كروراندىكى ئىزچىلار
ئاپتورى:مۆيدىن سايىت بوستان
باھاسى:88.00 .1-،2-قىسىم
2008-يىلى 1-ئاي 1-نەشرى
2009-يىلى 5-ئاي 2-بېسىلىشى
تىراژى:5001-8000
ISBN:9787228113477
مۇھەررىردىن
پېشقەدەم شائىر ، ژۇرنالىست ، لوپنۇرشۇناس مۆيدىن سايىت بوستان 1935-يىلى 5-ئايدا كورلا شەھىرىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ 1952-يىلى قاراشەھەر پېداگوگىكا مەكتىپىنى كۈتكۈزۈپ ، 1955-يىلى 8-ئايغىچە كورلا شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولغان ، كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدا ، ئاندىن بايىنغولىن ئوبلاستلىق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدا ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوبلاستلىق ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، «بوستان» (ھازىرقى كروران) ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەپ ، 1995-يىلى 6-ئايدا پېنسىيىگە چىققان .
مۆيدىن سايىت بوستان 1959-يىلى «شىنجاڭ ياشلىرى» گېزىتىنىڭ 6-فېۋرال سانىدا ئېلان قىلىنغان «سەيلە قىلىلى ئاياغ» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن . ئۇنىڭ قىرىق نەچچە يىللىق ئىجادىيەت پائالىيىتىنى ئەدەبىي ئىجادىيەت ، ئەدەبىي ژۇرنالچىلىق ، لوپنۇر فولكلورچىلىقى قاتارلىق ئۈچ جەھەتتكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ . مۆيدىن سايىت بوستان ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قىزغىنلىق بىلەن كىرىشىپ ، بىر بۆلۈك شېئىر ، ھېكايە ، پوۋېست ، شۇنداقلا دراما يېزىپ ئېلان قىلدى . ئۇ ژۇرنالدا ئىشلىگەن 15 يىل جەريانىدا ، بايىنغولىن ئەدەبىيات بوستانلىقىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە بىر تۈركۈم ئۈمىدلىك ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلەرنىڭ مەيدانىغا كېلىشى ئۈچۈن تەمەسىز ۋە ھالاللىق بىلەن ئىشلىدى .« بوستان » ژۇرنىلىنىڭ 1979-يىلىدىكى تۇنجى سانىدا ئۇ باشقىلار بىلەن توپلىغان بىر تۈركۈم لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى بىلەن ئۇنىڭ «لوپنۇر قوشاقلىرىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا» دېگەن ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىندى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئۇ ئاساسىي دىققەت – نەزىرى ، ۋاقتىنى لوپنۇر فولكلورچىلىقىغا قارىتىپ ، ئاساسلىقى لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش بىلەن ئىزچىل شۇغۇللاندى . شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984-يىلى ، ئۇ توپلاپ تۈزگەن «لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى» توپلىمىنى ، 1991-يىلى «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» نىڭ 15-كىتابىنى (باشقىلار بىلەن بىرگە تۈزدى) نەشر قىلدى . شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ 1987-يىلى 3-سانىدا «لوپنۇر قوشاقچىلىقى توغرىسىدا» دېگەن ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىندى . «بۇلبۇل» ناملىق باللادىسى خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . ئۆزى 5-قېتىملىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» دا «مۇنەۋۋەر مۇھەررىر» شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .1990-يىل ، ئۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئۈچ يۈرۈش توپلام ئىشلەش تەھرىر ھەيئەتلىكىگە تەكلىپ قىلىنىپ ، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئۈچ يۈرۈش توپلام ئىشلەشكە رەھبەرلىك قىلىش ھەيئىتىدە مۇئاۋىن باش تەھرىر بولۇپ ئىشلەپ ، 1993-يىلى مۇشۇ ساھەدە «مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى» دېگەن شەرەپكە نائىل بولدى . 1991-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇنىڭ «ھايات باھارى» ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «باشئەگىم نەزملىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىندى . 2003-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى «لوپنۇر ئەسلىمىلىرى» ناملىق كىتابىنى 2005-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇ توپلاپ رەتلىگەن «مىنكون باتۇر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك خەلق قىسسىسىنى نەشر قىلدى . ئۇ يەنە «لوپنۇر خەلق داستانلىرى» توپلىمىنى ، شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان «ئاق بىكەش بىلەن بوز تورغاي» ناملىق 7000 مىسرادىن ئارتۇق داستانىنى نەشرگە سۇندى .
«كروراندىكى ئىزچىلار» ناملىق ئىككى توملۇق بۇ تارىخىي رومان مۆيدىن سايىت بوستاننىڭ ئوتتۇز يىلغا يېقىن لوپنۇرلۇقلارنىڭ فولكلورى ، تارىخى بىلەن ھەپىلەشكەنلىكىنىڭ بەدىئىي سەمەرىسى بولۇپ ، 1960-يىلىدىن 1934-يىلىغىچە بولغان 75 يىللىق جەريانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . روماننى .ئۇقىسىڭىز ، تېخى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە – بەش يۈز يىلغا يېقىن دۇنيانىڭ كۆز قۇلىقىدىن گويا پايانسىز دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى كۆرۈنمەس كىچىككىنە يېگانە ئارالدەك ، سىرتقى دۇنيادىن ئايرىلىپ بېكىنمە ھالەتتە تۇرغان ، مۆجىزىدەك ئاجايىپ رىۋايەت ۋە ئەپسانىۋى پەردىلەر ئىچىدىكى سىرلىق دۇنيا – لوپنۇر ۋە لوپنۇرلۇقلار توغرۇلۇق خېلى كەڭ چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالىسىز…..
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق