ئەسەبىي ھېسسىيات
ئەسەبىي ھېسسىيات
لاۋرېنىس (ئەنگىلىيە)
باھاسى:20.00
1999-يىلى 1-ئاي 1-نەشرى
1999-يىلى 1-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-4000
ISBN: 7228043308
قىسقىچە مەزمۇنى
گۈزەل قىز لىنا دادىسىدىن كىچىك يېتىم قالىدۇ . پەسكەش ئۆگەي دادىسى ئۇنى ئون ئالتە يېشىدا بىر قاۋاقخانا خۇجايىنىغا سېتىۋېتىدۇ .خۇجايىن ئۇنىڭغا ئىپلاس ۋاستىلەر بىلەن باسقۇنچىلىق قىلىدۇ . لىنا ئارقا – ئارقىدىن كەلگەن خورلۇقلارغا چىدىماي ، ئۇ يەردىن قېچىپ ، ئويلىمىغان يەردىن مولفۇن ئېكىنزارلىقىغا بېرىپ قالىدۇ . خوتۇنى ئۆلۈپ كەتكەن ئېكىنزار خۇجايىنى ئۇنى ئەمرىگە ئالىدۇ . كېيىن لىناغا ئېكىنزارلىقنى مىراس قالدۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ . لىنا ئېكىنزارلىقنى ياخشى باشقۇرۇپ ، تېخىمۇ گۈللەندۈرىدۇ . لېكىن ، تۇيۇقسىز ، ئېكىنزار خۇجايىنى ئۆلۈپ كەتتى دېگەن ئوغلى كېناتون كېلىپ قالىدۇ . ئۇ لېناغا قوپاللىق بىلەن باسقۇنچىلىق قىلىدۇ . لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ . لىنا ھۆرمەتتە ئۇنىڭ ئۆگەي ئاپىسى بولغاچقا ، ئۇ بۇنى قۇبۇل قىلالماي ئۆيدىن چېقىپ كېتىدۇ . بىراق لىنامۇ ئۇنى چىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ م كېناتوننىڭ گەپ قىلمايلا كېتىپ قىلىشى ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي كېناتون ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىپ ، لىناغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ خەت يازىدۇ . بەخىت چىراي ئېچىپ كېلىۋاتقان دەل شۇ پەيىتتە ،لىنانىڭ ئۆگەي دادىسى لىنانىڭ قارا تەنلىك پۇشتىدىن بولغان قىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ ، ئۇنىڭغا ھەرخىل تەھدىتلەرنى سالىدۇ . لىنا كېناتوننىڭ بۇ ئىشىنى بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بوستۇنغا قېچىپ كېتىدۇ .
كېناتون قايتىپ كېلىپ ، لىنانىڭ ئېكىنزارلىقتىن كېتىپ قالغانلىقىنى ئوقۇپ ، تەرەپ – تەرەپكە ئىزدەيدۇ ، دەل شۇ كۈنلەردە بوستۇنغا بېرىپ قالغان قاۋاقخانا خوجايىنى لىناغا بولغان ئۆچمەنلىكى بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرۋېتىش نىيىتىگە كېلىدۇ . ھايات – ماماتلىق ئېلىشىشلار شۇنىڭدىن باشلىنىپ كېتىدۇ . كېناتون ئاخىر لىنانى تاپىدۇ . ئاشىق – مەشۇقلار مۇرادىغا يېتىدۇ …. ئەسسەرنىڭ ۋەقەلىكى قىزىقارلىق ، جىددىي لىنانىڭ ئېچىنىشلىق ، ئەگرى – توقاي ھايات يولى ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق