كۆزۈڭنى ئاچ ئۆزىڭنى تاپ ئەركەكلەر
نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن
باھاسى:18.00
2006-يىلى 9-ئاي 1-نەشرى
2010-يىلى 3-ئاي 2-بېسىلىشى
تىراژى:10000-15000
Isbn:7537242313
ئاپتوردىن
زېمىنغا تۇنجى بولۇپ ئاپىرىدە قىلىنغان ئىنسان – ئادەم ئاتا ، يەنى ئەر بولدى . ياراتقۇچىنىڭ ئۇنى زاتى ئىنساننىڭ بىردىنبىر ئاتا يىلتىزى قىلىپ يارىتىشىدا ۋە ھەتتا پەرىشتىلەرنىمۇ ئۇنىڭغا سەجدە قىلدۇرۇشىدا بەلكىم كارامەت ھېكمەتلەر بولۇشى مۇمكىن . زېمىنغا بولغان مەسئۇلىيەت ، ھوقۇق ، بارلىق جاندار – شەيئىلەردىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى ، يەنى يۈكسەك ئەقىل – پاراسەت ، ئائىلە – جەمئىيەت تۈزۈشتىكى يادرولۇق ئامىل بولمىش ئايال ۋە قىلبلەرنى بىر – بىرىگە چەمبەرچاس باغلاپ تۇرغۇچى مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنى ئەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشتا ئەرگە بولغان ئىشەنچىنىڭ قانچىلىك بۈيۈكلۈكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ . دېمىسىمۇ ، ئەر – ئايالنىڭ باشپاناھى ، ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى ، جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى . ئەرلەر جۇشقۇن جەمئىيەتتىن شادلىق سادالىرى ئۈزۈلمەيدۇ . زەيپانە ، لايغەزەل ئەرلەر قاپلىغان جەمئىيەت مەنىۋى ، ئەخلاقىي ئىقتىسادىي كرزىسىنىڭ پاتقىقىدا قالىدۇ . ئەرلەر كاردىن چىققان جەمئىيەتتە ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ تېتىقسىز ، بىمەنە قىيا- چىيالىرى ئارقىلىق ئەسلىي يۈكسەكلىك ، مۇكەممەللىك ۋە پاراسەت – پەزىلەتلەرنىڭ نىمجان ھالىنىڭ بېشىغا دەسسەپ ئوينايدۇ . تاپتىن چىققان بۇزۇقچىلىقلار ئارىسىدىن ئەرلەرنىڭ ھالىدىن كەتكەن بىچارە تۇرقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . بىز دەسسىسە يەر تىترەيدىغان ، ئەقىل ۋە ماھارەتتە ھەممىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان يېتۈك ئەرلەرنىڭ ئورنىدا خېنىم چىراي، لاتا بەل ، بوشاڭ ، چۈشكۈن ئەرلەرنى تولا كۆرىدىغان بولۇپ قالدۇق . جەمئىيەت ئېغىر ئەخلاقىي كرىزىسلارنىڭ توپاندا چايقىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ . بۇ بالاسى – ئاپەتلەرنىڭ سەۋەبىنى نەدىن ئىزدەيمىز ؟
مەسىلە دەل ئەرلەردە ، بىزنىڭ ئەقىدە – ئېتىقادىمىز ، ياشاش ئۇسۇلىمىز ، تۇرمۇش ئادىتىمىز ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللاردا . ئەرلەر تۈزەلسە ئاياللار ئوڭشىلىدۇ ، جەمئىيەت ساغلاملىشىدۇ ، پەرزەنتلەرنىڭ چىرايى نۇرغا توشىدۇ ، سائادەت زىيالىرى بوسۇغىمىزنى يۇيۇپ تۇرىدۇ .
كىتاب مۇشۇنداق بىر زۆرۈرىيەت ۋە سەمىمىي ئىنتىلىش سەۋەبىدىن يېزىلدى . مېنىڭ باشقىلارغا ئەقىل ئۆگەتكۈدەك سالاھىيىتىمنىڭ يوقلۇقى ئېنىق . ئەمما مەن ھەربىر ھەرپنى يېزىۋاتقىنىمدا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق ۋە شۇلار سەمىمىي ئىتائەت قىلىشى بەرھەق بولغان مۇقەددەس ۋەز – كالاملارنىڭ ئاھاڭىنى تىڭشاڭ تۇردۇم دە ، غەرەزسىز ئويلىرىمنى ئايانماي بايان قىلىپ چىقىشنى لايىق تاپتىم . دېمەككى ، مەن ئەمدىلا مۇستەقىل تۇرمۇشقا قەدەم قويغان بىر تەنتەك ياشنىڭ ئەمەس ، بىر ئەر كىشىلىك تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئىش – كۈشلەرنىڭ زۇۋانىنى يەتكۈزدۈم . لايىقىدا يەتكۈزەلمىگەن بولسام، قولۇم كۆكسۈمدە تەنقىدكە تەشنامەن .
مەن شۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمەنكى ، ئەر تۈزۈلىدۇ ، مۇكەممەللىشىدۇ ، ئورنىدىن دەس تۇرىدۇ . چۈنكى ، ياراتقۇچى سالغان ئوت ئۆچمەيدۇ ھەم كۆيمەيدۇ ! سالام ، ياخشى يولغا ماڭغان كىشىلەر
2006-يىل سېنتەبىر ئۈرۈمچى
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق