ئۇيغۇرلاردا نەسەبنامە
ئەنۋەر سەمەد قورغان
باھاسى:20.00
2010يىلى 6-ئاي 1-نەشرى
2010-6-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-300
Isbn:9787228134144
مۇقەددىمە
نەسەبشۇناسلىق ئائىلە – جەمەت زەنجىرىنى ۋە ئۇنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمنىڭ نامى بولۇپ ، ئۇ مەلۇم ئائىلىنىڭ ئەجدادلىرىنى ۋە ئەۋلادلىرىنى ئالاقىدار تارىخىي ئۇچۇرلار ياردىمىدە ئېنىقلاش ئارقىلىق ، تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولغان مەلۇم كىشىلەر توپىنىڭ بىئولوگىيىلىك ، ئىرسىي ۋە ئائىلىۋى مۇناسىۋەت خەرىتىسىدىكى ياكى ئسخېمىسىنى تۈزۈپ چىقىشتىن ئىبارەت مۇرەككەپ بىر مەشغۇلاتتۇر .
ياۋروپا تىللىرىدا «نەسەبشۇناسلىق» مەنىسى بېرىدىغان سۆز «گېنېئالوگىيە» دۇر . بۇ سۆز »gen« ۋە»loGy« دىن ئىبارەت ئىككى سۆزدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ بۇنىڭدا »gen«دېگىنى يىلتىز ، مەنبە دېگەنلىكتۇر ؛ »loGy« بولسا »تەلىمات ، ئىلىم« دېگەنلىكتۇر . بۇ ئىككى سۆز قوشۇلۇپ »genealogy« بولغاندا ئۇ بىرەر ئىش ياكى نەرسىنىڭ مەنبە يىلتىزىنى سۈرۈشتە قىلىدىغان ئىلىم دېگەن مەنىدە كېلىدۇ . بۇ ئىلمىي ئىبارىنى ئۇيغۇر تىلى بۇيىچە »مەنبەشۇناسلىق« ياكى »يىلتىزشۇناسلىق« دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ . دەرۋەقە ، »گېنېئالوگىيە« ئىبارىسى كۆپ مەنىلىك سۆز بولۇپ ، مۇناسىپ ھالدا ئۇ كەڭ مەنىدە ھەر قانداق بىر شەئىي ياكى ھادىسىنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىزدىنىش ئىلمىنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن ، سېلىشتۇرما ئەدەبىياتتا بىر مىللەت ئەدەبىياتىدىكى چەت ئەل مەنبەلىك تەركىبلەر نىڭ مەنبەسىنى ئېنىقلاش تەتقىقاتى گېنېئالوگىيەلىك ياكى مەنبەشۇناسلىق بويىچە تەتقىقات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق