مەن شاھىت بولغان ئىشلار

ئاپتورى:سەيدۇللا سەيپۇللايوف

باھاسى:17.00

2005-يىل 6-ئاي 1-نەشرى

2009-يىل 1-ئاي 2-بېسىلىشى

Isbn:9787537148184

نەشرىياتتىن

يولداش سەيدۇللا سەيپۇللايوف 1918-يىلى1- ئاينىڭ 4- كۈنى تۇرپان چاتقال يېزىسىدا كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1937-يىلى 8- ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن ، غۇلجا شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان . 1943-يىلى يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا چىققان . 1945-يىلى 4-ئايدا ۋەتەنگە قايتىپ ، غۇلجىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان ، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى مائارىپ نازارىتى كادىرلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ، غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، ئىلى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ، چاپچال ناھىيىسىنىڭ مۇۋەققەت ھاكىمى بولغان .

شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغاندىن كېيىن ، يولداش سەيدۇللا سەيپۇللايوف 1950-يىلى 3-ئايدا ۋاڭ جىن ، ۋان ئېنماۋنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن . يولداش سەيدۇللا سەيپۇللايوف ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ جەنۇبى تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ باشلىقى ، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي – مەمۇرىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، ئاممىۋى خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ئىلى ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى ، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ، قوشۇمچە بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان ، 1954-يىلى 8- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، قۇشۇمچە كادىرلار نازارىتىنىڭ نازىرى ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ، 1956-يىلى 7-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بولغان . 1957-يىلى ناتۇغرا مۇئامىلە تۈپەيلىدىن قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيلىقىغا ئەۋەتىلگەن . 1979-يىلى 8- ئايدا نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق 5-، 6-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق 1-،5-،6-،7-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ، 3- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ،5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىلى بولغان . 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان .

ئاپتورنىڭ بۇ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ماقالىلىرى ئاپتور ھايات ۋاقتىدا «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» ، «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى » قاتارلىق كىتاب ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان . بۇ ماقالىلەر يولداش سەيدۇللا سەيپۇللايوفنىڭ بىۋاسىتە كەچۈرمىشلىرى ۋە كېيىنكى مەزگىللەردە تارىخنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ، ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىپ ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ يېزىلغان بولۇپ ، مەزمۇنى مول ، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ . ئۇنىڭ ئىچىدە 20-ئەسىرنىڭ 30 – ، 40- يىللىرىدىكى شىنجاڭنىڭ مۇرەككەپ تارىخى ، بولۇپمۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى توغرىسىدىكى ئەسلىمىلەر بىرقەدەر كۆپرەك بولۇپ ، توپلامدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش – تەھرىرلەش كومىتېتى يېزىپ چىققان«شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» ۋە«شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخى» ناملىق كىتابلاردىكى يەكۈن ۋە نۇقتىئىنەزەرلەرگە ئۇيغۇن . بۇ ماقالىلەر شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى بولۇپمۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى ۋە مۇرەككەپ تارىخىي شەخسلەرنى توغرا تونۇش ۋە تەتقىق قىلىشتا مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە .

بۇ قېتىم توپلام قىلىپ نەشر قىلىشتا ، ئەسلىي مەزمۇنىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا ، تەھرىرلىك نۇقتىسىدىن ماقالىلەرنىڭ قىسمەن جايلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى . مەزكۇر ماقالىلەر توپلىمى مۇئەييەن بىرلا ۋاقىتتا مەخسۇس سىستېمىلىق يېزىلغان كىتاب ئەمەس . باشقا – باشقا يىللاردا ، مەلۇم مەسىلىلەرگە قارىتا يېزىلغان ئايرىم – ئايرىم ماقالىلەر بولغانلىقتىن ، بىر نەچچە ماقالىدە تەكرار مەزمۇنلار ئۇچرايدۇ . ئۇنى قىسقارتىشقا ئىمكان بولمىدى . ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

تۈرى :ئۇنۋېرسال

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.