن … مەن ھازىرغىچە تارىخىي رومانلارنى ئوقۇپ باقماپتىمەن ،،2011-يىلى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ «جاللات خېنىم» ناملىق رومانىنى ئاكامنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئوقۇپ چىقىم تارىخى رومانغا بىراقلا قىزىقىپ قالدىم …مانا باھادىرنامەنىمۇ تۈگىتىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن …. تەسىرات ماقالىسى يازاي دېگەن ئىدىم لېكىن ھاياجىنىمنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمىدىم …يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى پاسىبان ئۆزى بىر پارچە تەسىرات ماقالىسى يېزىپ ئېلان قىپتۇ….شۇ تەسىراتتىن تەڭ بەھىرلەنسەك دېگەن ئۈمىدتىمەن…

«باھادىرنامە» نى ئوقۇشتىن تەسىرات

پاسىبان

«بىر كۈنى بىر كىتاپ ئوقۇدۇم، شۇنىڭدىن باشلاپ پۈتۈن ھاياتىم ئۆزگەردى…»

ئورخان پامۇك (تۈركىيەنىڭ 2006- يىللىق نوبىل ئەدەبىياتى مۇكاپاتى ساھىبى) نىڭ «يېڭى ھايات» رومانىدىن

بىر شامال دېرىزەمنىڭ يۇپقا پەردىسىنى قايرىپ ئۆتۈپ مېنى خىيالدىن سەگىتتى. دېرىزىنى ئېتىۋەتتىم، ئاندىن ئۈستىلىمدە 2762- بېتى كۆرۈنۈپ تۇرغان «باھادىرنامە» نى ئاستا ياپتىم…

كۆڭلۈمدە بىر ھاياجان: «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى رومان شەكلىدە مۇپەسسەل يارىتىپ بەرگۈچى يەنىلا ئۇيغۇر خەلقىدىن چىقىپتۇ…»

ئارىدىن ھەپتە ئۆتتى، ھاياجىنىم بېسىلمايتتى، ۋارقىرىغۇم كېلەتتى، روماننى ئۇچرىغان ھەر بىر كىشىگە ئوقۇپ بەرگۈم كېلەتتى…

ۋ. گ. يان نىڭ «چىڭگىزخان»، «باتۇخان» رومانلىرىنى ۋە «ئاخىرقى دېڭىزغا يۈرۈش» رومانلىرىنى ئوقۇغانىدىم. يەنە ئۆزبېك يازغۇچىسىنىڭ «ئۇلۇغبەگ تەزكىرىسى» رومانىنى ئوقۇغانىدىم. ئاشۇ رومانلارنى تېنىم جۇغ- جۇغ بولۇپ، تىترەكلىك ھاياجانلار ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتكەن ئىدىم. ئەپسۇس، ئاشۇ رومانلار ھاياجانغا سالغان دەقىقىلەردە «ئۇيغۇر» دىگەن سۆزنى كۆپ قىدىرغان ئىدىم. شۇلاردا بولسۇن، خەنزۇلارنىڭ تارىخى ماتىرىياللىرىدا بولسۇن ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىدىقۇت يۇلتۇزى» قاتارلىق تارىخى رومانلىرىدا بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ چىڭگىز ئىمپىرىيىسى ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى ۋارىسلىرىدىكى رولى ئاساسەن تولۇق ئىپادىلەپ بېرىلمىگەن ياكى قىسمەن ئىپادىلەپ بېرىلگەن ئىدى. «باھادىرنامە» دە بولسا، تۆمۈر ئىمپىرىيىسىدىن كېيىن، «موغۇل» لار نامىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا ئوينىغان رولى مۇپەسسەل تارىخى ئىسپات، ۋاقىت مەنتىقىسى، پىكىر مەنتىقىسى بىلەن روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىلگەن ئىدى.

