ئىسلام پەلسەپە تارىخ
مەجىد پەخرۇ
تەرجىمە قىلغۇچى:بۈۋى مەريەم ئابدۇكېرىم
باھاسى:28.00
دۆلەت بۇيىچە بىرلىككە كەلگەن نومۇرى:Sn651147/c
مەن بۇ ئەسەرگە بۇنىڭدىن ئۈچ يىل بۇرۇن بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولغانىدىم . چۈنكى ، بىزدە ئىسلامىيەت ھەققىدە ھەر كۈنى سۆزلەيدىغانلار بولسىمۇ ، ئۇنىڭ پەلسەپىسىنى ئۆزلۈك سىستېمىسى بىلەن ئىلمىي شەرھلەپ بېرەلەيدىغانلار كەم بولغاچقا ، بۇ جەھەتتە مەندە بىر خىل ئاچلىق تۇيغۇسى بار ئىدى . بىر كۈنى مەن زاپاس ساقلاپ قۇيۇش ئۈچۈن بۇ ئەسەرنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىدىن يەنە بىرنى سېتىۋېلىپ كىتابخانىدىن چېقىۋاتسام شىنجاڭ ياش – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ مۇھەررىرى ئەركىن ئىبراھىم بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ بېرىشنى ئىلتىجا قىلدى . مەن ۋاقىتنىڭ زىچلىقىدىن ئارقىغا سۆرىدىم . ئۇ يەنە ئىككى مەرتىۋە تەلەپ قىلدى – دە ، مەن ئۇنىڭ ئىلمىي ئىنتىلىشىدىن تەسىرلىنىپ ماقۇل بولدۇم . ئەمما بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداي دەپ يۈرگەن شۇ كۈنلەردە خوتەنلىك بىر يوچۇن ئوقۇتقۇچى خاس دىنغا ئائىت بىر ماقالىسىنىڭ تەرجىمىسىنى كۆتۈرۈپ ئىشخانامغا كىرىپ كەلدى . ماقالىسىنى ئوقۇسام ، ئۇنىڭ تەرجىمىگە كۈچى يېتىدىغاندەك بىلىندى . شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش ھەققىدە ئۇنىڭدىن پىكىر ئالدىم . ئۇنىڭ كۆزى قورقتى ، لېكىن مەن بىلىشىمچە يول كۆرسەتتىم ، دىنىي لۇغەتلەرنى بەردىم . ئارىدىن تەخمىنەن ئىككى – ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ قەتئىي نىيەتكە كەلدى . ئۇ مانا بۈگۈنكى بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمانى بۈۋى مەريەم ئابدۇكېرىم ئىدى . بۇ قىز شۇنىڭدىن باشلاپ ئىجتىھات بىلەن بۇ ئىشقا كىرىشىپ كەتتى ، ھەزرىتى ئەلى بارات بىلەن مەن ئۇنىڭ غەيرىتىگە غەيرەت قوشۇپ ئەسەرنىڭ تەھرىرلىك ھەم كوررېكتورلۇقىدا ئىشلىدۇق . بۇ جەرياندا مەن ياشلىرىمىز ئارىسىدىن چىققان بۇ ئىككى ئىلىم ھەۋەسكارىغا قايىللىقىم بىلەن ھۆرمەت قىلدىم ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسەر ھەر بىرلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا يېتىپ كەلدى .
