تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت

تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت

ئاپتورى:ئۆمەرجان ئىمىن

باھاسى:40.00

ئالدىمدا بىر دۆۋە ئارگىنال تۇرىدۇ . ئاخىرقى قۇرلىرىنى ئوقۇپ بولۇپ مەركىزىي ئاسىيا چوڭقۇرلۇقلىرىغا يوشۇرۇپ قويۇلغان بىر خەزىنىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىنى تېپىۋالغاندەك ئىپادىلەپ بەرگۈسىز بىرخىل ھاياجانغا چۈمۈلدۈم. بۇ خەزىنە رىۋايەتلەردىكى ئەلى بابانىڭ ئالتۇن–كۈمۈش ۋە جاۋاھىراتلارغا تولغان سىرلىق ئۆڭكۈرى ئەمەس ياكى قۇم بېسىپ كەتكەن قەدىمي بىر پادىشاھلىقنىڭ يوشۇرۇن ئوردىسىمۇ ئەمەس ، بەلكى سىرتقى دۇنيانىڭ مۇداخىلىسى ۋە زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ زەربىسىدىن نىسبەتەن خالىي تۇرۇپ كەلگەن تەكلىماكاندىكى بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ جانلىق تۇرمۇش كارتىنىسىدۇر.

2000-يىلى يازدا تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۆتكەن قۇملۇق تاشيۇلى ئارقىلىق خوتەنگە بارغىنىمدا ، دەريا بۇيى ھەققىدىكى رىۋايەت تۈسى قۇيۇق بولغان ئاجايىپ گەپ – سۆز ئاڭلىغانىدىم . شۇ چاغدا مەمتىمىن تۇردى ئاكىنىڭ ئۆيىدە دەريا بۇيى ھەققىدە بولۇنغان بىر كېچىلىك پاراڭدىن كېيىن خىياللىرىم بىر قانچە كۈلەرگىچە بۇ نۇقتىن نېرى بولمىدى ‘. شۇ كۈنلەردە مەندە يېزا تەسىس قىلىنغىنىغا ئەمدىلا 12 يىل بولغان تەكلىماكاندىكى بۇ «ئۈستى ئۇچۇق ئېتنوگىرافىيە مۇزېيى» غا بېرىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈش ۋە تەكشۈرۈش ئىستىكى قوزغالدى . ئەپسۇس ، خوتەندە بولغان ئاشۇ كۈنلىرىمدە ماڭا بۇ ئىمكانىيەت نىسىپ بولمىدى . لېكىن ، دەريا بۇيى ھەققىدىكى ۋاستىلىك چۈشەنچىلىرىم ۋە خىياللىرىم خوتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ مېنى ئۆز ئارامىمدا قويمىدى . ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇشۇ خىيال ۋە تەسەۋۋۇرلىرىم ئاساسىدا «دەريا بۇيى: قەدىمكى مەدەنىيەت ئارىلىنىڭ بايقىلىشى ۋە بەرپات بۇلۇشى» ناملىق ماقالە يازدىم ھەمدە «مىراس »ژۇرنىلى(2001-يىللىق 1-سان)دا ئېلان

 

تۈرى :ساياھەت خاتىرىسى | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى
مەن شاھىت بولغان ئىشلار مەن شاھىت بولغان ئىشلار
قايتا نىكاھ قايتا نىكاھ
بالدۇرقىغا ئوخشىماس بالدۇرقىغا ئوخشىماس
يورۇڭقاش شادلىقى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.