ئاخىرى پەسكويغا چۈشتۈم، «باھادىرنامە» نى قايتا قولۇمغا ئالدىم. بۇ زور ھەجىملىك تارىخى روماندىن ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھاياجانغا ئېرىشتىم، ئەمدىن نىمە قىلىشىم كېرەك؟ ھېچ بولمىغاندا تەسىراتىمنى بولسىمۇ سۆزلىشىم كېرەكمۇ يوق؟ دەپ ئويلىدىم. «ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىمكانبار تولۇق ئوقۇشقا تىرىشىپ كەلگەن بولساممۇ، بىرەر پارچە ماقالە يېزىپ باقمىغان بىر بايقۇش، ‹باھادىرنامە› دەك زور ھەجىملىك ئەسەر ئۈستىدە ئۇنى بۇنى دىيىشكە سالاھىيىتىم قانداقمۇ توشىدۇ» دەپ ئۆزۈمنى مەسخىرىلەپ باقتىم، ئەمما سۆيۈنۈش مېنى رىغبەتلەندۈردى، ئەدەبىي يېزىق ئۆلچەملىرىگە قىلچىلىك چۈشمىسىمۇ، ئويلىغانلىرىمنى جۆيلۈپ باققۇم كەلدى. ھاياجىنىمنى تۆكۈۋېلىپ، بىركىملەرنىڭ مەسخىرىسىگە كۆمۈلسەممۇ ھېچقىسى يوق…

1، «باھادىرنامە» نىڭ مۇۋەپپەقىيىتى

1) «باھادىرنامە» دە ھۆرمەت- دەرىجە ئاتالغۇسىنى ئىپادىلەشتە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن (سۇلتان مەھمۇتخان بىلەن مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر ئوتتۇرىسىدىكى ‹ئاداش› لىقتىن باشقا) ، كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدە، بولۇپمۇ نەمۇنىلىك تەرجىمە ئەسەرلەردە، مەسىلەن: «سۇ بويىدا»، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «غەرپكە ساياھەت» قاتارلىق تارىخى ئەسەرلەردە، فىئوداللىق تۈزۈلمىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئاتالمىلىرىغا ئىنچىكىلىك بىلەن ئېتىۋار بېرىلگەن بولۇپ، بۇ شۇ ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. «باھادىرنامە» دىمۇ ھەربىر پىرسوناژنىڭ تەبىقە ۋە ئىجتىمائى ئورنىغا ماس ئاتالمىلار ئارقىلىق، پىرسوناژلار خاسلىقى كۈچەيتىلگەن.

2) ھەر بىر تارىخى شەخىس ئوبرازى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان. مەسىلەن: ئۆزبېكىستان يازغۇچىسىنىڭ «ئۇلۇغبەگ تەزكىرىسى» رومانىدا ئۇلۇغبەگ دىن ئىبارەت بۇ تارىخى شەخس ناھايىتى مۇلايىم يارىتىلىپ، ئۇنىڭ ئالىملارغا خاس خاراكتىرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولسا، «باھادىرنامە» دە ئۇنىڭ بۇ خاراكتىرىدىن سىرت، ئۇنىڭ بىر زور دۆلەتنىڭ ھۆكۈمدارىغا مۇناسىپ ھەيۋە، ئەجداد قېنىدىن قالغان ياۋايىلىق، ئەقىل-پاراسەت، قارا نىيەت، ياۋۇزلۇق قاتارلىق ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرى تېخىمۇ قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلار بىلەن بېيىتىلغان. يەكەندە ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەن مىرزا ئابابەكرى ئوبرازىمۇ ھەم شۇنداق، قىسقىسى ھەركىم بۇ رومانلارنى ئوقۇۋېتىپ ئاشۇ تارىخى شەخسلەر ھەققىدە ھېچقانداق ئويدۇرما ھىس قىلالمايدۇ…

3) ئاپتور چىنلىقنى ھەقىقى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئەينى دەۋر تۇرمۇشىنى ئۆگىنىشتىن باشقا، چىڭگىزخان دەۋرىدىن باشلانغان مۇڭغۇل- تۈرك خەلقلىرىنىڭ جەڭ سېتراتىگىيىلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان. بۇ بىلىم ئۆز نۆۋىتىدە ئەسەردىكى ھەر قايسى خانلىقلار خانلىرىنىڭ خاراكتىرىنى يورۇتۇپ بېرىشتە ھالقىلىق رول ئوينىغان. بۇنىڭغا بىر- بىرلەپ مىسال ئالمىساقمۇ، «تەقدىرىڭ تەدبىرىڭدىندۇر» دىگەندەك، روماندا تەسۋىرلەنگەن ھەر قېتىملىق جەڭلەر ۋە ھەر بىر ھۆكۈمراننىڭ تارىخى ئاقىۋىتى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

4) ئاپتور ئەسەردە ئەينى دەۋر خەلقىنىڭ (ھۆكۈمدارلىق سورۇنى ياكى پۇقرالىق سورۇنى بولسۇن) تەپەككۇر ئۇسۇلى، ئۆرپ- ئادىتى، قائىدە- يوسۇنى، تىل- دىنى ۋە باشقا ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىگىچە چوڭقۇر ئۆگەنگەن. شۇڭا ئەسەردە ھۆكۈمدارغا ھۆكۈمدارچە، پۇقراغا پۇقراچە زۇۋان بېرەلىگەن، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە روماننىڭ چىنلىقىنى ئاشۇرۇرغان…

5) ئاپتور ئەسەردە تارىختىكى ئەدىپلەر ۋە تارىخى ئەسەر، پۈتۈك، مەكتۇپ، شېئىر- نەزمە، سالنامە ۋە باشقا ئېغىز ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ تارىخى شەخس ئوبرازىنى يارىتىشقا ئەھمىيەت بەرگەن.

قىسقىسى، ئەسەرنى كۆپ ماختىمىساممۇ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس تەسىراتقا ئىگە بولۇشى تەبىئىي. ئەندى، ئەسەردىن ھىس قىلغان كەمچىللىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي (بەلكىم ئاپتور ئوقۇغۇچىلارغا قەستەن مۇشۇنداق بىر بوشلۇق قالدۇرغاندۇر، شۇنداقتىمۇ، نادانلىقنى باھانە قىلىپ پىكرىمنى تاشلاپ باقاي):

2، «باھادىرنامە» دىكى مەن ھىس قىلغان كەمچىلىكلەر

1) ئەسەردە ۋاقىت ئېنىقلىمىسىدىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم ئىسپاتلىق ئامىلغا سەل قارالغان. يەنى پۈتۈن ئەسەر بويىچە بىر قانچە ئابزاسقا پالانى يىلى بىرنىمە پەسلى، دىگەندەك ئېنىقلىما بەرگەندىن سىرت، كۆپىنچە ھاللاردا، تەسەۋۋۇرى بويىچە ۋەقەلىكنى قانات يايدۇرۇپ كېتىۋەرگەن. ھالبۇكى ئاشۇ نۇرغۇن ۋەقەلىكلەر ئارىسىدا خېلى كۆپىنىڭ خېلىلا ئېنىق بولغان ۋاقىت ئېنىقلىمىسىنى كىرگۈزۈش مۈمكىن ئىدى. بۇ مۇشۇ ئەسەرنىڭ چىنلىقىغا خال قويغان بىر ئامىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

2) ئارتۇقچىلىقتا دىيىلگىنىدەك، ئاپتور ئەسەردە «ئەينى دەۋر خەلقىنىڭ (ھۆكۈمدارلىق سورۇنى ياكى پۇقرالىق سورۇنى بولسۇن) تەپەككۇر ئۇسۇلى، ئۆرپ- ئادىتى، قائىدە- يوسۇنى، تىل- دىنى ۋە باشقا ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىگىچە چوڭقۇر ئۆگەنگەن. شۇڭا ئەسەردە ھۆكۈمدارغا ھۆكۈمدارچە، پۇقراغا پۇقراچە زۇۋان بېرەلىگەن، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە روماننىڭ چىنلىقىنى ئاشۇرۇرغان…» بولسىمۇ، سۇلتان مەھمۇتخان بىلەن مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى ‹سەن›لەش دەرىجىسىگە چۈشۈرۈشى (مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە) ئەسەرنىڭ مۇشۇ قىسمىغا بىر ئاز ساختا تۈس بېرىپ قويغان. ئەسلى ھەرقانچە دوست بۇرادەر، ئۇرۇق تۇغقان بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، خان خانچە، مىرزا مىرزىچە تەلەپپۇزغا ئىگە قىلىنسا، ئەسەردە ساختىلىققا يول قويۇلمىغان بولاتتى.

3) تارىخى رومان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەلشىر نەۋائىي (ئەسەردە ‹ناۋايى› دەپ ئېلىنغان)، مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگان قاتارلىق تارىخى شەخسلەر ئوبرازىغا دادىل ئورۇن بېرىلگەن، بىراق زامانىمىز ئۇيغۇرلىرى كۆزدە تۇتۇلغاندا، ‹ئەلشىر نەۋائىي، مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگان، بابۇر› قاتارلىق بىر قانچە شەخسكە، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە پائالىيەتلىرىگە تېخىمۇ چوڭقۇرراق چۈشەنچە بېرىلسە (ئۇلارنىڭ رولى زىيادە گەۋدىلەندۈرۈلمىسىمۇ) تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن.

4) بىلىشىمچە، تۇرپان قاتارلىق شەرقتىكى بىر قىسىم رايونلار ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ، 16- ئەسىرلەرگىچە ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشقا جاھىللىق بىلەن قارشى تۇرغان ئىكەن. بىراق ئەسەردە پۈتكۈل موغۇلىستان رايونى پۈتۈنلەي ئىسلام دىنىغا كىرىپ بولغاندەك تەسۋەرلەنگەن. مېنىڭچە ئاشۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر رايونلىرىنىڭ دىنىي مۇناسىۋەتلىرىمۇ تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك بىر تېما.

5) سۆز ئىشلىتىش جەھەتتە قىسمەن سەۋەنلىكلەر ئۆتۈلگەن، بۇنى گەرچە سەھۋەنلىك دىيىشكە بولمىسىمۇ، ئىنچىكىلەپ قارىساق بىر قانچە سۆزنىڭ بىر پۈتۈن رومان كەيپىياتىغا خېلىلا زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھىس قىلالايمىز. مەسىلەن: روماننىڭ خېلى كۆپ يېرىدە، ‹لازىم، كېرەك› دىگەندەك بۇيرۇق ئاتالمىلىرى ئىشلىتىلگەن، مېنىڭچە مۇشۇ روماندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنىڭ ئورنىدا، تېخىمۇ قەدىمچە تۈس بېرىدىغان ‹زۆرۈر، بەرھەق، مەنزۇر…› دىگەندەك سۆزلەر ئىشلىتىلسە، تېخىمۇ چىنىلىق تۇيغۇسى بېرەتتىمىكىن…

يۇقارقىلار مېنىڭ «باھادىرنامە» دىن ئالغان قىسقىچە تەسىراتىم، ئەزىزلەرنىڭ بۇنى بىر رەسمى ئوقۇلما سۈپىتىدە ئەمەس، ئاددىي ئوقۇرمەن پاسىباننىڭ كىتاپ ئوقۇش تەسىراتى تەرىقىسىدە چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمد قىلىمەن.

مەنبە: يازغۇچىلار تورى

تۈرى :ئۇنۋېرسال, تەرمىلەر | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

قەدىمكى تۇرپان
ئىسلام پەلسەپە تارىخ  ئىسلام پەلسەپە تارىخ
شىنجاڭدا ئۆتكەن ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ تەرجىمھالى
تەشنالىق تەشنالىق
ۋىجدان كۆزى ۋىجدان كۆزى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.