بىز بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىشقا شۇنىڭ ئۈچۈن قىزىقىپ كەتتۇقكى ، بىز يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئىسلام پەلسەپىسى توغرىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا مۇنداق سىستېمىلىق ، ئەتراپلىق يورۇتۇش ئېلىپ بارغان باشقا بىر ئەسەرنى ئۇچرىتىپ باقمىغانىدۇق . ھەر كۈنى ئىسلامىيەت ھەققىدە سۆز ئالىدىغان بۇ يۇرتتا ئىسلام پەلسەپىسى ھەققىدىكى بىلىملەرنىڭ بۇنداق كەملىكى بىزدە كرىزىس تۇيغۇسى پەيدا قىلىنغانىدى . ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭمۇ خۇددى بىزدەك ئىسلام پەلسەپىسى ھەققىدىكى بۇ ئەسەردىكىدەك بىلىم قاناللىرىغا ئىنتىزار ئىكەنلىكى بىزگە دائىم بىلىنىپ تۇراتتى . راستىنى ئېيتقاندا ، ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ، ھەتتا ئوقۇتقۇچى ، زىيالىيلارمۇ بۇ جەھەتتە كۆپ بىلمەيتتى . ھەر كۈنى دىنىي مەسىلىلەرگە تاقىلىپ تۇرىدىغان زاتلارمۇ مۇنداق ئىلمىي كىتابلارنى ئوقۇماي قىياس بىلەن سۆزلەپ يۈرەتتى . بۇنداق تەخمىنەنچىلىك ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنىڭ ھەرقانداق بۇرجىكىدە قوبۇل قىلىپ بولمايدىغان پەلسەپە نامراتلىقى بولۇپ ، بىز بۇ ئەسەرنى بۇنداق نامراتلىقنى تۈگىتىپ بىر قەدەر ئىلمىي بولغان ئىسلامى پەلسەپىسى قارىشىنىڭ تۇرغۇزۇشتا مۇھىم دەرسلىك ھېسابلىنىدۇ دەپ قارىدۇق ، ھەمدە بۇنداق يىرىك ئەسەرلەرنى يېزىپ تەقدىم قىلىشقا قۇربىمىز يەتمىگەندىن كېيىن ئوقۇرمەنلەرگە مۇشۇ تەرجىمە ئارقىلىق بولسىمۇ كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.
بۇ ئەسەر جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن تاللاپ نەشرگە تەييارلانغان بولۇپ ، ھەقىقەتەن نادىر ئەسەردۇر . بىزچە ، كۆڭۈل قۇيۇپ ئوقۇغان ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، بۇ ئارقىلىق ئىسلامىيەتنىڭ مېغىزلىق تەرەپلىرىنى بىلىپ ئېلىشقا ، رەسۇللا يول باشلىغان چاغدىن ھازىرغىچە بولغان پەلسەپىۋى پىكىرلەرنىڭ باش – ئاخىرىنى ئۇلاپ چۈشىنىشكە ، بۇ جەھەتتىكى قىزىققان ئالدىراڭغۇ پىكىرلەر ئازاد بولۇپ ، سوغۇققان تەمكىن پىكىرلەرگە ئۆتۈشكە ، ئادەم ،ئالەم ، ئەقىل ، بىلىم ، بەخت ، روھ ، ئېتىقاد … قاتارلىق كىشىلىك ھاياتنىڭ قەدىر – قىممىتىنى يارىتىدىغان تۈگۈنلۈك مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىشقا ، قىسقىسى ، ئىسلامىيەت تارىخىدىكى كامىل ئىنسانلارنىڭ زىلزىلە پەيدا قىلغان پىكىر تارىخى بىلەن تونۇشۇپ ، زاماننىڭ مەدەنىيەتلىك رىقابەتلىرىدىكى پەلسەپىۋى ۋە ئىجتىمائىي پىكىرلەر توقۇنۇشلىرىغا تەمكىن مۇئامىلە قىلىشقا يول تاپقىلى بولىدۇ . بىراق ، شۇنىمۇ كۆرمەي بولمايدۇكى ، بىرىنچىدىن ، بۇ ئەسەر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان بىر ئەرەب مۇسۇلمان تەرىپىدىن ناھايىتى تولۇقى بىلەن نەزىرىنى تىل ئارقىلىق يېزىلغان . شۇڭا ، چوڭقۇرراق ئەقىل سەرپ قىلىماي ھېكايە ئوقۇغاندەك ئوقۇغاندا مۇھىم مەزمۇنلارنى دەماللىققا چۈشىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ . ئىككىنچىدىن ، بۇ ئەسەر خەنزۇ تىلىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى . بىز خەنزۇچە نۇسخىسىدا تەرجىماننىڭ ئىسلامىيەت بىلەن بەزى تەرەپلەردە تونۇشلۇقى يوقلۇقىنى ، شۇڭا تىلدا مۇرەككەپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايقىدۇق . شۇ تۈپەيلى بىزدىمۇ بەزى تېڭىرقاشلار بولدى . يەنە كېلىپ بىز ئىسلامىيەت ھەققىدە مەخسۇس ئوقۇش ۋە مۇتالىيلەرگە قاتنىشىش پۇرسەتلىرى يوق تەرجىمان تەھرىرلەر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بەزى نازۇك تەرەپلەرنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن بولۇشىمىز مۇمكىن . ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە ئەقلىمىز يەتمەي قالغان تەرەپلەر بولسا ، تۈزىتىش بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ماڭا بىرى لازىم ئىدى
بار،بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